قازاق تىلى دىئالىكتلىرى

قازاق مىللىتى ئالتاي تىللىرى سىستىمىسىنىڭ تۇركى تىللار ئائىلىسى نوغاي تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تۇركى خەلق بولۇپ، ھازىرقى زامان قازاق تىلى ئۇچ چوڭ دىئالىكىتقا ئايرىلغان(قازاقىستان رايونىنى كۆرسىتىدۇ). ئۇلار شەرقى شىمال دىئالىكتى، جەنۇپ دىئالكتى ۋە غەربى شىمال دىئالىكتى.

شەرقى شىمال دىئالىكتىدا سۆزلىشىدىغان قازاق خەلقى ئاساسلىقى تارىختا قازاقىستاننىڭ شەرقى، مۇڭغۇلىيەنىڭ غەربى قىسملىرىدا ياشىغان كىرەي، نايمان،قوڭغىرات قاتارلىق تۇركى قەبىلىلەردىن شەكىللەنگەن.

جەنۇپ دىئالىكتى ئاساسلىقى قەدىمقى ساكلار، ئۇيسۇنلار ۋە كانگوي(قەدىمقى ئۇيغۇر-تىلى قەبىلىسىنىڭ بىرسى) ،ئاق ھون قاتارلىق قەبىلىلەردىن شەكىللەنگەن دەپ قارىلىدۇ.

غەربى شىمال دىئالىكتى قازاقىستاننىڭ غەربىدىكى قەدىمقى قاسار( ھازار ) ۋە كىيىن بۇ يەرلەگە كىلىپ ئولتۇراقلاشقان ھون ۋە تۇركى قەبىلىلەردىن شەكىللەنگەن.

ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى غەربى جەنۇپقا سۇرۇلگەندىن كىيىنمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇر قەبىلىلىرى يەتتە سۇ ۋە ئۇنىڭ غەربىدىكى رايونلارغا كۇچۇپ كەلگەن ۋە قازاق مىلىلىتىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ تەركىبىگە قوشۇلۇپ كەتكەن.

مۇڭغۇل دەۋرىدىمۇ شەرقتىكى نۇرغۇن تۇركى خەلقلەر شۇنداقلا مۇڭغۇل قەبىلىلىرى قازاقىستان يايلاقلىرىغا كۇچۇپ كىلىپ ھازىرقى قازاق مىللىتىنىڭ تەركىبى قىسمى بولۇپ قالغان.

قازاق نامى توغرىسىدا تۇرلۇك قاراشلار مەۋجۇد، قازاقلارنىڭ ئۆزىنىڭ رىۋايىتىدە ئۇنى "ئاق غاز" دىگەن رىۋايەتكە باغلاپ چۇشەندۇرىدۇ. بەزىلەر نوغاي(تاتار) تىلىدىكى ھۆرلۇككە ئېرىشكۇچىلەر دەپمۇ چۇشەندۇرىدۇ.يەنى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ تەسىرىدىن قوتۇلۇپ چىققان ۋە شەرققە سۇرۇلگەن تۇركى قەبىلىلەر شۇنداق ئاتالغان ۋە بۇ نام كىيىن پۇتۇن قازاق دالىسىدىكى خەلقلەرنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ قالغان دەپ قارايدۇ. يەنە قەدىمقى قاسار لار ۋە ساكلارغا باغلاپ چۇشەندۇرىدىغانلارمۇ بار.

قازاق تىلىنىڭ دىئالىكتىلىرىدىن قازاق خەلقىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئوتتۇرا ئاسىيادا پائالىيەت قىلغان قەدىمقى نۇرغۇن تۇركى خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئىشتىراك قىلغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. قازاقىستان يايلىقىدا پائالىيەت قىلغان بۇ تۇركى خەلقلەر ئۇزۇن يىللىق ئارلىشىش ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ھازىرقى زامان قازاق مىللىتىنى شەكىللەندۇرگەن. ئۇلار تارىختا قىپچاق، قىرغىز. تاغ تۇركلىرى دىگەندەك نۇرغۇن ناملار بىلەن ئاتالغان ۋە ئاخىرى سابىق سۇۋىت ئىتتىپاقى رەھپەرلىرىنىڭ«ئىلتىپاتى» بىلەن قازاق دىگەن نام ئاستىغا ئۇيۇشقان.

قازاق مىللىتى باتۇر،جەڭگىۋار مىللەت. گەرچە قازاق دىگەن مىللەت نامى يېقىنقى دەۋرلەردە پەيدا بولغان بولسىمۇ ئەمما قازاق خەلقى قەدىمقى تۇركى خەلقلەرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇش سۇپىتى بىلەن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ۋە تارىختا نۇرغۇن پارلاق ئىزلارنى قالدۇرغان خەلق، شۇنداقلا يېقىنقى زامان تارىخىدا بىزگە ئوخشاش نۇرغۇن جاپا مۇشەققەتلەرنى بىشىدىن ئۆتكۇزگەن خەلقتۇر. مۇستەقىل قازاقىستان جۇمھۆرىيىتى قورۇلغاندىن كىيىن گەرچە ئىقتىسادى ۋە سىياسى جەھەتلەردىن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولىسمۇ، ئەمما نەزەربايۇف ئەلباشىنىڭ يىتەكچىلىكىدە قازاقىستان خەلقى يېڭى بىر پارلاق دەۋر يارىتىش يولىدا ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.