قان سىيىش – بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولى ۋە ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كلىنكىدا سۈيدۈككە قانىنڭ ئارلىشىپ كېلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ئالامەت قان سىيىش دىيلىدۇ.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى تەھرىرلەش

ئۇيغۇرچە نامى :قان سىيىش


ئىنگلىزچە :hematuria

ئېنىقلاش تەھرىرلەش

سۈيدۈكتىكى قاننىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلاشتا، ئۈچ دانە ئىستاكان ئېلىپ بىمارنى ھەر بىر ئىستاكانغا ئاز – ئازدىن سىيىشكە بۇيرۇلىدۇ. ئاندىن دەسلەپتە ئوتتۇرىدا ۋە ئاخىرىدا سىيگەن ئىستاكانلارنى ئۆز تەرتىپى بويىچە قاتار تىزىپ قويۇلىدۇ. ئەگەر دەسلەپ سىيگەن ئىستاكاندا قان بولسا (دەسلەپكى قانلىق سۈيدۈك) ۋە باشقا ئىككى ئىستاكاندا قان بولمىسا ياكى ناھايىتى ئاز بولسا، بۇ قاننىڭ سۈيدۈك يولىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. سۈيدۈك ئېغىزىدىن قان تامچىلىسا ئۇنداقتا قان ئالدىنقى سۈيدۈك يولىدىن كەلگەن بولىدۇ. ئەگەر ئارقا سۈيدۈك يولىدىن كەلگەن سۈيدۈكتە قان بولسا ( ئاخىرقى قانلىق سۈيدۈك) قاننىڭ دوۋساق بوينى قىسمىدىن ۋە ئۈچ بۇرجەك رايونىدىن، ئارقا سۈيدۈك يولى ياكى مەزى بېزىدىن كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر ئۈچ ئىستاكاننىڭ ھەممىسىدە قان بولسا ئومۇمىي مۇساپىلىق قان سىيىش بولۇپ، قاننىڭ بۆرەك، سۈيدۈك ئۆتكۈزۈش قانىلىدىن كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ ياكى دوۋساقتىن كەلگەن قانلىق سۈيدۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاياللارنىڭ قانلىق سۈيدۈكىدە جىنسىي يولدىن كەلگەن قاننىڭ سۈيدۈككە ئارىلىشىپ قالغانلىق ئېھتىمالىنى ئېنىقلاپ، ئاندىن دىئاگنوز قويۇش لازىم.

مۇندەرىجە تەھرىرلەش

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • ئېنىقلاش
  • سەۋەبى
  • ئەگەشمە ئالامىتى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

سەۋەبى تەھرىرلەش

1. قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2. زەڭگارەڭ سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

3. سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى: ياللۇغلىنىش، تاش پەيدا بولۇش، ئۆسمە، مۇنچاق گۆش، غەيرىي شەكىل ياكى قان تومۇر غەيرىي نورماللىشىش، زەخىملىنىش قاتارلىقلار قان سىيىشنىڭ ئاددىي سەۋەبلىرىدۇر.

4. سۈيدۈك يولىغا يېقىن قوشنا ئەزالاردىكى كېسەللىكلەر: مەسىلەن: مەزى بېزى ياللۇغى، ئۆتكۈر سازاڭ ئۆسۈكچە ياللۇغى، ئۆتكۈر داس بوشلۇقى ياللۇغى، تۈز ئۈچەي، چەمبەر ئۈچەي ئۆسمىسى قاتارلىقلار.

5. ئومۇمىي بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:

1) يۇقۇملىنىش: يۇقۇملۇق يۈرەك ئىچكى پەردىسى ياللۇغى، تارقىلىشچان قاناشلىق قىزىتما، قىلقۇرت كېسەللىكى.

2) قاناشقا مايىللىق كېسىلى، مەسىلەن: زىيادە سېزىمچانلىق سۆسۈن داغ كېسىلى.

3) يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، ئۆتكۈر تەرەققىي قىلىشلىق يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى، بۆرەكتە قان قېيىپ قېلىش، بۆرەك ئارتېرىيىلىرى توسۇلۇپ قېلىش.

4) دورىلار ۋە باشقا خىمىيىۋى ماددىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش.

5) باشقىلار، يەنى ھەرىكەتتىن كېيىنكى قاناش. كلىنىك ئىپادىسى : قان سىيىشنىڭ دەسلەپكى مەزگلىدە بولسا قان سۈزۈك، مىقدارى ئازراق بولىدۇ، قانغا يىرىڭ زەرداپ سۇيۇقلۇقلار ئارلاشمايدۇ، ئەگەر سۇيدۇك يولى يۇقۇملۇنۇش، تاش كېسەللىكى سەۋەبىدىن بولسا قانلىق سۈيدۈك بىلەن بىرگە يىرىڭلار ئارلاش كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا قىزىش، بەل ئاغرىش، سىيگەندە ئېچىشىش، ئاقسىل سىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. ئەگەر قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن بولسا يۇقارقى ئالامەتلەر بىلەن بىرگە بىمارنىڭ يۈز-كۆزلىرى ئىسىلەنگۈ، قىزغۇچ بولىدۇ، سۈيدۈكى گۆش يۇيغان سۇدەك كېلىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىۋەرسە بەدەن ئاجىزلاش، ئورۇقلاش، كەم قانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ، تومۇرى تېز، تولغان، قاتتىق سالىدۇ، سەپرا خىلتىنىڭ تەسىرىدىن بولسا سىيىگەندىكى ئاغرىش، ئىچىشىش كۈچلۈك بولىدۇ، ئاخىردا سۈيدۈك تامچىلاش، سۈيديۈكنىڭ ئالدى-كەيىندە قان يىرىڭ ئىپادىسى بولىدۇ.

ئەگەشمە ئالامىتى تەھرىرلەش

1. قان سىيىشكە بۆرەك ساھەسىنىڭ مۇجۇپ ئاغرىش قوشۇلۇپ كەلسە، كېسەلنىڭ مەنبەسى بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرىدا تاش پەيدا بولۇش، پىشلاقسىمان ماددىلار، قان ئۇيۇملىرى بىلەن سۈيدۈك يوللىرى توسۇلۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ.

2. قان سىيىشكە سۈيدۈكلۈك غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىش ( پات– پات سىيىش، سۈيدۈك جىددىي قىستاش، سۈيدۈك ئاغرىپ كېلىش) كېسەللىكى دوۋساقتا ياكى ئارقا سۈيدۈك يولىدا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

3. قان سىيىشكە يۇقىرى قان بېسىم قوشۇلۇپ كەلسە، بۆرەك شارچىلىرىنىڭ ئۆتكۈر ياللۇغىدا، جىددىي تەرەققىي قىلىشچان يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىدە كۆرىلىدۇ.

4. قان سىيىشكە بۆرەك ساھەسىدە مونەكچىلەر بولۇش، بۆرەك ئۆسمىسىدە ۋە تۇغما كۆپ خالتىلىق بۆرەكتە ئۇچرايدۇ. سوراپ تەكشۈرۈش: قان سىيىشنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتى، دەرىجىسى، تېز-ئاستىلىقى، داۋاملىشىش ۋاقتى، قىزىش، ئورۇقلاش، تېرە شىللىق پەردىلەر قاناش، بۆرەك ساھەسى مۇجۇپ ئاغرىش، دوۋساق غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى بار – يوقلۇقى، بۆرەك كېسەللىكلىرى، بۆرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىش ياكى بۆرەككە تاش چۈشۈش، قىلقۇرت كېسىلى، سۈيدۈك چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ زەخىملىنىشلىرى ۋە سىل كېسىلى بىلەن ئاغرىغان تارىخى بار – يوقلۇقى تەپسىلىي سورىلىدۇ ھەمدە قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر خىل رېئاكسىيىلىرىگە دىققەت قىلىش لازىم. ئارىلاپ يۈز بېرىدىغان ئاغرىقسىز قان سىيىش تارىخى بولسا، بۆرەكنىڭ يامان سۈپەتلىك ئۆسمىسى بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىغا دىققەت قىلىش، بۆرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە، قىلقۇرت كېسەللىكىگە دىققەت قىلىش لازىم. كۈچلۈك جىسمانىي ھەرىكەتلەردىن كېيىن سادىر بولغان قانلىق سۈيدۈكتە ھەرىكەتتىن كېيىنكى قان سىيىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردە تۇتۇش لازىم.