قاپاق ئاستى: بۇيەر مەكىت ناھىيە شېھىددۆڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ 11 كىلومېتىر غەربىدە بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇزاق يىللار ئىلگىرى بۇ جاي پايانسىز توغراقلىق ئىكەن، ئايىمخان ئىسىملىك بىر ئايال يوپۇرغىدىن بىر قاپاق سۇنى كۆتۈرۈپ پىيادە مېڭىپ دەل شۇ يەرگە كەلگەندە، كۈن ئولتۇرۇپ ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق بېسىپتۇ. ئۇ بۆرىدىن قورقۇپ قاپاقنى دەرەخ شېخىغا ئېسىپ قويۇپ، ئۆزى دەرەخكە چىقىۋاپتۇ، كەچتە بۆرىلەر كېلىپ ئۇنىڭغا قاراپ ھۇۋلاپتۇ، ئايال قورقۇپ كەتكىنىدىن دەرەختىن يىقىلىپ چۈشۈپ، بۆرىلەرگە يەم بوپتۇ. ئەتىسى يولدىن ئۆتكەن يولۇچىلار دەرەخ شېخىغا ئېسىقلىق قاپاقنى كۆرۈپ، بۇ جاينى ‹‹قاپاق ئاستى››دەپ ئاتاپتۇ.