قارا - قارا قۇشلارىم ئويۇنى

بۇ ئويۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ كوللېكتىۋىزملىق روھىنى يېتىلدۈرۈشتە، ياشلارنى ئۆم، ئىناق - ئىتتىپاق ۋە ھوشيار بولۇشقا ئۈندەشتە، چاققان ۋە ھەرىكەتچان بولۇشتا ئۈنۈمى، ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. بۇ ئويۇننى ئاساسەن قىزلار توپلىشىپ ئوينايدۇ. ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ. ھېچقانداق قورال ۋە ئۈسكۈنە تەلەپ قىلمايدۇ. ئادەتتە كىچىككىنە بىر تۈز مەيداندا ئوينىلىدۇ. ئويناش ئۇسۇلى: ئويۇنغا چۈشكۈچى قىز - چوكانلار بىر يەرگە يىغىلغاندىن كېيىن، چەڭ تاشلاش ئارقىلىق <ئانا> بولۇش ھوقۇقىنى تالىشىدۇ. <ئانا> بەلگىلەنگەندىن كېيىن رەتنىڭ بېشىدا تۇرىدۇ. قالغانلار بويىنىڭ ئېگىز - پەسلىكىگە قاراپ ئانىنىڭ كەينىگە قاتار تىزىلىدۇ ھەمدە بىر - بىرىنىڭ پېشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈزۈلمەس زەنجىر ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، <بۆرە> دەپ ئاتالغان بىرسى بىر چەتتە تۇرىدۇ. <ئانا> بىلەن <بۆرە> ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىدەك قوشاق ئېيتىشىش باشلىنىدۇ. بۆرە: ئالا - ئالا قۇشاچىم، ئارقاڭدىكى نېمىلەرىڭ. ئانا: قارا - قارا قۇشلارىم، مېنىڭ ئوماق بالىلارىم. بۆرە: ماڭا بىرنى بەرسەڭچۇ؟ ئانا: ئۆزۈم ساڭا بەرمەيمەن، كۈچۈك يەتسە ئالساڭغۇ! بۆرە: كۈچۈم نەگە كېتىپتۇ؟ ئانا: ئالا تاغقا كېتىپتۇ. بۆرە: ئالا تاغدا نېمە بار؟ ئانا: ئالا - يېشىل قۇشلار بار. بۆرە: قۇشنىڭ بىرىنى تۇتايچۇ؟ ئانا: كۈچۈك يەتسە تۇتساڭچۇ! قوشاق ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىرەر بالا سوراپ ئېلىشقا كۆزى يەتمىگەن <بۆرە> ئەسەبىيلىشىدۇ ۋە ئانىنىڭ كەينىدىكى بالىلارنى قوغلاپ بۇلىماقچى بولىدۇ. تاتىشماق باشلىنىدۇ. قاتار تىزىلغان بالىلار ئانىنىڭ كەينىدە، بىر - بىرىنىڭ پېشىنى قويۇۋەتمەستىن ئۇيان - بۇيان قاچىدۇ. <ئانا> <بۆرىنىڭ> ئالدىنى توسۇپ ئۆز بالىلىرىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ ۋە قانىتى ئاستىغا ئالىدۇ. بالىلارمۇ ئانىنىڭ پېشىنى قويۇۋەتمەستىن <ئانا> قايسى تەرەپكە سىلجىسا، شۇ ياققا سىلجىپ بۆرىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. <بۆرە> <ئانا> نىڭ كەينىدە ھوشىيار تۇرماي سەپتىن چۈشۈپ قالغان بالىلارنى تۇتۇۋالىدۇ ياكى ئەڭ ئاخىرقى بالىدىن باشلاپ قوغلاپ تۇتۇپ ئۈزۈۋېلىپ تاكى ئانا يالغۇز قالغۇچە بالىلارنى بىر - بىرلەپ تۇتۇۋالىدۇ. <ئانا> ئۆزى يالغۇز قالغان چىغىدىلا ئويۇن ئاخىرلىشىدۇ ياكى <بۆرە> بولغان بالا باشقىدىن ئانا بولۇپ، <ئانا> بولغىنى <بۆرە> بولۇپ ئويۇن داۋاملىشىۋېرىدۇ. بۇ ئويۇننىڭ خەتىرى يوق، قىزىقارلىق بولغاچقا، ھويلا - ئارام ۋە كەڭرەك يەرلەردە ئوينىسا بولىۋېرىدۇ."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش