Anthe on todella pieni Saturnuksen kuu Mimasin ja Enceladuksen kiertoratojen välissä. Se tunnetaan myös nimellä Saturnus XLIX, ja sen aiempi nimi oli S/2007 S 4. Se on nimetty yhden Alkyonideista mukaan; sen nimi tarkoittaa kukikasta. Anthe on 60. löydetty Saturnuksen kuu.[1]

Anthen löysi Cassini Imaging Team kuvista, jotka otettiin 30. toukokuuta 2007. Löydön jälkeen vanhemmista Cassinin kuvista alettiin etsiä havaintoja tästä pienestä kuusta niinkin vanhoista kun kesäkuun 2004 kuvista. Anthen löytäminen julkaistiin 18. heinäkuuta 2007.

Suuremman kuun, Mimasin, keskiliikeresonanssi vaikuttaa Antheen. Tämä saa Anthen sijainnin vaihtelemaan 20 kilometrillä noin kahdessa vuodessa. Päätellen Anthen ja läheisten kuiden, Pallenen ja Methonen välimatkoista on mahdollista, että kuut voivat olla samaa alkuperää. قېلىپ:مەلۇماتلار


فىنلاندىيە (ڧىنچە: Suomi وشىۋىتچە: Finland) رەسمىي ئاتىلىشى ڧىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتى،"ڧىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتى" (ڧىنچە: Suomen tasavalta ۋەشىۋىتچە: Republiken Finland) بولۇپ، شىمالىي ياۋروپا ياكى نوردىك دۆلىتىدۇر. فىنلاندىيە شىمالىي ياۋروپانىڭ فېننوسكەندىيان(Fennoscandian) رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، غەرىپتە شىۋىتسىيە(Sweden) بىلەن، شىمالدا نورۋىگىيە (Norway) بىلەن، شەرىقتە روسسىيە (Russia) بىلەن ۋە جەنۇپتا فىنلاندىيە بوغىزى ئارقىلىق ئېستونىيە (Estonia) بىلەن تۇتىشىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىر ئەتراپىدا ئۇرال خەلقلىرىدىن بولغان فىنلارنىڭ ئەجدادى بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ ئۇششاق بەگلىكلەرنى قۇرغان. 10-ئەسىردە فىنلاندىيە دانىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. مىلادى 1397-يىلى دانىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيەلەر كارما ئىتتىپاقىنى قۇرغاندا فىنلاندىيە شىۋىتسىيەگە قاراشلىق ئۆلكە بولغان. 1581-يىلى فىنلاندىيە شىۋىتسىيەگە قاراشلىق كېنەزلىك بولغان.1809-يىلىدىكى شىۋىتسىيە چارروسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن فىنلاندىيەنى چار روسىيە بېسىۋالغان. 1917-يىلى فىنلاندىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ 1939-يىلى سوۋېت-فىنلاندىيە ئۇرۇشى پارتىلاپ فىنلاندىيە بىر قىسىم زىمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان.1941-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە فىنلاندىيە گېرمانىيە تەرەپتە تۇرۇپ سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1948-يىلى 4-ئايداسوۋېت ئىتىپاقى بىلەن فىنلاندىيە پارىژ كېلىشىمى ئىمزالاپ فىنلاندىيە بىتەرەپ دۆلەت بولغان. فىنلاندىيە زىمىنى ئاساسەن ئورمانلىق ۋە كۆل بىلەن قاپلانغان بولۇپ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ياۋروپادا 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. تۈزلەڭلىك كۆپ، ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق، ئەمما كۆپ قىسىم زىمىنى قۇتۇپ چېگرىسىغا جايلاشقان، ياز مەزگىلى قىسقا، تېمپىراتۇرا تۆۋەن بولغاچقا دېھقانچىلىق قىلىش ئەپسىز، ئەمما ئورمان بايلىقىغا تايىنىپ قەغەز سانائىتى ۋە سۈت كالىسى باقمىچىلىقى يۈكسەك تەرەققى قىلغان،فىنلاندىيە دۇنيادا كانادادىن قالسىلا 2-چوڭ قەغەز ئېكىسپورت دۆلىتى، ئورمانچىلىق ماشىنىسازلىقى ، ئۇچۇر سانائىتى تەرەققىياتى ۋە خەلقارا ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى دۇنيادا 1-ئورۇندا ئورۇندا تۇرىدۇ.فىنلاندىيە پۇخرالىرنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولۇپ 1958-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى ئۇمۇملاشقان. ئاھالىنىڭ 32% ئالى مائارىپ سەۋىيىسىگە ئىگە. 2005-يىلى ئېستونىيىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى 3.4%، سانائەت 28%، مۇلازىمەت 68.6%نى ئىگەللىگەن بولۇپ -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى2مىلىيۇن 120مىڭ، يانپون ئابونتى 5 مىليۇن231مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 3مىلىيۇن286مىڭ بولغان 2013 –يىلى فىلاندىيىنىڭ نوپۇسىنىڭ 90% ى فىنچە(Finnish) سۆزلەيدىغان فىنلارنى(Finns ) ئاساس قىلغان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 5.5 مىليون .[2] ، ئاساسلىق ئاھالىسى جەنۇپتىكى رايونلارغا مەزكەزلەشكەن.[3][4]. فىنلاندىيە يەر كۆلىمى جەھەتتىن ياۋروپادىكى سەككىزىنچى چوڭ دۆلەت (eighth largest country in Europe ) بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى(European Union) نوپۇس زىچلىقى ئەڭ شالاڭ ( sparsely populated country) دۆلەتتۇر. فىنلاندىيە پارلامېنتلىق (parliamentary) جۇمھۇرىيەت بولۇپ، مەزكىزىي ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ پايتەختى خېلسىنكىگە (Helsinki) ئورۇنلاشقان، 336 يەرلىك ھۆكۈمىتى ھەرقايسى بازارلارغا ( municipalities) ۋە بىر ئاپتونۇم رايونغا(autonomous region)، يەنى ئولەند ئاراللىرىغا (Åland Islands) جايلاشقان. تەخمىنەن بىر مىليونغا يېقىن نوپۇسى بۈيۈك خېلسىنكى (Greater Helsinki )(خېلسىنكى، ئېسپوۋ/ Espoo، ۋانتا/ Vantaa ۋە كاۋنىئاينېن/ Kauniainen) رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، دۆلەت گ د پ (GDP) سىنىڭ ئۈچتە بىرىنى مۇشۇ رايون ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چوڭ شەھەرلىرىدىن تامپېرې (Tampere)، تۇركۇ( Turku)، ئوۋلۇ(Oulu)، يۈۋەسكۈلە(Jyväskylä)، لاختى ( Lahti) ۋە كۇئوپىيو(Kuopio) بار. 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن تاكى 1809-يىلىغىچە فىنلاندىيە شىۋىتسىيىنىڭ(Sweden) بىر پارچىسى بولغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك شىۋىت تىلى فىنلاندىيىدە ئەنئەنە سۈپىتىدە دۆلەت تىلىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە. شىۋىت- روس ئۇرۇشىدا (Finnish War (1808–1809)شىۋىتسىيىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن فىنلاندىيە روسسىيە ئېمپىرىيىسىگە(Russian Empire) شىۋىتسىيىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىق تۆلىمى سۈپىتىدە بېرىۋېتىلگەن. روسسىيە ئېمپىراتورلىقىدا فىنلاندىيەئاپتونۇم بەگلىكى (autonomous Grand Duchy) تەسىس قىلىنىپ، تاكى روسسىيە ئىنقىلابى (Russian Revolution) پارتىلىغىچە روسسىيە ئېمپىرىيىسىنىڭ ئىلكىدە بولغان. فىنلاندىيە مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن(Finnish Declaration of Independence) كېيىن، فىنلاندىيىدە روسسىيە بولشىۋىكلىرى قوللىشىدىكى قىزىللار(Bolshevik "Reds") بىلەن گېرمانىيە ئېمپىراتورلىقىنىڭ(German Empire) قوللىشىدىكى ئاقلار ("Whites") ئارىسىدا ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىغان. قىسقا مۇددەتلىك خانلىق ھاكىمىيىتىنى (monarchy) قۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، فىنلاندىيىدە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى بېكىتىلگەن. فىنلاندىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ( World War II) مەزگىلىدە ئۈچ چوڭ ئۇرۇشنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇلاردىن ئالدىنقى ئىككى قېتىملىقى سوۋىتلار ئىتتىپاقىغا(Soviet Union) قارشى ئېلىپ بېرىلغان داڭلىق قىشلىق ئۇرۇش (Winter War (1939–1940) ۋە داۋاملىق ئۇرۇش (Continuation War (1941–1944) بولۇپ، ئۈچىنچى قېتىملىقى ناتسېس گېرمانىيىسىگە(Nazi Germany) قارشى لاپلەند ئۇرۇشىدۇر(Lapland War (1944–1945). ئۇرۇشتىن كېيىن فىنلاندىيە 1955-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ، بىتەرەپلىك رەسمىي سىياسىتىنى جاكارلىغان. 1969-يىلى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلارىغا(Organisation for Economic Co-operation and Development (OECD)، 1995-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا (European Union) ۋە 1999-يىلى ياۋرو ئىقتىسادى رايونىغا (eurozone) ئەزا بولغان. ڧىنلاندىيە تاكى 1950-يىللارغا قەدەر يېزائىگىلىك(agrarian) دۆلىتى بولغان بولۇپ، سانائەتلىشىشى بىر قەدەر كېچىكىپ باشلانغان. ئەمما ڧىنلاندىيە شىمالىي ياۋروپاچە پاراۋانلىق دۆلىتى (Nordic-style welfare state) قۇرۇش يولىدا ئىقتىسادىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بايلىقلار كەڭ تەقسىم قىلىنىپ، دۇنيا بويىچە كىشىبېشى كىرىمى (per capita incomes) ئەڭ يۇقىرى دۆلەت بولۇپ قالغان. ڧىنلاندىيە دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۈلگىلىك دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادى، مائارىپى، ۋەتەنداشلىق مۇئامىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق، ئىنسان ھەقلىرى، ئادالەت ۋە باراۋەتلىك جەھەتلەردە دۇنيادىكى ئەڭ ئۈلگىلىك دۆلەت بولۇپ، 2010-يىلى «خەۋەرلەر ھەپتىلىكى» (Newsweek) ڧىنلاندىيىنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى دۆلەت دەپ باھالىغان. ڧىنلاندىيە بىر ۋاقىتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ(United Nations)، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ(Council of Europe) ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ (World Trade Organization) ئەزاسىدۇر.

