قاتكۆك- يەنە چېچەك سەي دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ, 16-ئەسىردە فرانسىيەلىكلەر ئافرىقا گۋىنىيە دېڭىز قىرغاقلىرىدا يەرلىك نېگىرلارنىڭ ئىستىمال قىلىۋاتقان يېرىدىن ئۆگىنىپ ياۋروپاغا تاراتقان، كېيىن تېز سۈرئەتتە پۈتۈن دۇنيادا كەم بولسا بولمايدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان تۈگۈرچەك ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.

قاتكۆك

قاتكۆك - تۈگۈرچەك(كاللەك بەسەي)، بروكولى، كەلەمى قاتارلىق شەكلى ئوخشىشىپ كېتىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ گەرچە كېلىپ چىقىشى ئافرىقىدا بولسىمۇ بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو ۋە ھىندىستان يېمەك داستىخانلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم كۆكتات يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

قاتكۆك ئۆسىدىغان مۇھىت ۋە بېرىلىدىغان ئوغۇتقا قاراپ ھەرخىل شەكىل ۋە رەڭلەردە بولىدۇ. ياۋروپا (جۈملىدىن تۈركىيە) ۋە ئامېرىكىدا قاتكۆكنىڭ بروكولى دىيىلىدىغان تۈردىشىمۇ كەڭ ئىستىمال قىلىنىدۇ.

ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا دوۋساق راكى، ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەمچەك راكى كېسەللىكلىرى كىشىنى ئەڭ كۆپ قورقىتىدىغان كېسەللىكلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، بىزنىڭ قولىمىزدا ھەر ئىككى كېسەللىكتىن قوغدىنىش ئۈچۈن بىر تەبىئىي قورال بار. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىلىرى، قاتكۆكنىڭ دوۋساق راكى ۋە ئەمچەك راكىدىن ساقلىنىشتا، قان تەركىبىدىكى خولىسترىننى ئازايتىشتا، مەزى بېزى ياللۇغى ۋە مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى كېسەللىكتىن ساقلىنىشتۇر؛ كېسەللىككە مۇپتىلا بولغاندىن كېيىن، قاتكۆك ھەرقانداق كېسەللىككە ئۆز ئالدىغا شىپا بولالمايدۇ.

قاتكۆك ئىنتايىن كۆپ پايدىلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە بۇ ماددىلارنىڭ بىر قانچىسى راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە. قاتكۆك ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، تەبىئىي ئانتىبىيوتىك رولغا ئىگە. قاتكۆكدا نۇرغۇنلىغان ۋىتامىن س بار بولۇپ، ئوتتۇرا ھال چوڭلۇقتىكى بىر دانە قاتكۆك كۈندىلىك ۋىتامىن س ئېھتىياجىنىڭ ئىككى ھەسسىنى قامدىيالايدۇ. تالا تۈزۈلىشى ۋە كاروتىن تۈزۈلىشى، قاتكۆكنى ئۈچەينىڭ دوستى بولغان كۆكتاتقا ئايلاندۇرغان. ناھايىتى ئازغىنە سۇدا بەش مىنۇت قاينىتىلغان قاتكۆك ۋە شورپىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىلار ھورمۇنلىرىمىزنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا پايدا قىلىدۇ. قاتكۆكدا ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، يۇقىرى مىقداردا كالېتسىي ۋە سىنىك بار. 100 گىرام قاتكۆكنى ئىستېمال قىلغىنىمىزدا، 50 مىللىگىرام كالېتسىي يىگەن بولىمىز. بۇ ۋۇجۇدىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا ياخشى ئۇزۇقلىنىش ھېسابلىنىدۇ. مۇتەخەسسىلەرنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر يىلدا بىر قېتىم قاتكۆك داۋالىنىشى ئېلىپ بارغاندا ياكى ئايدا ئىككى قېتىم قاتكۆك ئىستېمال قىلغىنىمىزدا، ئۇزۇقلۇق تولۇقلاش ئۈچۈن سىنىك تابلىتلىرىنى ئىستېمال قىلىشىمىزغا كېرەك قالمايدىكەن. بەدىنىمىز ئۈچۈن كېرەكلىك سىنىك ماددىلىرىنى قاتكۆك ساقلايدۇ. قاتكۆكتىكى ۋىتامىن ئې ۋە ۋىتامىن س ماددىلىرى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ. قان ئازلىق ۋە تۆمۈر ماددىسى ئاز بولسا، قاتكۆك ئىستېمال قىلىش كېرەك. چۈنكى قاتكۆكتە تۆمۈر ۋە فولىك كىسلاتاسى بار.

قاتكۆك، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۆپ تونۇلۇشقا ۋە كۆپ ئىستېمال قىلىنىشقا باشلىدى. ئەسلىدە قاتكۆك ۋىزانتىيەلىكلەرنىڭ ۋاقتىدا ئانادولۇدا ۋە ئاق دېڭىز رايونىدا كۆپ ئۆستۈرۈلگەن. قەدىمكى رىمنىڭ تەبىئەت تارىخشۇناسى پىلىنۇسنىڭ ئەسەرلىرىدە، تۈگۈرچەككە ئوخشايدىغان بىر كۆكتات قەيت قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ كۆكتاتنىڭ قاتكۆك ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنىدۇ. قەدىمكى يېمەكلىك كىتابلىرىنى ۋاراقلىغىنىمىزدا، رىملىقلارنىڭ قاتكۆكنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغانلىقىنى بايقايمىز. قاتكۆك، دۇنيادا ئىتالىيە بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن بىر كۆكتات ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى دەۋردە گەرچە قاتكۆكنى ياۋروپاغا فرانسىيە ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما قاتكۆكنى دۇنياغا تونۇتقانلارمۇ ئىتالىيەلىك ئاشپەزلەر بولغان. 20– ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سىتسىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئامېرىكىغا قاتكۆك ئىمپورت قىلىشقا باشلاپ، سودىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئامېرىكىدىكى قاتكۆك يېتىشتۈرۈش سىناقلىرىنىڭ ئارقىسىدىمۇ يەنە ئىتالىيەلىكلەر بار ئىدى. كۈنىمىزدە ئامېرىكىدا قاتكۆك تابلىتلىرى كەڭ ئومۇملاشقان ئۇزۇقلۇق تولۇقلاش ماددىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ كۆپى ئەرلەر تەرىپىدىن دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە دوۋساقنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


قاتكۆكتە كالورىيە ناھايىتى تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن پەرھىزلەردە ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. قاتكۆكنى كۈندىلىك تاماق تىزىملىكىمىزگە كىرگۈزۈش سالامەتلىكىمىزگە ئىنتايىن پايدىلىق. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا، قاتكۆكنىڭ بەدەندىكى يود ئىلمېنتىنى ئازايتىۋىتىشىدۇر. ئەگەر ھەپتىدە 3-2 قېتىمدىن كۆپ قاتكۆك يىگەن ۋاقتىمىزدا يود قوشۇلغان ئۇزۇقلۇقلارنى يىيىشىمىز ياكى يود قوشۇلغان تۇز ئىستېمال قىلىشىمىز كېرەك.

قاتكۆكنى بازالاردىن ياكى تاللا بازارلىرىدىن سېتىۋالغان شۇنداقلا ساقلىغان ۋاقتىمىزدا، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. قاتكۆكنى سىتىۋالغان ۋاقتىمىزدا يېڭى بولۇشىغا دىققەت قىلىشىمىز ھەمدە قاتكۆك رەڭگى يېشىل بولۇشى كېرەك. سارغىيىپ كەتكەنلىرىنى ئالماسلىقىمىز لازىم. قاتكۆكنى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە قوللىنىشنى پىلان قىلغىنىمىزدا، پارچە – پارچە ئورالغان ھالەتتە توڭلاتقۇنىڭ ئەڭ سوغۇق جايىدا ساقلىساق بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، لازىم بولغان ۋاقىتتا بىر – بىردىن ئېلىپ ئىشىلتەلەيمىز. يېڭى قاتكۆك توڭلاتقۇنىڭ ئەڭ سوغۇق جايىغا قويۇلمىغاندا، ئۇزۇنغىچە ساقلىغىلى بولمايدۇ. نورمال جايدا ئۈچ كۈنگىچە ساقلىغىلى بولىدۇ. ئەڭ سوغۇق جايدا بولسا، يېڭى قاتكۆك ئالتە ئايغىچە شۇ پىتى تۇرىدۇ. قۇرۇتۇلغان قاتكۆك يېڭىسىغا قارىغاندا، سالامەتلىك جەھەتتىكى پايدىسى ئاز بولىدۇ. قاتكۆكنىڭ قارنىدا ياكى ياپراقلىرىدا قۇرت يىگەن جايلارنى ۋەياكى پارازىتلارنى كۆرگىنىمزدە قەتئىي ئالماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى، قۇرت يىگەن جايلاردىكى ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ماددىلار خىمىيەلىك ئۆزگىرىپ، سالامەتلىككە زىيانلىق ھالغا كېلىدۇ. يەنى باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قۇرت يىگەن قاتكۆكنى تەبىئىي، ھورمۇنسىز ۋە خىمىيەلىك دورا ئىشلىتىلمىگەن بىر مەھسۇلات، دەپ قارىماسلىقىمىز لازىم. قۇرت يىگەن قاتكۆك سالامەتلىكىمىزگە پايدىلىق ئەمەس.

قاتكۆكنىڭ تۈردىشى بولغان تۈگۈرچەك(كاللەك بەسەي)نىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ ئاق دېڭىز ئەتراپلىرى، بولۇپمۇ ئىتالىيە ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنىدۇ، كاللەك يىسىۋېلەك ۋە چېچەكسەيگە ئوخشاش بىر ئائىلىگە مەنسۇپ. قاتكۆكنىڭ رەڭلىك ۋە پېشقان چېچەكلىرى بىلەن قېلىن ۋە گۆشلۈك بېخلىرى، كۆكتات سۈپىتىدە قارىلىدۇ. قاتكۆكتىن قىلىنغان تاماق ۋە سالاتالار ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدۇ. قاتكۆك شورپىسىنى ئىچكىلى بولىدۇ. ھەتتا پەرھىز مۇتەخەسسىسلىرى سەۋزە ۋە ئالما سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەندە ئۇزۇقلۇق قىممىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بارلىق يېشىل ياپراقلىق كۆكتاتلارغا ئوخشاش، قاتكۆكنىمۇ يېڭى ۋاقتىدا ۋە كۆپ ئىستېمال قىلىش ئىنتايىن پايدىلىق. ياغسىز سۈت بىلەن پېشۇرۇلغان قاتكۆك ئۇمىچى بىزنى توق تۇتۇپ، سەمىرىپ كېتىشىمزنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.


باشقا شەكىللەردىكى قاتكۆكلەر


قاتكۆك، ئىللىق ئىقلىمدا ئۆسىدۇ، تۈر جەھەتتىن تۈگۈرچەك بىلەن تۇققان بولسىمۇ ئەمما تۈزۈلىشى جەھەتتىن بروكولىغا ناھايىتى ئوخشايدۇ. قاتكۆك تېرىلغاندىن يىغىۋالغىچە بولغان ۋاقىت، تۈرى ۋە تېرىلغان رايونغا قارىتا 45 كۈندىن 130 كۈنگىچە پەرقلىنىدۇ. ياز ئايلىرىدا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ 20 سېلسىيەدىن يۇقىرى بولۇشى، قاتكۆك ئۆستۈرۈشكە ئىقتىسادىي نۇقتىدىن سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياز ئايلىرى ناھايىتى ئىسسىق بولىدىغان رايونلاردا قاتكۆك ئۆستۈرۈش ئىقتىسادىي پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. قاتكۆك ئۆستۈرۈلىدىغان جايدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا بار. قاتكۆك تېرىلىدىغان ئېتىز ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچ يىل بويىچە يىسىۋېلەكتىن باشقا كۆكتات ئۆستۈرۈلمىگەن بولۇشى كېرەك. قاتكۆكنى يىغىۋېلىش ئىشى بىخ چېچەكلىرى ئېچىلىشتىن بۇرۇن بولۇشى لازىم. چۈنكى، بېخلىرىنىڭ چېچەكلىرى ئېچىلغان ياكى سېرىق چېچەكلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىغان قاتكۆك، بازاردىكى قىممىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ.


شىپا مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان قاتكۆكنى تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال قىلىشقا باشلىساق بولىدۇ. بىز ئادەتتە قاتكۆك سالاتاسى ۋە قاتكۆك ئۇمىچىنى ياخشى بىلىمىز. ئەسلىدە قاتكۆك بىلەن پېشۇرۇلىدىغان ئونلارچە تاماق تۈرى بار.

تۆۋەندە ناھايىتى ئاسانلا پېشۇرالايدىغان قاتكۆك قىزارتمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتەيلى:

قاتكۆكنى قازاندا يەڭگىل ئوتتا قاينىتىمىز. قاتكۆك پېشىۋاتقاندا ئىككى دانە تۇخۇمنى قوچىغاندىن كېيىن، ئۇن بىلەن ئارىلاشتۇرىمىز. ئارقىدىن قاينىتىلغان قاتكۆكنى تۇخۇمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، قىزارتىمىز. قىزارتىشقا ئىشلەتكەن ياغ ئورگانىك يېڭى زەيتۇن يېغى بولسا، قىزارتما سالامەتلىككە زىيان قىلمايدۇ. ئاچچىقنى ياخشى كۆرىدىغانلار تۇخۇمنىڭ ئىچىگە قىزارتىلغان مۇچلارنى سالسىمۇ بولىدۇ. مىزىلىك قاتكۆك قىزارتمىڭىز ناھايىتى ئاز ۋاقىتتىن كېيىنلا تەييار بولىدۇ.