قان ناھايتى مۇھىم بولغان بەدەن سويۇقلۇقى بولۇپ، ئاساسلىقرولى ئوكسېگىن ۋە ئوزۇقلۇقلارنى بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملارغا يەتكۈزۈش ۋە بەدەننى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. قان تۆرەلمە يېتىلىشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يىلىك ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىلەردىن ئىندۇكسىيەلىنىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى تەھرىرلەش

ئۇيغۇرچە :قان

ئىنگىلىسچە :blood

ئورنى :جانلىقلار تىنى

قان ھەققىدە تەھرىرلەش

قانقان ناھايتى مۇھىم بولغان بەدەن سويۇقلۇقى بولۇپ، ئاساسلىقرولى ئوكسېگىن ۋە ئوزۇقلۇقلارنى بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملارغا يەتكۈزۈش ۋە بەدەننىئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. قان تۆرەلمە يېتىلىشنىڭ ئەڭدەسلەپكى مەزگىللىرىدە يىلىك ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىلەردىن ئىندۇكسىيەلىنىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ.  قان ئىنسان بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن 7%نى تەشكىل قىلىدىغان سويۇقلۇق بولۇپ زىچلىقىسۇدىن سەللا چوڭراق (1.06 ھەسسە)، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن چوڭلار بەدىنىدە بەش لېتىرئەتراپىدا قان بولىدۇ. قان پلازما ۋە بىر قانچە خىل ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلىدۇ. قاننىڭ 55% پلازما بولۇپ، ئاساسلىقى قاننىڭ سۇيۇق قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. قان پلازمىسىنىڭ %92 سۇ بولۇپ، قالغان قىسمى بىر قىسىم ئاقسىللار، گلۇكوزا، ماي كېسلاتالىرى ... قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. باشقا مۇھىم تەركىبلىرىدىن قان قېتىشتۇرغۇچىفاكتۇرلار، ئىممۇنىتېت ئاقسىللىرى، ياغ ئاقسىللىرى ۋە باشقا ئىئونلار (ئاساسلىقى خىلور ۋە ناتىرىي) بار.

بىز تۇغۇلۇشتىن خېلى بۇرۇنلا قانغا بىر ئۆمۈر مۇھتاج بولۇشىمىز باشلانغان بولىدۇ، قان بولمىسا بىز تۇغۇلمايمىز ۋە ھايات قالالمايمىز. بىز ئىسپىرماھۈجەيرىسىنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىسىنى ئۇرۇقلاندۇرۇشى بىلەن شەكىللىنىشكە باشلايمىز ۋەئانىمىزنىڭ قورسىقىدا يېتىلىش جەريانىدا ئەڭ دەسلەپتە كىشىلەر بىزنى تۆرەلمە دەپئاتايدۇ. بىز تۆرەلمە مەزگىلىدە ھايات قېلىشىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان قان ۋە قانتومۇرلىرىنى ئەڭ دەسلەپ شەكىللەندۈرىمىز ۋە يېتىلىپ بالا ھەمرىيىمىز ھاسىل بولۇپبىزنىڭ كۆچۈپ كىرىشىمىزگە تەييار بولغاندا، بىزنى بېقىپ ئۆستۈرىدىغان بالا ھەمرىيىئىچىگە ئورۇنلىشىپ ئۆز قېنىمىز ئارقىلىق ئانا قېنىدىن بالا ھەمرىيىمىزنىڭ ۋاستىسىبىلەن بۇلىۋالغان ئوزۇقلۇقلارنى بەدىنىمىزگە بىمالال يەتكۈزۈپ چوڭ بولۇشقاباشلايمىز چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بىز ئاللىقاچان 50 كۈنلۈك بولغان بولىمىز ۋە ئانىمىزنىڭقېنىدىكى ئىممۇنتېىت ھۈجەيرىلىرى بىزنى بايقاپ قالغىلى تاس قالغان ۋاقىت بولىدۇ. ئۇلار بىزنى بايقاپ قالسا ئىش چاتاق بولىدۇ، گەرچە كىشىلەر ئانا بەدىنى بىزنىباقىدۇ دەپ قارىسىمۇ،  ئەمەليەتتە ئانىمىزنىڭ بەدىنى بىزنى يەكلىمەكچى بولىدۇ، يۇ - لېكىنبالا خىسلەتلىك بالا ھەمرىيىمىزنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ھىچقانداق ئامال قىلالمايگىپىمىزنى شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇلارنى بوزەكقىلىشىمىز تۇغۇلۇپ قېرىغىچىمۇ توختىمايدۇ. ئەلۋەتتە، بىز بۇنى بىر ئۆمۈر پەخىرلىنىپتىلغا ئالىمىز. بىز بالا ھەمرىىي دېگەن ئېسل قەسىرىمىزگە كۆچۈپ كىرگەندىن باشلاپكىشىلەر بىزنى ھامىلە دەپ ئاتايدۇ. بىزنىڭ مۇۋاپىققىيەتلىك ھالدا ھامىلە باسقۇچىغابارالىشىمىز بىزنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچالىشىمىزنىڭ ئاساسەن مۇمكىن ئىكەنلىكىنىچۈشەندۈرىدۇ. بىز بالا ھەمرىيى ئىچىدە جىددى ھەرىكەتنى باشلاپ تىز چوڭىيىشقاباشلايمىز، بۇ ئەلۋەتتە قېنىمىزىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىز بالا ھەمرىيمىزنىڭياردىمى ئارقىلىق ئانا بەدىنىدىكى بارلىق قاننىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى بالياتقۇغاباشلاپ كېلىمىز ۋە بالا ھەمرىيىمىز ئانا قېنىدىكى ئوكسېگىن ۋە بارچە ئوزۇقلۇقلارنىكىندىك ئارقىلىق بىزنىڭ قېنىمىزغا ئەۋەتىدۇ ۋە بىز بۇ ئوزۇقلارنى سۈمۈرۈپ نەچچە ئايئىچىدىلا ھەجىمىمىزنى نەچچە يۈز ھەسسە چوڭايتىمىز. گەرچە ئانا قېنىنىڭ يېنىمىزغاكېلىشىگە ئېھتىياجىمىز بولسىمۇ، ئەمما ئانا قېنىنى خاتالىشىپمۇ بەدىنىمىزگەكىرگۈزمەيمىز چۈنكى  ياخشى يېرى،بىز ئانا قېنىدا كۆزىنى مىت قىپمۇ قويماستىن بىزنىقىرىپ تاشلايدىغان جەڭچىلەرنىڭ تەييار تۇرىدىغانلىقىنى بىرسىدىن ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاپقالغان.  

بىزنىڭ ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇقلارنى ئانا قېنىدىن يۇلۇپ ئالىمىزيۇ،ئانىمىزغا ھىچقانداق پايدا يەتكۈزمەيمىز. ئانا قورسىقىدا بىزگە لازىمەتلىك ھەممەنېمەتلەر تەييار بولسا ئۇ ھالدا خاتىرجەم ۋە ساغلام يىتىلىمىز، لېكىن ئۇ ئۆز قېنىئارقىلىق دېگىنىمىزنى بەرمىسە ياكى بىزگە لازىم ئەمەس ئەخلەت نېمەتلەرنى ئەۋەتسەياكى بىزنى ھەر قانداق ئۇسۇلدا بىئارام قىلسا ئۇنى ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دىئابىتكېسىلى دەيدىغان كېسەلگە گىرىپتار قىلىپ قويالايمىز، ئەمما بىز توغۇلۇپ بولساقلا ئۇساقىيىپ كېتىدۇ. بەكرەك ئاچچىقىمىز كېلىپ قالسا، ئانىمىزنى ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكىيۇقىرى قان بېسىمى قىلىپ قويىمىز، ئەپسۇسكى ئۇ بىز تۇغۇلغاندىن كىيىنمۇ بىر ئۆمۈر بىزنى قېيناپ قويغاننىڭ جاجىسىنى يەپ مەڭگۈ يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ تەھدىتىدىنقۇتۇلالمايدۇ. نېمە دېسىڭىز مەيلى، ئىشقىلىپ بىز ھامىلىلەر ھەرگىز شەخسىيەتچىئەمەس! دېمەك، بىز تۇغۇلۇشقا ئاز قالغۇچە ئېنىرگىيە ئىشلىشىمىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق،ھەتتا ئۆپكىمىزنى ئاۋارە قىلىپ ئۆپكىمىز ئارقىلىق نەپەسلىنىپمۇ يۈرمەيمىز، پەقەتئانىمىزنىڭ بالياتقۇسى كىچىك كېلىپ بالا ھەمرىيىمىز بىزگە ياقماي قالغاندا ئاستائۆپىكىمىزنى پىشىپ يىتىلىدۈرىمىز ۋە سىرتقى دۇنيانى كېزىپ بېقىشىنى خىيال قىلىمىز. تۇغۇلىمىز-يۇ، لېكىن بۇرنىمىزنى بىرى تۇتۇۋالغاندەك ھېس قىلىپ نەپەس ئالالمايپۇشايمان قىلىشقا باشلايمىز ۋە ئاخىرى تۇنجى قېتىم ئۆپكىمىز بىلەن نەپەس ئالىمىز. نېمىدىگەن قورقۇنچلۇق؟!  مانا قاتتىق يىغلاپ بىئاراملىقىمىزنى ئىپادىلىسەكمۇ، ئەپسۇسئىلگىرىكى ئاسان تۇرمۇشىمىزغا قايتالمايمىز، بالا ھەمرىيىمىزمۇ تۈگەشتىئەمەسمۇ؟  تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، تېخى پەقەت يىغلاش ئارقىلىقلا ئانىمىزنى دېگىنىمىزنىقىلغۇزغاندىن باشقا ئۇنى بۇرۇنقىدەك خالىغانچە كونتىرول قىلمىقىمىز تەس بولۇپقالىدۇ. بۇرۇن باكتىرىيەلەرگە تولغان مۇھىتتا ياشىساقمۇ، ئەمما ئۇلۇغ قوغدىغۇچىبالا ھەمرىيى بىزنى ھەر ۋاقىت قوغداپ تۇرغاچقا باكتىرىيە، ۋىرۇس دېگەندەك پاسكىناجانلىقلار بىلەن ھەپىلىشىپمۇ يۈرمەيتتۇق. ئەڭ يامان بولغىنى، ئەمدى بىز ئۆزىمىزنىقوغداشنى ئۆگەنمىسەك بولمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىز يەنە قانغا ئىلتىجا قىلىمىز، ۋەتۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا نۇرغۇن بىزنى قوغدايدىغان ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغانقاننى جىددى قوراللىنىپ ھەر ۋاقىت ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇشقا بۇيرۇيمىز ۋە يۈگۈرۈپيۈرگۈدەك چوڭمۇ بولۇپ قالىمىز. ئەگەر قاندىكى ئاق قان ھۆجەيرىلىرى دەمدۇ ئەيتاۋۇر،شۇنداق بىر جەڭچىلەر بىزنى قوغدىمىغان بولسا ھازىرغىچە ھاۋادا، يەردە، سۇدا،ئىشقىلىپ ھەممىلا يەردە پۇتلىشىپ يۈرىدىغان قورقۇنچلۇق باكتېرىيە ۋە ۋىرۇس دېگەندەك كىچىكلىكىدىن كۆزگىمۇ كۆرۈنمەيدىغان مەخلۇقلارنىڭ دەستىدە بۇ چاغقىچە ھايات قالالامتۇق.

