قاراساي بازىرىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىخوتەن ۋىلايىتى دىكىقاراقاش ناھىيىسى بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا 33 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.شىمالى تەرىپىدە تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتى نىڭئاۋات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقى تەرىپى 477-تۈەن مەيدان ئورگىنى بىلەن قوشنا، شەرقىي جەنۇبتا كۇيا يېزىسى، پۇرچاقچى يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى ياۋا يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەھەر شەرقى مېردىئان ′40°79 ~ ′40°799، شىمالىي كەڭلىك ′34°37 ~ ′23°37 ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1305 مېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 3902 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 58913 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1.63 مو.

قاراساي بازىرى

喀尔赛镇.Qarasay Town

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە قاراقاش ناھىيىسى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 32 دانە
نوپۇس 38 مىڭ
تور بېكەت قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

قاراساي بازىرىنىڭ تەۋەلىكىدە 32 كەنت بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  • بازار بويى كەنتى، ئارال كەنتى، چەچقۇم كەنتى، باش كۆۋرۈك كەنتى، قارا دۆڭ كەنتى؛
  • ئالاقۇم كەنتى، خامان ئېرىق كەنتى، پەغەزدۆڭ كەنتى، سەيشەنبە بازار كەنتى، قوشتېرەك كەنتى؛
  • باغچى كەنتى، كۆنچى كەنتى، بۇلاق كەنتى، ھۆپېغىل كەنتى، ھاتتا كەنتى؛
  • غەجەك كەنتى، قۇمۇشكۆل كەنتى، غازئېغىل كەنتى، تېرىم كەنتى، شالدىراڭ كەنتى؛
  • تەتۈركۆل كەنتى، قويۇندۆڭ كەنتى، يېڭى يەر كەنتى، قيولۋاسخانا كەنتى، جىگدە قۇدۇق كەنتى؛
  • قاقلىق كەنتى، ئىتتىپاق كەنتى، يۇلغۇندۆڭ كەنتى، تاغدۆڭ كەنتى، كوچا يۇلغۇن كەنتى؛
  • ئايدىڭكۆل كەنتى، بوستان كەنتى قاتارلىق 32 مەمۇرىي كەنت بار بولۇپ جەمئىي 158 ئاھالە گۇرۇپپىسىدىن تەشكىل تاپقان.

نوپۇس تەھرىرلەش

8434 ئائىلىلىك (يېزا نوپۇسى 381 ئائىلە، شەھەر نوپۇسى بولغان 251 ئائىلە) ، 37833 ئادەم (19077 ئايال)، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر لار 37817 ئادەم بولۇپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %99.96 نى، خەنزۇ لار 16 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.04 نى ئىگەللىگەن.

ئىقتىساد تەھرىرلەش

2006-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم 1330.00 يۈەن بولغان. يېزا بويىچە ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 55500 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 416.14 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 23096 توننا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 28 مىڭ مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 383.04 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 10725 توننا، كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمى 27500 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 449.855 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 12371 توننا، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 17 مىڭ 200 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 124.133 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى بىر توننا (ساپ پاختا) بولغان. يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 1071500 تۇياق بولغان. ئۆزگىچە كەسىپلىرىدىن باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، پىلە باقمىچىلىقى قاتارلىقلار بار.