قاسىمجان ئوسمان غازى

  1974 – يىلى 3-يانۋاردا شىنجاڭ پەيزاۋات ناھىيە غولتوغراق يېزا باشقوشكۆل كەنتىدە تۇغۇلغان. 1995 – يىلى قەشقەر مالىيە سودا مەكتىپىنىڭ بوغالتېرلىق كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، شۇ يىلى خىزمەتكە قاتناشقان. ئالىي مەكتەپ مەلوماتىغا ئىگە. 2006- يىلىدىن 2008 – يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا ئۈرۈمچى شەھرى تەڭرىتاغ رايونى شىمالىي ئازادلىق يولى ئىش بېجىرىش باشقارمىسدا ۋەزىپە بىلەن چېنىققان.15-قارارلىق لۇشۈن ئىنىستۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جوڭگو شېئىرىيەت جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزاسى.

  2013-يىلى مارتتا قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن «مىستاغ قىزى» ناملىق تەرجىمە كىتابى نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان. 2015-يىلى «ئاننا ئاخماتوۋا شېئىرىلىرى» ناملىق تەرجىمە كىتابى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىىپىدىن نەشىر پىلانىغا ئېلىنغان.

  نۆۋەتتە ئۇنىڭ «مەڭگۈلۈك ھازىر» ناملىق خەنزۇچە شېئىرلار توپلىمى نەشىرگە سۇنۇلۇش ئالدىدا تۇرىدۇ.

  ھازىر جوڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پەيزاۋات ناھىيەلىك كومىتېتى ئىشخانىسىدا تارىخ - تەزكىرە يېزىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.