مۇندەرىجە تەھرىرلەش

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • قان ھەققىدە
  • تۈزۈلىشى ۋە تەركىبى
  • قان ھۈجەيرىلىرى تۈرلىرى
  • قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى
  • ئاق قان ھۈجەيرىلىرى
  • قان پلاستىنكلىرى
  • قان تىپلىرى
  • ABO قان تىپى سىستىمىسى
  • Rh قان تىپى سىستىمىسى
  • ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپ
  • مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەر
  • ھۇجەيرىلىرىدىكى ئاگلۇتىنۇگېن ۋە قان
  • قىزىل قان ھۇجەيرىسىدە ئاگلۇتىنۇگېن A
  • كاللەكلىشىش رىئاكسىيەسى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

تۈزۈلىشى ۋە تەركىبى تەھرىرلەش

   قان- پلازما ۋە بىر قانچە خىل ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلىدۇ. قاننىڭ %55 پلازما بولۇپ، ئاساسلىقى قاننىڭ سۇيۇق قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. قان پلازمىسىنىڭ %92 سۇ بولۇپ، قالغان قىسمى بىر قىسىم ئاقسىللار، گلۇكوزا، ماي كېسلاتالىرى ... قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. باشقا مۇھىم تەركىبلىرىدىن قان قېتىشتۇرغۇچىفاكتۇرلار، ئىممۇنىتېت ئاقسىللىرى، ياغ ئاقسىللىرى ۋە باشقا ئىئونلار (ئاساسلىقىخىلور ۋە ناتىرىي) بار.

قان ھۈجەيرىلىرى تۈرلىرى تەھرىرلەش

قان ھۈجەيرىلىرى ئۈچ چوڭ تۈردىن تەشكىل تاپىدۇ:  

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى تەھرىرلەش

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى: ئەڭكۆپ ئۇچرايدىغان قان ھۈجەيرىسى بولۇپ تەخمىنەن 4-6 مىليۇن ئەتراپىدا تېپىلىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىسىدە كۆپ مىقداردا ھىموگلوبېن دەپ ئاتىلىدىغان ئاقسىل بولۇپ، بۇئاقسىل دەل ئوكسىگېن توشۇيدىغان ئاقسىلنىڭ ئۆزى شۇ. ھىموگلوبېن (hemoglobin) مولىكۇلىسىنىڭ مەركىزىدە تۆت دانە تۆمۈر ئاتومىدىن تۈزۈلگەن ھىموگلوبېن گۇرۇپپىسى بولۇپئوكسىگېنغا بىرىكىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە ۋە مۇشۇ گۇرۇپپىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تۈپەيلى،قاننىڭ رەڭگى قىزىل رەڭدە بولىدۇ. مەخسۇس مۇسكۇلدا تېپىلىدىغان يەنە بىر ئوكسىگېنيەتكۈزىدىغان ئاقسىل بار بولۇپ، مىيوگلوبېن (myoglobin)  دەپ ئاتىلىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى توختىماي يېڭىدىن ئىشلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، يېڭىدىن ئىشلىنىشى بۆرەكتىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى سەزگۈچى ھۈجەيرىلەرنىڭ قىزىل قان ئىشلەشنى ئىلگىرىسۈرگۈچى ئاقسىللارنى ئىشلەپچىقىرىپ يىلىككە ئۇچۇر بېرىشى ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئوكسىگېن شالاڭ بولغان يۇقىرى ئېگىزلىكتە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭبەدىنىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ مىقدارى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەببىر قىسىم تەنھەرىكەتچىلەر ئېگىز تاغلىق جايلاردا مەشىق قىلىدۇ ۋە دېڭىز يۈزىدىنئېگىزلىكى تۆۋەن جايغا كەلگەندە خېلىلا تېز يۈگۈرەلەيدۇ چۈنكى بەدەننىڭ ئوكسېگىنبىلەن تەمىنلىشى ئاشقان بولىدۇ. قىزىلقان ھۈجەيرە پەردىسىدە يەنە قان تىپىنى بەلگىلەيدىغان ساخارىدلانغان ئاقسىللار (glycoprotein)  يەنى ئازراق قەنىت رادىكاللىرى ئۇلانغان ئاقسىللار بار بولۇپ، قانتىپىنى بەلگىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئاق قان ھۈجەيرىلىرى تەھرىرلەش

4پارچەئاق قان ھۆجەيرىسىئاق قان ھۈجەيرىلىرى: ئەڭمۇھىم بولغان ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى بولۇپ، تەخمىنەن 4000-11000 ئەتراپىدا مەۋجۇتبولىدۇ. ئاق قان ھۈجەيرىلىرى سانى كۆپىيىپ كېتىدىغان راك كېسىلى ئاق قان كېسىلىياكى قىسقىچە قان راكى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىملىرىدىن B ۋە T ھۈجەيرىلەر بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە B ھۈجەيرە ئۆزىگە يات بولغانئاقسىللارنى پارچىلايدىغان ئاقسىللار يەنى ئانتىبودى (antibody) ئىشلەپچىقىرىپبەدەننى قوغدىسا، T ھۆجەيرىلەر ئۆزىگە يات بولغان تاجاۋۇزچى ھۈجەيرىلەرنى پۈتۈنيۇتۇش ئارقىلىق ئىممۇنىتېت رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئەيدىز ۋىرىسى (HIV) ئاساسلىقى دەل T ھۆجەيرىلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان بولغاچقا، بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

قان پلاستىنكلىرى تەھرىرلەش

3پارچەقان پىلاستىنكىسىقان پلاستىنكلىرى:بۇلارئاساسلىقى قان قېتىشىشتا رول ئوينايدىغان ھۈجەيرىلەر بولۇپ، سانى 200 مىڭدىن 500مىڭغىچە ئەتراپتا بولىدۇ.

ئاساسلىق رولى زەخمىدىن بولغان يارا ئىغىزىنى پۈتۈرۈپ قان توختىتىش.

قان تىپلىرى تەھرىرلەش

قان تىپى ئېرسىيەت قالىدىغان بىر ئېرسىي ئالاھىدىلىك بولۇپ،قان تىپىنى ئىككى ئەمەس بەلكى ئۈچ خىل تەڭ ئورۇنلۇق گېنلار بەلگىلەيدۇ. يەنى ئاتاۋە ئانىنىڭ ھەر بىرىدىن كەلگەن بىر گېنغا ۋارسىلىق قىلىمىز، شۇنداق بولغاندا ھەربىر قان تىپىنى بەلگىلەيدىغان گېن مۇناسىپ ئانتىگېنلارغا كود يازىدۇ.

ئادەتتە دائىم ئىلشىلتىلىدىغىنى ABO قان تىپى ۋە Rh (ئېرئەيچ) قان تىپى .

ABO قان تىپى سىستىمىسى بويىچە كىشىلەر A, B, AB, O دىن ئىبارەت تۆت خىلنىڭ بىرىگەتەۋە؛ Rh (ئېر ئەيچ) قان تىپى سىستىمىسى بويىچە Rh مۇسبەت ۋە Rh مەنفىي قانتىپلىرىنىڭ بىرىگە تەۋە بولىدۇ.

ABO قان تىپى سىستىمىسى تەھرىرلەش

بۇنى چۈشەندۈرۈشتىكى مىسال: سىز كۆز ئالدىڭىزغا ئۈستىگە كۈنجۈت باسقان گىردىلەرنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. ئەگەر گېردىنىڭ ئۈستىدە ئاق كۈنجۈت چېچىلغان بولسا بۇنى A تىپلىق دەيلى، قارا كۈنجۈت بېسىلغان گېردىنى B تىپ دەيلى،  ئۇ ھالداھەر ئىككىلىسى بېسىلغان گېردە تەبئىي ھالدا AB تىپلىق بولغان بولىدۇ. ئەمد ىھىچقانداق كۈنجۈت بېسىلمىغان بولسا بۇنى نۆل تىپ يەنى O تىپلىق دەپ ئاتىساق بولىدۇ. يەنى بۇ يەردە كۈنجۈت دېگىنىمىز دەل قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھۈجەيرە پەردىسىگە ئورۇنلاشقان ساخارىدلانغان ئاقسىللاردىن ئىبارەت بولۇپ، O قان تىپىغا كىرىدىغانكىشىلەرنىڭ قېنىدا ئەڭ ئاددىي ساخارىدلار بولىدۇ، A قان تىپىغا كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ئاقسىلىغا بىر گلاكتوزا مولىكۇلىسى قوشۇلغان بولىدۇ؛ B تىپلىقكىشىلەرنىڭ قېنىدا بۇ ئاقسىلغا ئاتسىتىل گلاكتوزامىن مولىكۇلىسى قوشۇلغان بولىدۇ؛ AB تىپلىق كىشىلەرنىڭ بۇ ئاقسىلىغا ھەر ئىككىلى قەنىت مولىكۇلىسى قوشۇلغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، A تىپلىق كىشىلەرنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىدە پەقەت A ئانتىگېن، antigen (گېردىنى مىسال قىلغاندىكى ئاق كۈنجۈت) بولىدۇ؛ B قان تىپلىق كىشىلەردە بولسا پەقەت B ئانتىگېن (گېردىنى مىسال قىلغاندىكى قارا كۈنجۈت) بولىدۇ؛ AB قانتىپلىقلاردا بولسا ھەر ئىككىلى ئانتىگېن (ئاق ۋە قارا كۈنجۈت) بولىدۇ؛ O قان تىپلىقكىشىلەردە بولسا ھىچقايسى ئانتىگېن بولمايدۇ. دىمەك، مۇشۇ كىچىككىنە پەرق تۈپەيلىكىشىلەر ئوخشىمىغان قان تىپىغا ئىگە بولىدۇ.

قانتىپى ئېرسىيەت قالىدىغان بىر ئېرسىي ئالاھىدىلىك بولۇپ،قان تىپىنى ئىككى ئەمەس بەلكى ئۈچ خىل تەڭ ئورۇنلۇق گېنلار بەلگىلەيدۇ. يەنى ئاتاۋە ئانىنىڭ ھەر بىرىدىن كەلگەن بىر گېنغا ۋارسىلىق قىلىمىز، شۇنداق بولغاندا ھەربىر قان تىپىنى بەلگىلەيدىغان گېن مۇناسىپ ئانتىگېنلارغا كود يازىدۇ. قىسقىچە، (Aئانتىگېننى بەلگىلەيدىغان گېننىA ئاشكارا گېن دېسەك، B) ئانتىگېننى بەلگىلەيدىغانگېننى B ئاشكارا گېن) دېسەك، O نى بەلگىلەيدىغان گېننى i دىسەك (بۇ يوشۇرۇن گېنبولۇپ بىر نۇسخىسىلا بولسا قان تىپىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ)، ئۇ ھالدا بۇ ئۈچ خىل گېننىئىككى-ئىككىدىن گۇرۇپپىلىساق تۆۋەندىكى ئالتە خىل بىرىكىش شەكلىگە ئېرىشىمىز: AA, AB, Ai, BB, Bi, ii. بۇنىڭ ئىچىدە AA ياكى Ai غا ئىگە بولغان ئادەم A قان تىپىلىقبولىدۇ؛ BB ياكى Biغا ئىگە بولغان ئادەم بولسا B قان تىپلىق بولىدۇ؛ AB غا ئىگەبولغان ئادەم بولسا AB تىپلىق بولىدۇ؛ ii غا ئىگە بولغان ئادەم O قان تىپى بولغانبولىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇلدا قانداق قان تىپىدىكى ئىككى ئادەمنىڭ پەرزەنتى قانداق قانتىپلىرىغا ئىگە بولۇش-بولماسلىقىنى ئاسانلا ئېنىقلىغىلى بولىدۇ.

1 . ھەر ئىككەيلەن A قان تىپلىق بولسا، بالىلىرى پەقەت A ياكى O تىپلىق بولۇشىمۇمكىن.

2 .ھەر ئىككەيلەن B قان تىپلىق بولسا، بالىلىرى پەقەت B ياكى O تىپلىق بولۇشىمۇمكىن.

3 .ھەر ئىككەيلەن AB قان تىپلىق بولسا، ئۇ ھالدا بالىلىرى پەقەت A, B, O لار بولۇشىمۇمكىن.

4 .بىرى A تىپلىق، يەنە بىرى B تىپلىق بولسا ئۇ ھالدا تۆتىلى قان تىپلىق بالا تۇغۇلۇشىمۇمكىن.

5. قان تىپى Oنىڭ بەلگىلەش رولى يوق بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ قان تىپى نېمە بولسا،بالىلارىنى قان تىپى شۇ ياكى O بولۇشى مۇمكىن (قارشى تەرەپ AB تىپلىق پەقەت A ياكى B بولىدۇ)؛ ھەر ئىككىلى تەرەپ O قان تىپلىق بولسا پەرزەنتى چوقۇم پەقەت O تىپلىقبولىدۇ.

ئادەمبەدىنىدە ئەگەر ئۆزىدە بولمىغان تۈزۈلۈشكە ئىگە ئاقسىللار كىرسە، ئۇ ھالدا ئادەمبەدىنى بۇ خىل ئاقسىلنى تونۇمايدۇ ۋە بۇ خىل ئاقسىلنى يات ئانتىگېن (يەنى ياتئاقسىل دېگەن مەنىدە) دەپ تونۇيدۇ ۋە شۇ ئانتىگېنغا قارشى تۇرىدىغان ئاقسىللار يەنىئانتىبودىلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. دېمەك، A قان تىپلىق ئادەملەردە B ئانتىبودىشەكىللىنىدۇ، شۇڭا B ئانتىگېنغا ئىگە قاننى سالغىلى بولمايدۇ. شۇنداقكەن A قانتىپلىق كىشىلەرگە B ياكى AB قاننى سالغىلى بولمايدۇ. Oتىپلىق ۋە A تىپلىق قان ماسكېلىدۇ. Oتىپلىق كىشى ئۈچۈن پەقەت O تىپلىق قانلا ماس كېلىدۇ. قالغانلىرىنىمۇشۇنداق قىلىپ كەلتۈرۈپ چىقارساق بولىدۇ. Oتىپلىق كىشىلەردە ھىچقانداق ئانتىگېنبولمىغاچقا O قاننى ھەممە ھەر قانداق كىشىگە سالغىلى بولىدۇ؛ شۇڭا O قان تىپىلىقلارئورتاق قان تەقدىم قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ، ئەمما  ئۆزىگە پەقەت ئوخشاش تىپتىكىكىشىلەرنىڭ قېنىلا ماس كىلىدۇ. ئەكسىچە، AB قان تىپلىقلارغا ھەممە قان تىپىنى سالسابولىدۇ، شۇڭا بۇ خىل قان تىپىدىكىلەر ئورتاق قوبۇل قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ، ئەممائۆزلىرى پەقەت AB قان تىپىدىكى كىشىلەرگىلا قان بېرەلەيدۇ.

Rh قان تىپى سىستىمىسى تەھرىرلەش

       بۇخىل قان تىپىنىڭ بەلگىلىنىشى بىر قەدەر ئاددى بولۇپ، پەقەت قىزىل قان ھۈجەيرە پەردىسىدە Rh دىن ئىبارەت بىرلا ئانتىگېننىڭ بار-يوقلۇقىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ؛بار بولسا ئۇ ھالدا Rh مۇسبەت، بولمىسا Rh مەنفىي بولغان بولىدۇ. پەرزەنىت Rh مۇسبەت قان تىپى بولۇش ئۈچۈن ئاتا ۋە ئانىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ياكى پەقەت بىرىدەمۇشۇ خىل گېن بولسىلا بولىدۇ؛ Rh مەنفىي بولۇشى ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ مەنفىيبولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاچقا Rh مەنفىي قان تىپى ناھايتى ئاز ئۇچرايدۇ. Rh مەنفىيقان تىپىغا تەۋە كىشىلەر ئاق تەنلىكلەردە %15 تىن يۇقىرى بولىدۇ، ئامرىكىدىكى قاراتەنلىكلەردە %7 ئەتراپىدا، ئامرىكا ئىندىئانلىرىدا 15 ئەتراپىدا، ئاسىيالىقلار ۋەئافرىقىلىقلار ئارىسىدا بولسا %1 تىنمۇ ئاز.

ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپ تەھرىرلەش

    ئەمدى بۇ قان تىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر چاتاق ئىش بار بولۇپ، ئاساسلىقى يۇقىرىداسۆزلەپ ئۆتكىنىمىزگە ئوخشاش قائىدە بويىچە Rh مۇسبەت تىپتىكى كىشىلەردە Rh ئانتىگېنى بولىدۇ، Rh مەنفىي تىپلىق كىشىلەردە بولسا بۇ ئانتىگېىن مەۋجۇت ئەمەس،دېمەك شۇنداق قانغا ئۇچراشسا دەرھال قارشى تۇرغۇچى ئانتىبودىلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. مۇشۇ سەۋەب، ئەگەر بىر Rh مەنفىي تىپلىق ئايال بىر Rh مۇسبەت تىپلىق ئەر بىلەن تويقىلغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ پەرزەنتى چوقۇم Rh مۇسبەت تىپلىق بولىدۇ ۋە ئانابەدىنى تۇنجى بالىنى تۇغۇش جەريانىدا ھامىلىنىڭ قېنى ئانا بەدىنىگە كىرىدۇ ۋە ئانابەدىنىدە دەرھا ئىممۇنىتېت ئىنكاسى پەيدا بولۇپ ئۆزىدە بولمىغان بۇ خىل Rh مۇسبەتئانتىگېنغا قارشى ئانتىبودىلارنى ياسايدۇ. بۇ تۇغۇلۋاتقان بالىغا دەرھال تەسىرقىلمايدۇ، ئەمما ئىككىنچى قېتىم قورساق كۆتۈرگەندە ئانا بەدىنىدە Rh مۇسبەتئانتىگېنغا قارشى ئانتىبودىلار شەكىللىنىپ بولغان بولغاچقا ئىككىنچى بالىنىڭ قېنىغائانا قېنىدىن بۇ خىل ئانتىگېنلار ئۆتۈپ ھامىلىنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىگە ھوجۇمقىلىدۇ،  ۋە قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ پارچىلىنىپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋەھامىلە ھاياتىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا، موشۇنداق ئەھۋالغا ماس كېلىپقالغان ئاتا-ئانىلار ئىككىنچى پەرزەنتى بولۇشتىن بۇرۇن ئوبدان تەييارلىق قىلىشىلازىم. ھازىر بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ئانىلارغا Rh مۇسبەت ئانتىگېنغا قارشىئانتىبودىنى ئۆلتۈرىدىغان قاننى ھامىلدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشئارقىلىق بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. دىققەت قىلمىسلا،بۇنداق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىككىنىچى پەرزەنتىنى ساغلام تۇغۇشى تەسكە توختايدۇ. بۇكېسەلنى بوۋاقلاردىكى قان ئېرىشچانلىق كېسىلى دەپ ئاتايمىز.

بۇخىل قان تىپى يەنە hh ياكى Oh قان گۇرۇپپىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قان گۇرۇپپىسىغائىگە تۇنجى كىشى ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرى (ھازىر مومباي دەپ ئاتىلىدۇ) دەبايقالغان بولغانلىقى ئۈچۈن، بومباي قان تىپى دەپ ئاتالغان. بۇ كىشىگە قان سالغاندا ABO قان تىپى سېستىمىسدىكى بارلىق قان تىپلىرىغا قارشىلىق شەكىللەنگەن بولۇپ، ABO قان تىپى سېستىمىسىدا گەرچە O قان تىپىدا A ياكى B ئانتىگېننىڭ ھىچقايسىسى بولمىغانبىلەن، بۇ قان تىپىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسىدە h دەپ ئاتىلىدىغانباشقا بىر ئانتىگېن ئورتاق مەۋجۇت. بومباي قان تىپىدىكىلەردە بولسا A ياكى B ئانتىگېنىلار يوق بولۇپلا قالماي، يەنە h ئانتىگېنمۇ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەتتاھەممىگە باپ O قان تىپىمۇ بۇ كىشىلەردە رىئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل قان تىپىھەر بىر مىليون كىشى ئىچىدە پەقەت 4 ئادەمدە ئۇچرايدىغان بولۇپ، دۇنيا بومباي قانتىپى بىرلەشمىسى مەخسۇس مۇشۇ قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ياردەم قىلىشىئۈچۈن قۇرۇلغان.

مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەر تەھرىرلەش

قان سېلىش ھازىرىقى زامان مىدىتسىنادىكى زور موۋەپپىقىيەتلەرنىڭ بىرى ، كۆپ ھاللاردا قان سېلىش ئارقىلىق بىمارلارنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدۇ .

ئادەملەرنىڭ قېنى A,AB,B,O دىن ئىبارەت تۆت گۇرۇپپىغا بۆلىنىدۇ . بۇنداق بۆلۈنۈشنىڭ ئاساسى نېمە؟ ئادەتتە قان تىپى قىزىل قان

ھۇجەيرىلىرىدىكى ئاگلۇتىنۇگېن ۋە قان تەھرىرلەش

پلازمىسىدىكى ئاگلوتىنىن ( كاللەكتۇرۇش ماددىسى) غا بۆلىنىدۇ ، A تىپلىق قاننىڭ ھۇجەيرىسىدە ئاگلۇتىنۇگېن A، قانپلازمىسىدا ئاگلوتىنىن B بولىدۇ ؛ B تىپلىق قاننىڭ قىزىل قان ھۇجەيرىسىدە ئاگلۇتىنۇگېن B، قانپلازمىسىدا ئاگلوتىنىن aبولىدۇ؛ ABتىپلىق قاننىڭ

قىزىل قان ھۇجەيرىسىدە ئاگلۇتىنۇگېن A تەھرىرلەش

ھەم ئاگلۇتىنۇگېن B بولىدۇ ، لېكىن قانپلازمىسىدا ھىچقانداقئاگلوتىنىن بولمايدۇ ؛ O تىپلىق قاننىڭ قىزىل قان ھۇجەيرىسىدە ھىچقانداقئاگلۇتىنۇگېن بولمايدۇ، قانپلازمىسىدا ھەم ئاگلوتىنىن a، ھەم ئاگلوتىنىن B بولىدۇ

قان سىلىشتىن بۇرۇن چوقوم قات تىپىنى تەكشۈرۈش كېرەك ، قان تىپ ئوخشاش بولغان كىشىلەرنىڭ قىنىقنىلا بىر -بىرىگە سىلىشقا بولىدۇ O تىپلىق قاننى ھەرقانداق قانغا سېلىشقا بولىدۇ . ئەگەر قان تىپى ماس كەلمىسە قان كاللەكلىشىش رېئاكسىيەسى يۈز بېرىپ ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قورۇلۇپ شەكلى ئۆزگۇرۇپ كېتىدۇ ، ئېغىر بولغاندا ھاياتقا خەۋىپى يېتىدۇ.

كاللەكلىشىش رىئاكسىيەسى تەھرىرلەش

كاللەكلىشىش رىئاكسىيەسى قانداق يۈز بىرىدۇ ؟

ئاگلۇتىنۇگېن A بىلەن a، ئاگلوتىنىن B بىلەن ئاگلوتىنىن B ئىككى جۇپ رەقىپلەردىن بولۇپ ، بىر -بىرى بىلەن

ئۇچرىشىپ قالسا ، كاللەكلىشىش رىئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

قان سالغاندا سىلىنغان قان پلازمىسىدىكىئاگلوتىنىن ئادەم بەدىنىدىكى كۆپ مىقداردىكى قان پلازمىسىنىڭ

تەسىرىدە تىزلا پارچىلىنىپ ، ئەكىس تەسىر قوزغىيالمايدۇ ، قىزىل قان ھۇجەيرىسىدىكى ئاگلۇتىنۇگېن

بەدەننىڭ ھەممە يىرىگە ئىقىپ بىرىپ ، رەەقىبى بىلەن ئۇچراشقان ھامان چاتاق چىقىرىدۇ . شۇڭا ،

قان تىپى قىزىل قان ھۇجەيرىسىدە ئاگلۇتىنۇگېنغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.