قاغا تىرنىقى

تونۇش: بۇ پىياز ئائىلىسىدىكى باش باھاردا ئۆسىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 5 ~ 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يەر ئاستى تەڭگىسىمان غولى شار شەكلىدە بولۇپ، سىرتىنى كۆپ قەۋەت قارامتۇل خورما رەڭلىك پەردىلەشكەن تەڭگىچىلەر ئوراپ تۇرىدۇ، يەر ئۈستىدىكى غولى تىك بولۇپ، شاخلىمايدۇ؛ يوپۇرمىقى ئىككى - ئۈچ دانە بولۇپ، تۈۋىدىن ئۆسىدۇ، شەكلى ئۇزۇن تېمىنىسىمان، يوپۇرماق تومۇرى تۈز، يوپۇرماقلىرى تولۇق گىرۋەكلىك بولۇپ، تۈۋى تۆۋەن سوزۇلۇپ، غولىنى يۆگەپ تۇرىدۇ؛ گۈلى ئۇچىدىن ئۆسىدۇ، قوڭغۇراقسىمان، سېرىق، گۈل تاجى يوپۇرمىقى ئالتە دانە، غوزا مېۋىسى سوقىچاق، ئۈچ قىرلىق بولىدۇ.دورىلىق قىسمى دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تەڭگىسىمان غولى ئىشلىتىلىدۇ. يىغىپ تەييارلاش: بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز پەسلىدە قېزىۋېلىپ، يۇيۇپ تازىلاپ، ئوبدان قاينىتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.

ئۆسۈش ئورنى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇرۇق تاغ باغرى ۋە دالىلاردا ئۆسىدۇ.

خۇسۇسىيىتى: توسالغۇلارنى ئېچىش، ھارارەت پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، بۇزۇق ماددىلارنى تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.ئىشلىتىش مىقدارى ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

قاغا تىرنىقى تەركىبلىك رېتسېپلار

قاغا تىرنىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، غەلۋىرەك، لىمفا سىلى ۋە سېرىقلىق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى قاغا تىرنىقىنى يۇمشاق ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، غەلۋىرەك ۋە ھەرخىل چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قاغا تىرنىقىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، سىرتقى تەسىردىن بولغان ئىششىق ۋە سېرىقلىق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى قاغا تىرنىقىنى ئېزىپ، ئاچچىقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، غەلۋىرەك، ئىششىق ۋە ھەرخىل چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.