قار لەيلىسى بولسا مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك قار لەيلىسىنىڭ پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت بۇلۇپ،قاننى جانلاندۇرۇش، پەي، نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، بالىياتقۇ، تۇخۇمداننى كۈچەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

قار لەيلىسى
ئۇيغۇرچە نامى قار لەيلىسى
ئىنگلىزچە Lanatehead Saus surea Herb ياكى Saussurea
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم رۇسىيە، موڭغۇلىيە قاتارلىق يەرلەردىن چىقىدۇ.
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 雪莲花
تونۇش مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك قار لەيلىسىنىڭ پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت
ۋاقتى ياز

ھەققىدە تەھرىرلەش

 
قار لەيلىسى

قار لەيلىسى بولسا  مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ئۆسۈملۈك قار لەيلىسىنىڭ پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت بۇلۇپ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم رۇسىيە، موڭغۇلىيە قاتارلىق يەرلەردىن چىقىدۇ.

خۇسۇسىيىتى تەھرىرلەش

ياللۇغ قايتۇرۇش، تەرلىتىش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، قاننى جانلاندۇرۇش، پەي، نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، بالىياتقۇ، تۇخۇمداننى كۈچەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

خاس تەسىرى تەھرىرلەش

ياللۇغ قايتۇرۇش

فارماكولوگىيلىك تەسىرى تەھرىرلەش

1. ئاقسىل قان زەردابى كەلتۈرۈپ چىقارغان چوڭ ئاق چاشقان ئارقا ئوشۇق بوغۇمى ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشقا قارىتا قارشى تۇرۇش تەسىرى بار.

2. بۇ ئالكالوئىد قان تومۇرلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

3. ناركوزلانغان توشقاننىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ.

4. پاقا يۈرىكىنى تورمۇزلايدۇ.

5. ئورگانىزمدىن ئايرىلغان توشقاننىڭ ئۈچەي سىلىق مۇسكۇلىنى تورمۇزلايدۇ ھەم سپازمىنى بوشاشتۇرىدۇ.

6. ئەركىن رادىكاللارغا قارشى تەسىرى ھەم ھارغىنلىققا قارشى تەسىرگە ئىگە.

تەركىبى تەھرىرلەش

پــۈتــۈن چــۆپــــىـــدە ئـاسـاســلـىـقـى rhamnose,arabinose,glucoce,galacoose  لار بار. ئۇندىن باشقاguaianolide قارلەيلىسى ئىچكى ئىستىرى قاتارلىقلار بار.

قوللۇنۇشى تەھرىرلەش

1. قار لەيلىسىدىن بەش گرام، زاراڭزا چېچىكى، ئاغىچە، ئارپا يوپۇرمىقى قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە، ھەيز تۇتۇلۇپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. قار لەيلىسى ۋە سۆرۈنجاندىن 10 گرامدىن، سانادىن 15 گرام ئېلىپ، دورىلارنى قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە، بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

دورىلىق ئورنى تەھرىرلەش

ئۆسۈملۈك قار لەيلىسىنىڭ پۈتۈن چۆپى.

مىقدارى تەھرىرلەش

3 ~ 6 گرام

ساقلىنىش تەھرىرلەش

قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ

تۈزەتكۈچىسى تەھرىرلەش

ئانار گۈلى

ئورۇنباسارى تەھرىرلەش

زاراڭزا چېچىكى.

مېدىتسىنادا قوللۇنۇشى تەھرىرلەش

زېماتىزم، بوغۇم ئاغرىقى، بۆرەك سوۋۇپ كېتىش، ھەيز توختاپ قېلىش، بالا ھەمراھىنىڭ قىيىندا چۈشۈشى، قىزىل، يۆتەل،ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، چىش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

مەنبە تەھرىرلەش

  1. ئىزدە قامۇسى