Open main menu

Wikipedia β

فروئىد ۋە ئۆزلۈك

فروئىد(Sigmund Freud) شەخسىيەت(personality)نىڭ تۈۋەندىكىدەك ئېلمىنىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. بىرىنجىسى، id يەنى بىئولوگىيەلىك بولۇپ،  ئىنساننىڭ ئىنسان ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق قوزغاتقۇچىسى ھىسابلىنىدۇ. Id ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى جىنىسىي ھەۋەس ۋە ھىسسىي باغنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرى، ئۆلۈمدىن ئىبارەت.[1] Id لاتىنجە ”ئو“ دىگەننى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي ئاڭسىزلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە ناھايتى تىزلا قاندۇرۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. Id باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى، چېقىلىشنى ۋە يىمەكلىكىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما، Idجەمئىيەت تەرىپىدىن قارشى چىقىلىدۇ.  Id توغۇلغاندىلا مەۋجۇت بۇلۇپ، بىئولوگىيەلىك خاراكتىرگە ئىگە. Idياش چوڭايغانسىرى بېسىلىشقا باشلايدۇ.

Idنى بېسىش جەمئىيەت تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشىدىغان بولۇپ، ئىنسان ئۈمىدسىزلەنمەسلىك ئۈچۈن ئۈزىنىڭ بىئولوگىيەلىك ئاڭسىزلىقى بىلەن جەمئىيەتنىڭ تەلىپى ئوتتۇرىسىدا بىر مۇناسىۋەت قۇرۇشىغا باشلايدۇ. فروئىد نەزىرىدىكى ئۆزلۈك(ego)(لاتىنچە مەن دىگەن مەنىدە) دەل مۇشۇ يەردە كىلىپ چىقىدۇ. ئۆزلۈك- ئىنساننىڭ توغما ئىھتىياجى(جىنىسي ھەۋەس ۋە ئۆلۈم) بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىھتىياجى(مەدەنىيەت) ئوتتۇرىسدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن كىلىپ چىققان  ئاڭدىن ئىبارەت.

يۇقىرى ئۆزلۈك(super ego) – شەخىس تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغان مەدەنىيەت قارىشى ۋە ئۆلچەملەردىن ئىبارەت. ئىنسان يۇقىرى ئۆزلۈك باسقۇچىدا ئەسىلىدىكى بىئولوگىيەلىك ئىھتىياجىنى ئاساسەن باسقان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت ئەندىزىسى بۇيىچە ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان بۇلىدۇ. ئىنسان بۇ ۋاقىتتا ئۈزىنىڭ نىمىگە ئىرىشىپ نىمىگە ئىرىشەلمەيدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەنگەن بۇلىدۇ.

فروئىد ئىنسان ھەرىكىتىنى پۈتۈنلەي بىئولوگىيەلىك نوقتىدا تۇرۇپ ئىزاھلاشقا تىرىشقان بولۇپ، ئادەمنىڭ پۈتۈن ھەرىكىتىنى جىنىسيەت بىلەن باغلايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئادەملەر ياراتقان بارلىق مەدەنىيەت دەل چەكىسز خوشاللىق-جىنىسيەتنى بېسىش ئارقىلىق ئىرىشىلگەن. ئەلۋەتتە، مەدەنىيەتنىڭ مەلۇم تۈزۈم، ئۆلچەم ۋە ئىدىيەلەر بىلەن يارىتىلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما ئىنساندىكى ئاڭسىز ۋە ئاڭلىق ھەرىكەتلەرنى جىنىسيەتكە باغلاپ چۈشەندۈرۈش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق نەتىجىلىرىنى جىنىسيەتنى ۋە ھەۋەسنى بېسىشنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراش ئىلمىيلىك جەھەتتىن ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغان چۈشەنچىدىن ئىبارەت. فىروئىدنىڭ چۈشەنچىلىرىنى ئىلمىي جەھەتتىن ئىسپاتلاش قىيىن.[2] ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي مەخلۇق، يەنى ئىجتىمائىيلىشىش ئارقىلىق ئۈزىنىڭ كىملىكىنى ۋە نىمىلىكىنى تونۇيدۇ. باشتا دىيىلگىنىدەك ئىنسانلاردىن ئايرىپ بېقىلغان بالىدا ئۈزى ۋە باشقىلار ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچە بولمايدۇ.   بۇ نوقتىدا خېبېرت مىدنىڭ ئۆزلۈك ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەت ھەققىدىكى قاراشلىرى فىروئىدنىڭ قاراشلىرىغا نىسپەتەن ئىلمىي ھىسابلىنىدۇ.

[1] John Macionis, sociology (fourteenth edition), Pearson Press, p.104

[2] John Macionis, sociology (fourteenth edition), Pearson Press, p.104