قاسىم پالۋان 1931-يىلىدىكى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ بىرى ۋە خەلق قەھرىمانى.

قاسىم پالۋان 1885-يىلى قۇمۇلنىڭ قالغايتى يېزىسىدا دىنىي ئۆلىما سېيىت ھاجىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى ليۇ جىنتاڭ قاتارلىق ئەكسىيەتچىل كۈچلەر شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان جاھالەتلىك دەۋرگە توغرا كەلگەچكە، ئۇ سىستېمىلىق تەربىيە ئالماي ئائىلىسىدە ئوقۇپ ساۋادىنى چىقارغان ھەم ئاتا- ئانىسىنىڭ يېتەكلىشى ۋە غەمخورلۇقىدا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان. ئۇ دادىسى سېيىت ھاجى ۋە ئانىسى بۈۋىنىيازخانلار ھەجگە بارغاندا ئېلىپ كەلگەن < قىسسەسۇل ئەنبىيا>، < مىفتاھۇل جىنان>، <شاھ مەشرەپ> قاتارلىق كىتابلار بىلەن پىششىق تونۇشقان.

قاسىم پالۋاننىڭ يۇرتى قالغايتى تاغلىق يېزا بولغاچقا، ئۇ ئون نەچچە ياشقا كىرگەندىن باشلاپلا، ئائىلىسىنىڭ مال- چارۋىلىرىنى بېقىپ يۈرۈپ، دادىسىنىڭ <توققۇز ئاتار> مىلتىقى بىلەن تاغلاردا ئوۋچىلىق قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. ئۇ ئوۋچىلىققا كۈچلۈك ئىشتىياق باغلاپ، بەزىدە ھەتتا ئايلاپ تاغ - دالىلارنى كېزىپ ئوۋچىلىق قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ قاسىم پالۋان ياش ۋاقتىدىلا ئوۋچىلىقتا پىشىپ، ئۇستا مەرگەن بولۇپ يېتىلىدۇ ھەمدە ئەل ئارىسىدا < قاسىم پالۋان> دەپ شۆھرەت قازىنىدۇ( قۇمۇللۇقلار مەرگەن، باتۇر كىشىلەرنى <پالۋان> دەپ ئاتايدۇ).

1911-يىلى ئىلىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلىدۇ. شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى باش مۇپەتتىشى يۈەن داخۇا قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن قۇمۇل ۋاڭدىن ئەسكەر تەلەپ قىلىدۇ. شۇ قېتىمدا قاسىم پالۋانمۇ قۇمۇلنىڭ تاغ - يېزىلىرىدىن ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان بىر نەچچە يۈز يېگىت بىلەن بىللە ئۇرۇشقا مەجبۇرىي ئەۋەتىلىدۇ. ئۇرۇش داۋامىدا فېئودال ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلار خەلقنى قانلىق باستۇرغان پاجىئەلىك كۆرۈنۈشلەر قاسىم پالۋاننىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلارنىڭ ماھىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئوۋچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قۇمۇل، گەنسۇ، چىڭخەي تاغلىرىدا ئوۋ ئوۋلايدۇ.

شۇ ئايلاردا گەنسۇدىكى موڭغۇللار يۇرتىدا ( ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسى سۇبېي موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسى) بىر توپ باندىت پەيدا بولۇپ، يەرلىك موڭغۇل خەلقىنىڭ مال- مۈلكىنى، خوتۇن - قىزلىرىنى بۇلاپ ئارام بەرمەيۋاتاتتى. خەلق ئۇلارنىڭ دەستىدىن خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئامالسىز قالغانىدى. قاسىم پالۋان ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپ بۇ موڭغۇل يۇرتىغا كەلگەندە، موڭغۇللارنىڭ ئاقساقىلى خەلقنى موڭغۇل خەلقىنى بۇلاپ - تالاپ، 40 نەچچە موڭغۇل قىزىنى ئېلىپ قاچقان باندىتلارغا زەربە بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىۋاتاتتى، ئەزەلدىن ناھەقچىلىقنى كۆرسە چىداپ تۇرالمايدىغان قاسىم پالۋان ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۆزلۈكىدىن پىداكارلىق بىلەن بىر نەچچە يۈز موڭغۇل يېگىتكە قوشۇلۇپ جەڭگە ئاتلىنىدۇ. باندىتلارنى يوقۇتۇش، خەلقنىڭ مال -مۈلكىنى ۋە بۇلاپ كېتىلگەن موڭغۇل قىزلىرىنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئاجايىپ باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، موڭغۇل خەلقىنىڭ چوڭقۇر مىننەتدار لىقى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.

