فازا پەرقى

چاستوتىسى ئۆز - ئارا ئوخشاش ئىككى ئۆزگىرىشچان توكنىڭ فازىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ، فازا پەرقى دىيىلىدۇ . چاستوتىلىرى ئوخشاش بۇ ئىككى ئۆزگىرىشچان توك ، ئۆزگىرىشچان توك ئېقىمى بولىشىمۇ ، ياكى ئۆزگىرىشچان ئېلېكتىر بېسىمى بولىشىمۇ ۋە ياكى ئۆزگىرىشچان ئېلېكتىر يۈرگۈزگۈچى كۈچ بولۇشمۇ مۇمكىن . مەسىلەن : توك يولىدىكى ئۆزگىرىشچان توك بېسىمى ۋە مۇشۇ توك يولىدىن ئۆتكەن ئۆزگىرىشچان توك ئوتتۇرىسىدىكى فازا پەرقىنى تەھلىل قىلماقچى بولساق ، ئەگەر توك يولى «ساپ قارشىلىق » توك يولى بولسا ، ئو ھالدا ئۆزگىرىشچان توك بېسىمى ۋە ئۆزگىرىشچان توك ئوتتۇرىسىدىكى فازا پەرقى نۆلگە تەڭ بولىدۇ . يەنى ئۆزگىرىشچان توك بېسىمى نۆلگە تەڭ بولغان ۋاقىتتا ، ئۆزگىرىشچان توك ئېقىمىمۇ نۆلگە تەڭ ، ئۆزگىرىشچان توك بېسىمى ئۆزگىرىپ ئەڭ چوڭ قىممەتكە يەتكەن ۋاقىتتا ، ئۆزگىرىشچان توك ئېقىمىمۇ ئەڭ چوڭ قىممەتكە ئۆزگىرىدۇ . بۇنداق ئەھۋال «ئوخشاش فازا » دەپ ئاتىلىدۇ . ئەگەر توك يولى ئىندۇكتىۋلىق ۋە كوندىساتورقاتارلىق دېتاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا ، ئۆزگىرىشچان توك بېسىمى ۋە ئۆزگىرىشچان توك ئېقىمىنىڭ فازا پەرقى ئادەتتە نۆلگە تەڭ بولمايدۇ . يەنى ئادەتتە ئېيتىلىۋاتقان فازا ئوخشىماسلىق ، ياكى ئېلېكتىر بېسىمىنىڭ فازىسى توك ئېقىمىنىڭ فازىسىدىن ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشنى ، ۋە ياكى توك ئېقىمىنىڭ فازىسى ئېلېكتىر بېسىمىنىڭ فازىسىدىن ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ .