قاپىيە
قاپىيە ئاچ قاپىيە توق قاپىيە دەپ ئىككى تۈركۈمگە بۆلىنىدۇ.
توق قاپىيە : تەلەپپۇز قىلىنىش ئورنى ۋە ئۇسۇلى ئوخشاش تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن قاپىيە توق قاپىيەدۇر.
توق قاپىيە ئۈچۈن مىسال:
گاز ساز ياز غاز
دەز بەز گەز سەز
ئىز بىز تىز قىز
بۆز كۆز سۆز ئۆز
ئاچ قاپىيە: تەركىۋىدىكى سۇزۇق تاۋۇشلار ئوخشاش بولسىمۇ ئۈزۈك تاۋۇشلار ئوخشاش بولمىسا ياكى جۈپلۈك تاۋۇش بولمىسا بۇ ئاچ قاپىيەدۇر. مەسلەن:
ئاتاپ ساناپ
پەلۋان قەھرىمان
كەلدى كەتتى
قوش قاپىيە(رادىف):
ئىشرەت كۈنى ئەي دىلبەر دەشت ئەردى چىمەن سەنسىز،
باغ ئىچىرە قىزىل گۈللەر باغرىمغا تىكەن سەنسىز.
ھۆسنۈڭ نۇرى تاپ ئەتسە جەننەت كۆرىنۇر دوزاخ،
ۋەسلىڭ يوق ئېسە قىلمام جەننەتنى ۋەتەن سەنسىز.
غەم ئويى كاۋاپ ئەيلەر ھىجرىڭدە چىقارغان دۇد،
ئىشق ئەھلى مەشامىغا چۈن مۇشكى خوتەن سەنسىز.
(گۇمنام)
كۈندە سېنى خوش قىلغاننى دوست دېمە،
دۈشمىنىڭگە دوست بولغاننى دوست دېمە.
باي چېغىڭدا ئەتىراپىڭدا چۆرگىلەپ،
نامراتلاشساڭ ئايرىلغاننى دوست دېمە.
(ئە.مۇھەممەت ئەركزات روبائىلىرىدىن)
ئىزچىل قاپىيە: بىر پارچە شېئىردا قاپىيە قىلىنغان سۆزلەر باشتىن ئاخىرغىچە بىر خىل ياكى جۈپلۈك تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن بولسا ئىزچىل قاپىيە بولىدۇ. مەسىلەن:
...................ئا
...................ئا
...................ب
...................ئا
بەزىلەر قانداقتۇر مالۇ-دۇنياۋاز،
بەزىلەر يالغاندىن قىلار جىلۋە-ناز.
بەزىلەر قىش يىتىپ غال-غال تىتىرىسە،
بەزىلەر دەيدىكەن«بولدى باھار ياز».
(ئە.مۇھەممەت ئەركزات روبائىلىرىدىن)
ئالماش قاپىيە:
مەسىلەن:
................... ئا
...................ب
...................ئا
................... ب قارا دىمەك قار-بوران،جۇت-شىۋرىغاندۇر،
ئەگرى-توقاي ھاياتنىڭ ئەينەن سىموۋلى.
قارا دىمەك ئەل ئۈچۈن چەككەن پىغاندۇر،
بەختلىك بۇ ھاياتنىڭ يىلتىزى-ھۇلى.
(ئە.مۇھەممەت ئەركزات پارچىلىرىدىن)
ئىچكى قاپىيە: ۋەزنى ۋە مىسرالىرى ئۇزۇنراق شېئىرلاردا مىسرا بۆلۈنۈپ ئوقۇلىدىغان جايدىكى سۆزلەرنىڭ ئاھاڭداش بولۇپ كېلىشى ئىچكى قاپىيە دىيىلىدۇ.مەسىلەن:
«تېلى،چېلى» ئاتىلىپ،«تۇرانلار»دەپ داڭلىنىپ،
تۇلپار مىنىپ جەڭ قىلىپ،بارگاھ قۇرغان مەن ئىدىم.
«ئاتتىلا»نى باش قىلىپ،بۈيۈك «ھۇن» دەپ ماختىلىپ،
بۇ دۇنيانى ئايلىنىپ،زەپەر قۇچقان مەن ئىدىم.
(ئە.مۇھەممەت ئەركزات شېئىرى ـــ «مەن ئىدىم»دىن)
ئەھلى نەزەر شىۋەسىنى سۆز بىلۇر،
نۇرى بەسەر مىۋەسىنى كۆز بىلۇر.
(خارەزمى)[1]