قاسىم پالۋان دۇنخۇاڭ ئەتراپىدا ئوۋچىلىق قىلىپ يۈرگەندە، بىر جايدىكى يالغۇز ئائىلە كىشىلىرىنىڭ چىل بۆرە توپىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆگزىگە چىقىۋېلىپ، قورقۇپ چۇقان سېلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ ۋە دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆي ئىچىدە قالغان بالىلارغا خەۋپ سېلىۋاتقان يەتتە چىل بۆرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، بالىلارنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. ئۆي ئىگىسى ۋە كىشىلەر ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ، نۇرغۇن سوۋغا - سالام بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ ئازراق بوغۇز ئېلىپلا يولغا راۋان بولىدۇ.

قاسىم پالۋان خەلق ئارىسىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن بولغاچقا، قەلبىدە خەلققە چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببىتى بار ئىدى. شۇڭا، ئۇ بارغانلا يېرىدە خەلقنىڭ ھال- ئەھۋالىغا ئەنە شۇنداق يېتىپ، ئۇلارنىڭ قايغۇ- ھەسرىتى، دەرت- ئەلىمى ۋە خۇشاللىقىغا ئورتاق بولاتتى، خەلقنىڭ غېمىنى يەيتتى، چامىسىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرەتتى. قاسىم پالۋان چىڭخەي تاغلىرىدا ئوۋچىلىق قىلىپ يۈرگەندە، تاغنىڭ ئېگىز، خەتەرلىك يەرلىرىدە ياشايدىغان، ئوۋلاش ئەڭ قىيىن بولغان ئىپار كىيىكنى ئوۋلىغان. ئۇنىڭ مەرگەنلىكى، ئوۋچىلىققا ئۇستىلىقى ئەتراپقا تارقىلىپ، خەلق ئىچىدە تېزلا داڭقى چىققان. چىڭخەينىڭ يەرلىك ئەمەلدارى، مىللىتارىست ماچى( مابۇفاڭنىڭ ئاتىسى) ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ چاقىرىپ كېلىپ، كاتتا زىياپەت بېرىدۇ ۋە ئۆزىگە ئىپار كىيىك ئوۋلاتقۇزىدۇ. كېيىنچە قاسىم پالۋاننىڭ باتۇرلۇقى ۋە مەرگەنلىكىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئۇنى ئۆزىنىڭ قوشۇنىدا ئەسكەر بولۇپ خىزمەت قىلىشقا قىستايدۇ، ھەتتا چوڭ ئەمەل بېرىشكە ۋەدە قىلىدۇ. ئەمما قاسىم پالۋان ماچىنىڭ ئوردىسىدا بىر مەزگىل ئوۋچىلىق قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ خەلققە قىلغان زورلۇق- زومبولۇقلىرىنى كۆرگەچكە، ئۇنىڭغا ئەسكەر بولۇپ خەلققە زۇلۇم - ئوقۇبەت سېلىشنى، زالىم ھۆكۈمرانلارغا قول چوماق بولۇشنى خالىماي، ماچىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ ۋە ماچىنىڭ ھوزۇرىدىن قېچىپ كېتىدۇ، ماچىنىڭ ئەسكەرلىرى ئۇنى قوغلاپ كېلىپ تاغ ئارىسىدا قورشىۋالىدۇ، قاسىم پالۋان تاغ ئۆڭكۈرىدە سەككىز كۈن يوشۇرۇنۇۋېلىپ ئاخىرى قۇتۇلۇپ قېچىپ كېتىدۇ.ماچىنىڭ ئەسكەرلىرى توققۇزىنچى كۈنى قاسىم پالۋاننى تاپالماي قايتىپ كېتىدۇ.

قاسىم پالۋان گەنسۇ، چىڭخەيلەردە يەتتە يىل تۇرۇپ، خەنزۇ، موڭغۇل تىللىرىنى پىششىق ئۆگىنىۋالغانىدى. ئۇ قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىدا مۇھاپىزەتچى، ئونبېشى، ئوتتۇزبېشى، مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ. شۇ جەرياندا ئۇ بەزىدە شاھ مەخسۇت ۋاڭغا تەرجىمانلىقمۇ قىلىپ بېرىدۇ.

1927- يىلى قۇمۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇت شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەرلىك ۋاڭلارنى قۇمۇلغا تەكلىپ قىلىپ، لوۋاڭمياۋ( ھازىرقى <قىزىل يۇلتۇز> دوختۇرخانىسىنىڭ ئورنى) دا قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرىدۇ. قۇمۇل مەرگەنلىرىدىن قاسىم پالۋان مۇسابىقىدە ھەممىنى ئۇتۇپ چىقىدۇ. ئاخىرىدا قاراشەھەردىن كەلگەن داڭلىق موڭغۇل مەرگىنى بىلەن تۇخۇمنى قارىغا ئېلىشتا بەسلىشىدۇ. موڭغۇل مەرگەن ئۈچ پاي ئوق ئېتىپ تۇخۇمغا ئاران تەككۈزىدۇ. قاسىم پالۋان بىر تال ئوقتىلا تۇخۇمغا تەككۈزۈپ يەنە ئۇتۇپ چىقىدۇ. ئاخىرىدا تۇخۇمنى ئاسمانغا ئېتىۋېتىپ ئوق تەككۈزۈشتە ھېچكىم تۇخۇمغا ئوق تەككۈزەلمەيدۇ. قاسىم پالۋان ئېگىزدىن چۈشۈۋاتقان تۇخۇمنىمۇ بىر پاي ئوقتىلا پارە -پارە قىلىپ زور شەرەپ قازىنىدۇ.

قاسىم پالۋان ئۇستا مەرگەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇستا سۇنۇقچى ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىغا كېسەل كۆرسىتىش ۋە سۇنۇق تاڭدۇرۇش ئۈچۈن كېلىدىغان ئادەمنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. ئۇ كەلگەنلەرنى كۆڭۈل قويۇپ كۆرۈپ، سۇنۇقلىرىنى ئوبدان تېڭىپ ساقايتاتتى. ئۇنىڭ ئۇكىسى ھەم شاگىرتى داڭلىق سۇنۇقچى ئابدۇگۈلى ئاخون ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ كەسىپنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى، ئابدۇگۈلى ئاخون 70- يىللاردا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بۇ كەسىپكە ۋارىسلىق قىلىۋاتىدۇ.

1931- يىلى پۈتۈن شىنجاڭنى زىلزىلىگە سالغان 2- قېتىملىق قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى قۇمۇل تاغلىرىدا ھەيۋەت بىلەن پارتلىدى، قاسىم پالۋان خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىرلىكتە قوزغىلاڭغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، ئاكتىپ قاتناشتى. ئۇ بۇ قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ يېتەكچىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. قوزغىلاڭ داۋامىدا قاسىم پالۋان خەلقنىڭ ئەركىنلىك، ئازادلىقى ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇنىڭ قەھرىمانلىق شان- شەرىپى دۈشمەنلەرنىڭ كۆڭلىگە كۈچلۈك ۋەھىمە سالدى. چېرىكلەر ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىغان ھامان ۋۇجۇدىغا تىترەك ئولىشاتتى. قۇمۇل خەلقى ئۆزىنىڭ بۇ باتۇر ئوغلانىدىن پەخىرلىنەتتى

قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ ئۇزاق ئۆتمەي، جىن شۇرېن قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن قۇمۇلغا قوشۇن ئەۋەتتى. زور قوشۇننىڭ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرى قاسىم پالۋانغا ئاڭلانغاندا، ئۇ خەلق ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مېۋىلىرىنى قوغداش، ئىنقىلابىي كۈچلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئۆزى يالغۇز ئاتلىنىپ، قۇمۇل شەھىرىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى سىڭىرقۇم ( تۇزقا) دېگەن جايغا بېرىپ، چېرىكلەرنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇردى. كەچتە چېرىكلەر يېتىپ كەلگەندە، ئۇ يۆتكىلىپ يۈرۈپ ئوق ئېتىپ، بىر كېچە جەڭ قىلىپ، چېرىكلەرنى نۇرغۇن چىقىمغا ئۇچراتتى. چېرىكلەر كېچىدە ھېچنەرسىنى پەرق ئېتەلمەي، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا ئۇچراپ قالغان ئوخشايمىز، دەپ ئويلاپ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. قاسىم پالۋان بىر ئوقتا بىر چېرىكنى يىقىتىپ تۇردى، تاڭ ئالدىدا، ئۇ قايتىپ كەتتى. چېرىكلەر شۇ چاغدىلا ئۆزلىرىنىڭ بىر ئادەمدىن مەغلۇپ بولۇپ، شۇنچە كۆپ چىقىمغا ئۇچرىغىنىغا بەك خورلۇق تارتتى.

يەنە بىر قېتىم، شىڭشىڭشيادىكى قورۇلنى ساقلاۋاتقان 500 دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت چېرىكى بىر مۇنچە ئات ھارۋىلىرىغا ئوق - دورىلىرىنى لىقمۇلىق بېسىپ قۇمۇلغا چېكىنىپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا قوزغىلاڭچىلارغا خەۋەر يەتتى. بۇ قوشۇنغا ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قاسىم پالۋان ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، بىر قىسىم قوزغىلاڭچىلارنى باشلاپ، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى قارامۇقچا يېزىسى بىلەن سايبۇلاق يېزىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يوشۇرۇنۇپ بۆكتۈرمە قۇردى. بىر كېچە كۈتكەندىن كېيىن، ئەتىسى تاڭ سۈزۈلگەندە، چېرىكلەر يېتىپ كەلدى. چېرىكلەر بۆكتۈرمە قۇرۇلغان يەرگە كەلگەندە، قوزغىلاڭچىلار تۇيۇقسىز ئوق ياغدۇرۇپ، نۇرغۇن چېرىكنى قىرىۋەتتى، كەينىدىنلا قاسىم پالۋاننىڭ باشچىلىقىدا دۈشمەنگە شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ جەڭ ئىنتايىن كەسكىن بولدى. قاسىم پالۋاننىڭ قوماندانلىقىدا قوزغىلاڭچىلار باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، دۈشمەن قوشۇنىنى تارمار قىلدى. تاڭ سۈزۈلگەندىن تارتىپ، چاي ۋاقتىغىچە داۋاملاشقان جەڭدە دۈشمەنلەر تېرە- پېرەڭ بولۇپ، بىر مۇنچە ئۆلۈكىنى قالدۇرۇپ قاچتى. قوزغىلاڭچىلار نۇرغۇن ئوق - دورا غەنىمەت ئالدى. جەڭ ئاخىرلىشىپ، قوزغىلاڭچىلار غەنىمەتلەرنى يىغىۋاتقاندا، قاسىم پالۋانمۇ بىر ھارۋىغا چىقىپ، ئۇنىڭدىكى ئوق -دورىلارنى چۈشۈرۈۋاتاتتى، كۈتۈلمىگەن يەردىن ھارۋا ئاستىدا قانغا مىلىنىپ ياتقان بىر يارىدار چېرىك تاپانچا بىلەن قاسىم پالۋاننى ئېتىپ قويدى.

قاسىم پالۋان ئۆزىگە ئوق تەككەندىن كېيىن، مىلتىقنى ئېلىپ ھېلىقى يارىدارنى ئېتىپ ئۆلتۈردى ھەم ئۆزىمۇ يېقىلىپ قۇربان قۇربان بولدى. ئۇ بۇ چاغدا 46 ياشتا ئىدى.خەلق بىر باتۇر ئوغلانىدىن ئايرىلدى، خەلق ئىنقىلابى ئۆزىنىڭ بىر جەسۇر يولباشچىسىدىن ئايرىلدى. قاسىم پالۋان قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قۇربان بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قىسقا، ئەمما شانلىق، جەڭگىۋار ھاياتى، قەھرىمانلىق ئوبرازى خەلقنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناشتى. شۇڭا، خەلق ئۇنى ياد ئېتىپ ھازىرغىچە ئۆز ناخشىلىرىدا تىنماي كۈيلەيدۇ.

سايبۇلاقنىڭ دادۇرى،

ئىككى يۈز پالۋانغا ئاش بولدى.

قارامۇقچىدىكى جەڭدە،

قاسىم پالۋان باش بولدى.

چېرىكلەرمۇ ئاتۇركەن،

ئورا قولاپ ياتۇركەن.

قاسىم پالۋان ئاتۇركەن،

مىڭىسىنى چاچۇركەن.

بۇ قوشاقلار قۇمۇل خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ قەھرىمان ئوغلىغا ئوقۇغان مەدھىيىلىرىنىڭ كىچىككىنە بىر قەترىسى. قارامۇقچىدىكى جەڭ غەلىبە بىلەن ئاخىرلىشىپ تۇرغان پەيتتە، قۇمۇل تەرەپتىن ياردەمگە چىققان چېرىكلەر يېتىپ كەلدى، قوزغىلاڭچىلار ئېتىشقاچ چېكىنىپ تاغقا چىقىپ كەتتى، چېرىكلەر قاسىم پالۋاننىڭ جەسىتىنى ھارۋىنىڭ قېشىدىن تېپىۋېلىپ، بېشىنى كېسىپ ئېلىپ، قەپەزگە سېلىپ قۇمۇل كونا شەھەر دەرۋازىسىنىڭ بېشىغا ئېسىپ قويدى. ئۇنىڭ قانلىق بېشى دەرۋازا ئۈستىدە زۇلمەتلىك جەمئىيەتكە نەپرەتلىك كۆزلىرى بىلەن قاراپ ئۇزاققىچە ئېسىقلىق تۇردى.

قاسىم پالۋاننىڭ باشسىز جەسىتى ئۇ قۇربان بولغان جەڭ مەيدانىدىكى بىر قۇم دۆۋىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. خەلق ئاممىسى ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ھازىرغىچە ئۇنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ، قەھرىماننى ياد ئېتىپ تۇرۇۋاتىدۇ. قاسىم پالۋاننىڭ نامى خەلق قەلبىدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.