قارلىق ئويۇنى ئۇيغۇرلاردا ئالاھىدە خاراكتېرىگە ئىگىدۇر. ئۇيغۇر خەلقى قارنى <خۇدانىڭ رەھمىتى> دەپ بىلىدۇ. شۇڭا، تۇنجى ياغقان قار خۇشاللىقىدا <قارلىق ئويۇنى> نى باشلايدۇ. بەزىلەر تۇنجى قار يېغىشتىن بۇرۇنلا <قارلىق> تاشلىنىدىغان ئۆينى نىشانلاپ قويىدۇ. تۇنجى يېغىۋاتقان ياكى تۇنجى قار يېغىپ توختىغان ھامان: قاردا قارلىق تاشلىدۇق، بۇ ئويۇننى باشلىدۇق. يېڭى قارنىڭ خوشلۇقىدا، سىزگە قارلىق تاشلىدۇق. دەپ باشلانغان ۋە قارلىق ئاپارغان كىشىنى، پەم بىلەن تۇتسىلا. يۈزلىرىگە قار سۈركەپ، ئالدىمىزغا كەلسىلە. دەپ ئاخىرلاشقان قارلىقنى يېزىپ، نىشانلانغان ئۆيگە يېقىن بولسا پىيادە، يىراق بولسا ئۇلاغلىق بېرىپ، قارلىقنى ئۆينىڭ بەلگىلىك بىر يېرىگە تىقىپ قويۇپ، ئۆيدىن چىقىۋېتىپ <پالانى يەردە قارلىق قويۇپ قويدۇم> دەپلا قاچىدۇ. قارلىق تاشلانغان ئۆيدىن بىر ئادەم قوغلايدۇ. ئەگەر ئۇنى تۇتۇۋالسا، ئۇنىڭ يۈز - كۆزىنى بوياپ جۇۋىنى تەتۈر كىيگۈزۈپ مەھەللىمۇ مەھەللە ئايلاندۇرىدۇ. تۇتۇلۇپ قالغان تەرەپ ئالاھىدە مېھمان چاقىرىپ <قارلىق چېيى> ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئەگەر قارلىق ئەكەلگۈچى تۇتۇلماي قېچىپ كەتسە، قارلىق تاشلانغان ئۆي قارلىق چېيى بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مەھەللىدە قىش بويى <قارلىق چېيى> ئۈزۈلمەيدۇ. <قارلىق ئويۇنى> ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەتكە سېغىنىش ۋە ئاقنى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت قەدىمكى ئېتىقادىدىن كېلىپ چىققان. <<ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى>> دىن [1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش