قاچ قاچ (كويلا توپ) ئويۇنى

<قاچ - قاچ> ئونى - ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى تېزلىك، چېۋەرلىك، قەيسەرلىك ۋە ھوشيارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئويۇنمۇ ئىككى تەرەپ بولۇپ مۇسابىقىلىشىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئويۇنغا قاتنىشىدىغانلار كۆپرەك بالىلار ۋە ياشلار بولۇپ، ئالدى بىلەن ئۇلار ئىككى سەپكە ئايرىلىدۇ. ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ، ئەمما ھەر بىر سەپكە قاتناشقانلارنىڭ سانى توققۇزدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. <قاچ - قاچ> ئويۇنى ئۈچۈن يۈگۈرۈشكە ئەپلىك تۈزلەڭ يەر ياكى ئېتىزلىق مەيدان قىلىنىدۇ. ئويۇن مەيدانىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى قاتناشقۇچىلارنىڭ سانىغا قاراپ سىزىلىدۇ. مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىگە چەمبەر شەكلىدە سىزىلغان توپ ئۇرۇش ئورنى ۋە قېچىپ بارىدىغان ئورنى ئادەتتە <كويلا> دەپ ئاتىلىدۇ. <قاچ - قاچ> ئويۇنى ئۈچۈن بىر دانە توپ ئۇزۇنلۇقى 90 سانتىمېتىر، توملۇقى كەتمەن سېپىدەك، توپ ئۇرۇش قسىمى ياپىلاق شەكىلدىكى توپ ئۇرۇش كالتىكى ھازىرلىنىدۇ، كالتەك ئورنىدا قول بىلەن توپنى ئۇرۇپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ. ئويۇن باشلاشتا ئىككى تەرەپنىڭ كوماندا باشلىقلىرى ئالدى بىلەن توپ باشلاش ھوقۇقىنى تالىشىدۇ. توپ ئۇرۇش كويلىسى ئىچىدە رەتلىك تىزىلىپ تۇرىدۇ. قارشى تەرەپ ئەزالىرى مەيداندا توپنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ئەپلىك جاي تاللاپ، خۇددى ۋالىبولچىلاردەك ئورۇن ئىگىلەيدۇ. توپ ئۇرغۇچى تەرەپكە مۇداپىئە كۆرگۈچى قارشى تەرەپنىڭ كوماندا باشلىقى توپنى كالتەككە توغرىلاپ تاشلاپ بېرىدۇ. كوماندا ئەزالىرىنىڭ بىر قېتىم، كوماندا باشلىقى (رامباتچى) نىڭ ئىككى قېتىم توپ ئۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ. توپ ئۇرغۇچى ئۇرۇلغان توپ بىلەن تەڭ مەيداننىڭ قارشى تەرىپىدىكى بەلگىلەنگەن نۇقتا ئىچىگە قاراپ يۈگۈرىدۇ. ئەگەر بۇ كىشى نۇقتا ئىچىگە كىرىۋالغۇچە قارشى تەرەپ توپنى تۇتۇۋېلىپ، توپ بىلەن ئۇنى ئۇرۇۋالسا، مۇداپىئەدە تۇرغان قارشى تەرەپ ئەزالىرى ناھايىتى چەبدەسلىك بىلەن گۈررىدە يۈگۈرۈپ بېرىپ توپ ئۇرۇش كويلىسى ئىچىگە كىرىۋېلىشى شەرت، ئەگەر بەلگىلەنگەن مەيدانغا كىرگۈچە ئارىلىقتا قارشى تەرەپ بىلەن ئۇلارنىڭ بىرەر ئەزاسىنى ئۇرۇۋالسا، ئۇلار توپ ئۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولالمايدۇ. توپ ئۇرۇش ھوقۇقى بار تەرەپنىڭ ئەزالىرىدىن بىرسى توپ ئۇرغاندىكى كالتىكى توپقا تەگمەي ياكى يىراققا ماڭماي، قېچىشنى لايىق كۆرمىسە، كويلىغا كىرىپ تۇرۇپ ئىككىنچى ئەزا ئۇرغاندىن كېيىن شۇ كىشى بىلەن بىرگە قاچسىمۇ بولىدۇ ياكى كېيىنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى توپ ئۇرغۇچى بىلەن بىللە قاچسىمۇ بولىدۇ. ئىشقىلىپ توپ ئۇرغان كىشى چوقۇم بەلگىلەنگەن رايونغا قېچىپ بېرىۋېلىشى شەرت. ئۇ يەنە پۇرسەت كۈتۈپ ئۆزىنىڭ كوماندىسىدىكى باشقا بىرى توپ ئۇرغان زامان توپ ئۇرۇش كوماندىسىغا قېچىپ كېلىۋالسا <ئەسىرلىكتىن> قۇتۇلۇپ، توپ ئۇرۇش ھوقۇقىغا قايتا ئىگە بولىدۇ. توپ ئۇرغۇچى تەرەپ ئەزالىرى توپنى بەلگىلەنگەن مەيدان ئىچىدە خالىغان يىراقلىققا ئۇرسا بولىۋېرىدۇ. لېكىن، ئارقا تەرەپكە ئۇرسا ياكى مەيدان سىزىقىدىن چىقىپ كەتسە <كۆيگەن توپ> (<سېسىق توپ>) ھېسابلىنىپ توپ ئۇرۇش ھوقۇقى ئالمىشىدۇ. مۇسابىقە جەريانىدا توپ ئۇرغۇچى تەرەپنىڭ توپ ئۇرۇش نۆۋىتى تۈگەپ، ھەممىسى قاچالماي قامىلىپ قالسا، ئۇ ھالدا مۇداپىئە قىلغۇچى قارشى تەرەپنىڭ ئىككى ئەزاسى مەيدان ئىچىدە ئۆز ئارا توپ پاسلىشىپ، توپ ئۇرغۇچى تەرەپنىڭ بەلگىلەنگەن رايونىغا قېچىپ بېرىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ پۇرسەت ئىچىدىمۇ قېچىپ بېرىۋالالمىسا ياكى قېچىش جەريانىدا قارشى تەرەپ توپ بىلەن ئۇرۇۋالسا، يېڭىلگەن بولۇپ توپ ئۇرۇش ھوقۇقى ئالمىشىدۇ."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش