قارچىغا ۋە بۈركۈت سېلىش ئويۇنى

قارچىغا ۋە بۈركۈت سېلىش ئويۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرنىڭ بىرى. قارچىغا ۋە بۈركۈت سېلىش كىشىنى ساغلام، ئىرادىلىك، جاپادىن قورقمايدىغان قىلىپ تەربىيىلەيدۇ. بۈركۈت بىلەن قارچىغىنى قولغا كۆندۈرۈش ئىنتايىن جاپالىق ھەم قىزىقارلىق ئىش. بۈركۈت بىلەن قارچىغىنى ھەقىقىي ئوۋغا يارايدىغان قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن، ئوۋچى ئەڭ ئالدى بىلەن بۈركۈت ياكى قارچىغىنىڭ كۆزىگە قاپ كىيگۈزۈپ، ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، ئۇزۇنغىچە ئۇخلاتمايدۇ، توم ئارغامچىغا قوندۇرۇپ، ئارغامچىنى ئۈزلۈكسىز تەۋرىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پۇت بارماقلىرىنىڭ چاڭگاللاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ پەيلىرىنى تاراپ، سىلاپ بېرىدۇ. شۇنداق بىر قاتار مەشىقلەردىن كېيىن، پەيدىنپەي قولغا كۆنىدۇ. ئوۋچى ئۇلارنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن قورقماي ئوۋغا سالىدىغاندا كۆپىنچە ئوۋ ئىتلىرى بىلەن بىرگە سالىدۇ. ئادەتتە ئۇۋچىنىڭ قارچىغىسى ھاۋادا ئۇچۇپ ئوقتەك ئېتىلىپ بېرىپ، خەنجەردەك تىرناقلىرى بىلەن ئولجىنى قاماپ ئالىدۇ، ئوۋ ئىتى قارچىغا قامىغان ئولجىنى چىشلەپ باسىدۇ. ئوۋچى ئارقىدىن يېتىشىپ بېرىپ، ئوۋ غەنىيمەتلىرىنى ئېلىپ قايتىدۇ. ئات مىنىپ چوماق تۇتۇپ، ئوقيا ئېتىپ، قارچىغا ۋە بۈركۈت سېلىپ ئوۋچىلىق قىلىش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. ئوۋ بىلەن شۇغۇللىنىپ كۆنۈپ قالغان كىشىنىڭ ئوۋسىز كۈنلىرى مەنىسىز تۇيۇلىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ قارچىغا، بۈركۈت ۋە ئىتىمۇ ئوۋچىنى ئولتۇرغۇزمايدۇ. ئوۋچى، قارچىغا، ئىت ۋە ئاتلارنى بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ياخشى دوستلار دېيىشكە بولىدۇ."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش