فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى
فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ( Le Parti socialiste (PS) ) 1902-يىل 3-ئايدا رولىس رەھبەرلىكىدىكى مۇستەقىل سوتسىيالىستلار پارتىيەسى ئىتتىپاقى، بلۇس رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك ئىشچىلار بىرلەشمىسى ( مۇمكىنچىلەر )، ئالېمانلار رەھبەرلىك قىلغان ئىنقىلابىي سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى قاتارلىقلارنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان پارتىيە.
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
تەھرىرلەشفرانسىيىدە جۇمھۇرىيەت قوغدىنىش ئىتتىپاقى، فرانسىيە دېموكراتىك ئىتتىپاقى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، كوممۇنىستىك پارتىيە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى قاتارلىق نۇرغۇن پارتىيە بار. فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىتالىيىنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ كوممۇنىستىك پارتىيىسىدىن كېيىنلا تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇ مۇستەقىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ باقمىغان. ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇمھۇرىيەت قوغدىنىش ئىتتىپاقى ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن.
فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ تەكتى 1905-يىلى قۇرۇلغان ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالى فرانسىيە ياچېيكىسى ئىدى. كېيىن بۆلۈنۈش يۈز بېرىپ، كۆپ سانلىق پارتىيە ئەزاسى پارتىيىدىن چېكىنىپ چىقىپ، فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغان، ئاز قىسمى ئىلگىرىكى نامىنى ساقلاپ قالغان، 1969-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1971-يىلى مېتراننىڭ «جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسى كېڭەشمىسى» ھەم باشقا سول قاناتلار پارتىيىگە قوبۇل قىلىنىپ، يەنىلا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى دەپ ئاتالغان. پارتىيە ئەزاسى تەخمىنەن210 مىڭ كىشى، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خىزمەتچىلەر، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، فرانسۇزلار ۋە ئىنژېنېرلار. بۇ پارتىيە ئىچكى قىسمىدا، دۆلەت مۈلۈكچىلىكىنى ھەمدە مەلۇم دەرىجىدە پىلانلىق ئىگىلىكنى يولغا قويۇش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. سىرتقا قارىتا، فرانسىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداش، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش، ياۋروپانىڭ بىرلىشىشىنى قوللاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. 1981-يىلىدىن بېرى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى مېتران ئىككى قېتىم زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغانلىقتىن، بۇ پارتىيە فرانسىيىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە بولۇپ قالدى.
سىياسىي تەشەببۇس
تەھرىرلەشۇ دېموكراتىك سوتسىيالىزمنى يولغا قويۇپ، ئىچكى جەھەتتە كۆپ پارتىيە تۈزۈمى، يەرلىك خەلق سايلىمى ئاپپاراتلىرىنىڭ ھوقۇق، ئارىلاش ئىگىلىكى؛ سىرىتقا قارىتا ياۋرۇپانىڭ بىرلىكىنى، ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش. 1991-يىلى 12-ئايدا ئالاھىدە قۇرۇلتايدا بۇنىڭدىن كېيىن ئىستراتېگىيەلىك چېكىدىن ئاشقان ئوڭچىلارغا قايتۇرما زەربە بېرىش بىرلەشمىسى. پارتىيىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئورگىنى قۇرۇلتاي، ھەر يىلدا بىر قىتىم بولغان . رەھبەرلىك ئورگىنى يېتەكچىلىك كومىتېتى، ئىجرا قىلىش ئىدارىسى ۋە مەملىكەتلىك سېكرېتارىيات قۇرۇش بەلگىلەندى.
تېز تەرەققىي قىلىشى
تەھرىرلەشئۇرۇشتىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ كۈچى ۋە تەسىرى تېز تەرەققىي قىلدى، 1945 - يىلى چوڭ سايلامدا، % 23 لىك سايلام بېلىتىگە ئېرىشتى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىمۇ خەلق فرونتى بولغاندا 200 مىڭدىن 350 مىڭغا كۆپىيىپ، فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ سول قانات پارتىيىسىدىن قالسىلا 2 - چوڭ پارتىيە. شۇنداقلا، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدە كۆپ قېتىم ئىچكى كابىنېت تەشكىللىدى، ھەمدە كۆپ قېتىم بىرلەشمە ھۆكۈمەت فىرانسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدۇ. 1946-يىلى 8-ئايدا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قۇرۇلتاي ئۆتكۈزدى، ئى . موللېر پارتىيىنىڭ باش شۇجىسى بولۇپ سايلانغان. 1947-يىلى 1-ئايدا سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە رەمادى ھۆكۈمەت زۇڭلىسى بولدى.