سۆز مەنبەسى تەھرىرلەش

سۇئومى ياكى سومى سۆزى (ڧىنلاندىيە مەنىسىدە) ئېنىقلانمىغان سۆز بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈلۈشى بەلكىم قەدىمقى بالتىق دېڭىزى رايونىدىكى يەرلىك تىلدىكى *زېمىن "يەرشارى" بولۇشى ئېھتىمال. ڧىن تىلىغا يېقىن بولغان باشقا تىللاردا (ڧىنو ئۇگرىك تىللىرىدا) بۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان سۆز ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بەزى تەھلىللەرگە ئاساسلانغاندا زېمىن ۋە ئېرىشىش ياكى كۈرەش مەنىلىرىنى بېرەرمىش. ئەمما بۇ سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ھالە ئېنىق ئەمەس.


تارىخى تەھرىرلەش

قېلىپ:تەپسىلاتى

تارىختىن ئاۋۋال تەھرىرلەش

تارىخي دەلىللارگە ئاساسلانغاندا ئاركىئولوگىيە، ھازىرقى ڧىنلاندىيىنى ئۆز ئىچىگە قالغان بۇ كەڭ شىمالىي ياۋروپا تۇپراقلىرىدا مىلادىدىن تەخمىنەن 8500 يىللار بۇرۇندىن تاكى تاش قوراللار دەۋرىگىچە مۇز ئېراسى بولغان بولۇپ، پۈتۈن زېمىن قار مۇزلار ئاستىدائىمىش. تارىخىي دەلىللەرگە قارىغاندا بۇ تۇپراقلاردا ئەڭ بۇرۇن ئولتۇراقلاشقانلار ئېستونلار، روسلار ۋە نورۋىگىيدىكى ئەڭ ئاۋۋالقى ئاھالىلەر بىلەن بىر زامانلاردا ياشىغانلار بولۇپ، بەزى تارىخچىلار ئۇلارنى قېرىنداش قەۋملەر دەپ قارىشىدۇ.[5] ئۇلار تاشقۇراللارنى ئىشلىتىدىغان ئەڭ دەسلەپكى بېلىقچى ئاھالىلەرئىدى.[6] ساپال قۇراللار مىلادىدىن بۇرۇنقى 5200 يىللىرى باشلاپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ ساپال تارغاقلارنىڭ ۋە باشقا ساپال بۇيۇملارنىڭ باشلانغان دەۋرىدۇر.[7] ۋىكىڭلار دەۋرىدىكى سودا مەدەنىيىتى ڧىنلاندىيىگە مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000-2500 يىللىرى يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ دەۋرلەردە تېرىقچىلىق باشلانغان.[8] ئەمما تېرىقچىلىقنىڭ باشلانغانلىقى بۇ رايوندىكى تەبىئىي ياشاش ئۇسۇلى بولغان ئوۋچىلىق ۋە بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادى تامامەن ئۆزگەرتەلمىگەن. تۇچ مىسقۇراللار دەۋرى (1500-500 مىلادىدىن بۇرۇنقى يىللار) ۋەتۆمۈر قۇراللار دەۋرى (500 م.ب- 1200 م) باشلانغاندىن كېيىن بۇ رايوندا ۋە بالتىق دېڭىزى دائىرىسىدە باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچرىشىش بولغان. ئەلۋەتتە يۇقىرىدا دېيىلگەن تۇچ ۋە تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىلىرى يەرلىك تېخنىكىلار بولماستىن، شۇ زامانلاردىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىران تۈزلەكلىكلىرىدىن بۇ زېمىنلارغا كەلتۈرۈلگەنىدى. ئۇ زامانلاردا بۇ زېمىندا ياشايدىغان ئاساسلىق ئاھالىلەر ھازىرقى ڧىنلانلار بىلەن ئانچە زور باشلىنىشى بولمىغان ھىندى ياۋروپا تىللىرىدا سۆزلايدىغان ۋىكىڭلاردىن ئىدى. كېيىنچە ئۇرال تاغلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن، ئېستون ۋە ھۇنلارنى ئاساس قىلغان كۆچمەنلەرنىڭ كۆپلەپ كېلىشى بىلەن بۇ زېمىنلاردا ئالتاي- ئۇرال تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ئاساسلىق ئاھالە بولۇشقا باشلىغان.

شىۋىد كېلىشىمى تەھرىرلەش

شىۋىد پادىشاھلىقى ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن خىرىستىيان قوشۇنلىرىنى تەشكىل قىلىپ ئەنئەنىۋىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان بەدەۋى قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بۇ تۇپراقلارنى ئۆز زېمىنلىرىغا قوشۇۋالغان. يىل 1249.[9] بۇ ۋاقىتتا ڧىنلاندىيە ڧىنلاندىيىدە شىۋىت تىللىق ئاقسۆڭەكلەر ھاكىمىيەت تۇتقان بولۇپ، شىۋىت تىلى ئالىي دەرىجىلىك تىل قاراتىدا كۆرۈلگەن. يەرلىك تىل بولغان قەدىمقى ڧىن تىلى بولسا ياۋايىلارنىڭ تىلى دەپ قارىلىپ تەربىيە كۆرگەن ڧىنلار تەرىپىدىنمۇ سۆزلەش رەت قىلىنغانىدى. يېڭى دىن تەرەپدارلىقى شىمالىي ياۋروپاغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، مىسسىيونىرلار ۋە پوپلار كەڭ ئاھالىنىڭ دىنىي كىتابلارنى ئوقۇشىغا ئىمكان يارىتىش ئۈچۈن ئەزەلدىن يېزىقى بولمىغان ڧىن تىلىغا شىۋىت يېزىقى ئاساسىدا يېزىق ئىجاد قىلغان ۋە كىشىلەرنى بۇ يېزىقتا دىنى بويىچە تەربىيلىگەن.[10] بۇ خىزمەرلەرنىڭ بېشى بولغان مېكائىل ئاگرىكولا تۇركۇ شەھىرىدە ڧىنلاندىيىدىكى تۇنجى ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان تۇركۇ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئۇلىنى سالغان. 1640. يىللىرى ڧىنلاندىيە دائىرىسىدا ئاچارچىلىق بولغان بولۇپ، بۇ ئاچارچىلىقتا 1696-1697 يىللىرى ڧىنلاندىيە نوپۇسىنىڭ ئاران ئۈچتەن بىرى قالغان. شىۋىتسىيە ۋە روسسىيە ئۇرۇشىدا (1714-1721) يەرلىك ڧىنلار تۆۋەن دەرىجىلىك ئەسكەر قاتارىدا ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇرۇشتا ڧىنلاندىيە دائىرىسىدە نۇرغۇن كىشى قازا قىلغان. كىچىك ئۇرۇشىدا (1742-1743).[11] مەغلۇپ بولغان شىۋىتسىيە ڧىنلاندىيىنى ئۇرۇش تۆلىمى ۋە تېنچلىق شەرتى نامىدا روسسىيىگە بېرىۋەتكەن. چارروسسىيە ئېمپىراتورلىقى تەرىپىدىن ڧىنلاندىيىدە ئاپتونۇم كېنەزلىك بەرپا قىلىنغان.

چارروسسىيە ئېمپىراتورلۇقى دەۋرى تەھرىرلەش

شىۋىت-روس ئۇرۇشىدا شىۋىتسىيە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ڧىنلاندىيىنى چارروسسىيىگە ئۇرۇش تۆلىمى ۋە تېنچلىق كېلىشىمى ئۈچۈن بېرىۋېتىدۇ. چارروسسىيە ڧىنلاندىيە كېنەزلىكىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، بۇ كېنەزلىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت دەرىجىسىدىكى كېنەزلىك بولۇپ، ئۆزىنىڭ پارلامېنتى، ئۆزىنىڭ ھەربىيسى بار ئىدى. بۇنىڭغا ئائىت تەپسىلىي ماتېرياللار ھازىرچە ئۇيغۇر تىلىدا يوق، ئىنشائاللاھ كېيىنچە قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە تولۇقلايمىز.

شىۋىت-روس ئۇرۇشىدا شىۋىتسىيە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ڧىنلاندىيىنى چارروسسىيىگە ئۇرۇش تۆلىمى ۋە تېنچلىق كېلىشىمى ئۈچۈن بېرىۋېتىدۇ. چارروسسىيە ڧىنلاندىيە كېنەزلىكىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، بۇ كېنەزلىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت دەرىجىسىدىكى كېنەزلىك بولۇپ، ئۆزىنىڭ پارلامېنتى، ئۆزىنىڭ ھەربىيسى بار ئىدى. بۇنىڭغا ئائىت تەپسىلىي ماتېرياللار ھازىرچە ئۇيغۇر تىلىدا يوق، ئىنشائاللاھ كېيىنچە قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە تولۇقلايمىز.

قېلىپ:ڧىنلاندىيىنىڭ روسلاشتۇرۇلۇشى

ئۇيغۇرتىلىدا ماتېريال يوق، پىدائىيلارنىڭ ئىختىيارىي ياردىمىنى سورايمىز


ّ

  1. http://saturn.jpl.nasa.gov/news/cassinifeatures/
  2. "The current population of Finland". Population Register Center. Archived from the original on 2009-04-15. Retrieved 2010-10-06.
  3. "Kuusi kuntaa katoaa kartalta". YLE Uutiset (in Finnish). Helsinki: Yleisradio Oy. 31 December 2010. Retrieved 1 January 2011.CS1 maint: unrecognized language (link)
  4. "Local Finland – Front page". Local Finland. Helsinki: The Association of Finnish Local and Regional Authorities. Retrieved 1 January 2010.
  5. Herkules.oulu.fi. People, material, culture and environment in the north. Proceedings of the 22nd Nordic Archaeological Conference, University of Oulu, 18–23 August 2004 Edited by Vesa-Pekka Herva Gummerus Kirjapaino
  6. Dr. Pirjo Uino of the National Board of Antiquities for ThisisFinland – Prehistory: The ice recedes — man arrives. Retrieved June 24, 2008.
  7. History of Finland and the Finnish People from stone age to WWII. Retrieved June 24, 2008.
  8. Professor Frank Horn of the Northern Institute for Environmental and Minority Law University of Lappland writing for Virtual Finland on National Minorities of Finland. Retrieved June 24, 2008.
  9. Sawyer and Sawyer: Medieval Scandinavia, page 67. University of Minnesota Press, 1993
  10. Finland. "History of Finland. Finland chronology". Europe-cities.com. Archived from the original on 2011-04-27. Retrieved 2010-08-26.
  11. "Finland and the Swedish Empire". Federal Research Division, Library of Congress.