قارا ئۆڭكۈر (خەنزۇچە: 黑洞) ئىنتايىن سىرلىق بىر خىل ئاسمان جىسىمدۇر.ئۇنىڭ ھەجىمى ئىنتايىن كىچىك، ئەمما زىچلىقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە چوڭ بولۇپ، ھەر كۇب سانتىمېتىرى بىر قانچە ئون مىليارد توننا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق كېلىدۇ.

قارا ئۆڭكۈر ھەققىدە تەھرىرلەش

قارا ئۆڭكۈر ئىنتايىن سىرلىق بىر خىل ئاسمان جىسىمدۇر. ئۇنىڭ ھەجىمى ئىنتايىن كىچىك، ئەمما زىچلىقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە چوڭ بولۇپ، ھەر كۇب سانتىمېتىرى بىر قانچە ئون مىليارد توننا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق كېلىدۇ. زىچلىقى زور بولغاچقا، ئۇنىڭ تارتىش كۈچىمۇ ئالاھىدە كۈچلۈك، مەيلى قانداقلىكى نەرسە بولسۇن، ئۇ سۈمۈرۈۋالىدىغان بولسا، «قايتىپ چىقىش» نى خىيال قىلمىسىمۇ بولىدۇ، ھەتتا ھەممىدىن تېز ماڭىدىغان نۇرمۇ قارا ئۆڭكۈرنىڭ غايەت زور تارتىش كۈچىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئۆزى يورۇقلۇق تارقاتمايدىغانلىقتىن، ھەر قانداق كۈچلۈك تېلېسكوپ بىلەنمۇ ئۇنى كۆرگىلى بولمايدۇ. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، كۆپ ساندىكى ئالىملار يەنىلا ئالەمدە نۇرغۇن قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. زور ماسسىلىق تۇرغۇن يۇلتۇز تەدرىجىي ئۆزگىرىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلىشى ئارقىلىق، قورۇلۇپ قارا ئۆڭكۈرگە ئايلىنىشى مۇمكىن. ئالەم پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردىمۇ بەزى كىچىك قارا ئۆڭكۈرلەر پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. كىچىك قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ ھەجىمى ئاتوم يادروسىچىلىك چوڭلۇقتا، ماسسىسى بىرەر تاغچىلىك بولۇپ، 100 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان ئېنېرگىيە چوڭ تىپتىكى ئون ئېلېكتر ئىستانسىسى ھاسىل قىلالايدىغان ئېنېرگىيىگە باراۋەر كېلىدۇ.

ئالاقىدار بايان تەھرىرلەش

قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئۆزىنى بىر سىر دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنى ھېچكىم كۆرەلمەيدۇ. بىراق قارا ئۆڭكۈرنىڭ كۈچلۈك تارتىش كۈچى ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ئاسمان جىسىملىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاسمان جىسىملىرى قارا ئۆڭكۈر تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈش، يۇتۇۋېلىنىش جەريانىدا X نۇرى ياكى γ نۇرى تارقىتىدۇ، لېكىن قارا ئۆڭكۈر ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ھامان، ئىز-دېرەكسىز يوقىلىدۇ. ئالىملار مۇشۇ نۇرلارنى كۆزىتىش ئارقىلىق، قارا ئۆڭكۈرگە دائىر يىپ ئۇچىنى تاپتى. مەسىلەن، ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى 1-X نىڭ جورا يۇلتۇزى دەل بىر قارا ئۆڭكۈر بولۇشى مۇمكىن. يەنە بەزى ئالىملار، سامانيولىنىڭ ئوتتۇرىسىدىمۇ غايەت زور بىر قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت دەپ قارايدۇ.

سىرتقى ئۇلىنىش تەھرىرلەش