قورىقانلار: قورىقانلار توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئون ئۇيغۇرلارنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان. «يەرلىرىدىن سامساقگۈل كۆپ چىقاتتى، بېشى تۆگىنىڭ بېشىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان، كۈندە نەچچە يۈز چاقىرىملاپ چاپالايدىغان، ئۇستىخانلىرى قاۋۇل كەلگەن ئېسىل ئاتلار، يەنە ئېسىل تۆگىلەرمۇ چىقاتتى»، «ئۇلارنىڭ جايلاشقان يېرى شىمالىي دېڭىزدىن ئايرىلىپ تۇرغاچقا، يازدا كۈن ئۇزۇن، تۈن قىسقا، قىش كۈنلىرى تۈن ئۇزۇن، كۈن قىسقا بولاتتى»[30]. «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»دە: «قورىقانلار خەنخەي (瀚海) نىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 5000 كىشى ئىدى» دېيىلگەن، «تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم بايانلار»دا: «تۈتۈنى ئون مىڭدىن كۆپ دېيىلگەن» بولۇپ، بەزىلەر مۇشۇ خاتىرىگە ئاساسەن خەنخەينى بايقال كۆلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، دەپ ھېسابلايدۇ. ياپۇنىيلىك تەتقىقاتچى بەينياۋكۇجى ئەپەندى بولسا «خەنخەي» بىلەن قەدىمكى خەنزۇچە ھۆججەتلەردە تىلغا ئېلىنغان «بېيخەي» (北海) دېگەن نامنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «خەنخەي» تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ھۆدەيچى بەگ جيادەن يازغان «جيادەننىڭ يول-ئەللەر خاتىرىسى» دېگەن ئەسەردىكى «ئۇيغۇرلار يېرىدە يەن جىجيا (延侄伽) دەرياسى (ياكى كۆلى) بار» دېگەن خاتىردىكى يەن جىجيا دەرياسى شۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇنداق بولغاندا قۇرىقانلارنىڭ جايلاشقان يېرى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئانگارا دەرياسى بىلەن لىنا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى رايونلار بولىدۇ. بۇ «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» 63-جىلددىكى «ئانگارا دەرياسى ۋادىسى تاڭ دەۋرىدە قورىقانلارنىڭ يېرى ئىدى» دېگەن خاتىرە بىلەن ئۇيغۇن كېلىدۇ.