قول تارتىشىش ئويۇنى

قول تارتىشىش ئويۇنى - ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەنتەربىيىۋىلىكى، رىقابەتچىلىكى كۈچلۈك بولغان كۈچ سىنىشىش ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. ئويناش ئۇسۇلى: قول تارتىشىش ئويۇنىدا مەيدان تاللانمايدۇ. خالىغان تۈز، تەكشى جايدا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. ئەڭ ئالدى بىلەن قول تارتىشماقچى بولغان ئىككى كىشى سىزىقنىڭ ئىككى يېنىدا قارىمۇ قارشى تۇرۇپ، بىردىن پۇتىنى توغرىسىغا تىركەپ، بىر قولىنى تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ. مۇسابىقە باشقۇرغۇچى تارتىشىشىنى باشلاش ئىشارىتى بەرگەن ھامان ھەر قايسى ئۆز تەرىپىگە كۈچەپ تارتىدۇ. مۇسابىقىلەشكۈچى ئىككى كىشى ئۆز ئارا تارتىشىپ، بىرى يەنە بىرىنى ئۆز تەرىپىگە تارتىۋالسا، تارتىۋالغان كىشى يەڭگەن بولىدۇ. قول تارتىشىش ئويۇنىدا، باشلاش كوماندىسى بېرىلمەي تۇرۇپ تارتىشىشتا، نەتىجە ئىناۋەتكە ئېلىنمايدۇ. قول تارتىشقۇچىلار بىر قېتىم تارتىشىپ ياكى ئۈچ قېتىم تارتىشىپ يەڭگەن - يېڭىلگەنلىكىنى بېكىتىشنى مۇسابىقىلىشىشتىن بۇرۇن كېڭىشىپ بەلگىلىشىدۇ.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش