فازا

فازا بولسا ئۆزگىرىشچان توكنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتىكى ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان فىزىكىلىق مىقدار . ئۆزگىرىشچان توكنىڭ يۆنىلىشى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى ۋاقىتقا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ . مەسلەن سىنۇسلۇق ئۆزگىرىشچان توكنىڭ فورمۇلاسى i=Isin2πft بولۇپ ، i بولسا ئۆزگىرىشچان توكنىڭ پەيتلىك قىممىتى ، I بولسا ئۆزگىرىشچان توكنىڭ ئەڭ چوڭ قىممىتى ، f بولسا ئۆزگىرىشچان توكنىڭ چاستوتىسى ، t بولسا ۋاقىت . ۋاقىتنىڭ سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىشچان توك نۆلدىن ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە يېتىدۇ ، يۇقىرى قىممەتتىن نۆلگە قايتىدۇ ، يەنە نۆلدىن ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە يېتىدۇ ..................

ئۈچ بۇلۇڭلۇق تىرىگىنومىتىرىيىدە 2nft بۇلۇڭنى ئىپادىلەيدۇ ، ئۇ ئۆزگىرىشچان توكنىڭ خالىغان ۋاقىتتىكى ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ ، شۇڭا 2nft فازا دېيىلىدۇ .