قىزىتما
قىزىتما بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئۇسۇللىرىدىن ئېغىز بوشلۇقىدىن ئۆلچەش، قولتۇق ئاستىدىن ئۆلچەش ۋە مەقئەت ئىچىدىن ئۆلچەش ئۇسۇلى بار.
قىزىتما ھەققىدە
تەھرىرلەشكىشىلەر دائىم قىزىتما بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنى «كۆيدۈرۈۋېتىپ» ، بوۋاقنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ قارايدۇ، شۇڭا بوۋاق قىزىپ قالغاندا ئائىلە باشلىقلىرى بەك ئەنسىرەپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە قىزىش بىر خىل تاشقى ئىپادىلىنىشلا بولۇپ، كېسەلنىڭ بىر خىل ئومۇميۈزلۈك ئالامىتى، ھەرگىزمۇ كېسەل پەيدا قىلىدىغان سەۋەب ئەمەس. چوڭ مېڭىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئاقسىل، ئادەتتە ئاقسىل پەقەت 42℃ دىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئاندىن ئاستا-ئاستا بۇزۇلىدۇ. ئادەتتىكى قىزىتمىنىڭ بۇ تېمپېراتۇرىدىن ئېشىپ كېتىشى ئىنتايىن ئاز، شۇڭا چوڭ مېڭىنى كۆيدۈرۈۋېتىپ ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
لېكىن ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئاز ساندىكى بوۋاقلار يۇقىرى قىزىتمىدىن كېيىن ئەقىللىق ئەمەستەك بىلىنىدۇ، بۇنى ھەرگىزمۇ يۇقىرى قىزىتما كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، ئەكسىچە بوۋاق مېڭە ياللۇغى، مېڭە پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش قاتارلىق مېڭە قىسمىنىڭ يۇقۇملىنىشىدىن كېيىن يۇقىرى قىزىتما بولغان، ئاشۇ ئاددىي كۆز كۆرگىلى بولمايدىغان كېسەل قوزغالغۇچى مىكرو ئورگانىزملار چوڭ مېڭىنى زەخىملەندۈرگەن، ھەرگىزمۇ يۇقىرى قىزىتما چوڭ مېڭىنى زەخىملەندۈرگەن ئەمەس.
قىزىتمىنى ئۆلچەش
تەھرىرلەشھازىر بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئۇسۇللىرىدىن ئېغىز بوشلۇقىدىن ئۆلچەش، قولتۇق ئاستىدىن ئۆلچەش ۋە مەقئەت ئىچىدىن ئۆلچەش ئۇسۇلى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى قولتۇق ئاستىدىن ئۆلچەش ئۇسۇلى. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئادەم بەدىنىنىڭ قولتۇق ئاستى نورمال تېمپېراتۇرىسى ℃37 ~℃36، نورمال تېمپېراتۇرىنىڭ بەلگىلىك يەككە تەن پەرقىگە ئىگە ھەم دائىم ئورگانىزم ئىچى، سىرتىدىكى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تەۋرىنىدۇ. مەسىلەن: بىر كۈنى چۈشتىكى بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئەتىگەندىن بىر ئاز يۇقىرى، ياز پەسلى، ھەرىكەت، يىغلاش ياكى تاماقتىن كېيىنكى بەدەن تېمپېراتۇرىسى يېنىك دەرىجىدە يۇقىرى كېلىپ ئادەتتە تەۋرىنىش دائىرىسى ℃1 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە ئاساسەن قىزىتما تۆۋەندىكىدەك ئايرىلىدۇ. تۆۋەن قىزىتما ℃38 ~℃37.3؛ ئوتتۇرا دەرىجىدىكى قىزىتما ℃ 39~℃38.1؛ يۇقىرى قىزىتما ℃41~℃39.1؛ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى قىزىتما ℃ 41 دىن يۇقىرى.
قىزىتما ئالامىتى ۋە سەۋەبى
تەھرىرلەشباش ئاغرىش، پۈتۈن بەدەن قىزىش، ماغدۇرسىزلىق، ئىشتىھاسىزلىق، ياندۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلدۇ.
يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك قىزىتما. ھەرخىل كېسەل قوزغاتقۇچىلار مەسىلەن: ۋىرۇس، مىكوپلازما، باكتېرىيە، سىپروخېت (بۇرما تەنچە) ، زەمبۇرۇغ، پارازىت قۇرت قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملىنىش، ئوخشاشلا قىزىتما ئالامىتى بولىدۇ.
يۇقۇملىنىش بولمىغان قىزىتما. باكتېرىيىسىز، مېخانىكىلىق ياكى فىزىكىلىق يارىلىنىش، مەسىلەن: چوڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىن توقۇلما زەخىملىنىش، ئىچكى قاناش، چوڭ دائىرىلىك كۆيۈپ يارىلىنىش قاتارلىقلار، توقۇلما نېكروزلىنىش، ھۈجەيرە بۇزۇلۇش مەسىلەن: راك، ئاق قان كېسىلى، لىمفا ئۆسمىسى، قان ئېرىش رېئاكسىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قىزىتمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىچكى ئاجراتما ۋە مېتابولىزم توسقۇنلۇققا ئۇچراش. مەسىلەن: قالقانسىمانبېزىنىڭ ئىقتىدارى ئۈستۈن بولۇش، ئېغىر دەرىجىدە سۇ يوقىتىش قاتارلىقلارمۇ قىزىتما پەيدا قىلىدۇ.
تېرىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشى ئازلاش. مەسىلەن: چوڭ دائىرىدىكى تېرە ياللۇغى، قاسىراقلىق تەمرەتكە قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن سىرت بوۋاققا ۋاكسىنا ئۇرغاندىن كېيىنمۇ قىسقا ۋاقىتلىق قىزىتما كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
ئالدىنى ئېلىش
تەھرىرلەشمۇھىتىنى پاكىز تۇتۇش، بەك قېلىن ۋە بەك نىپىز كىيىنمەسلىك ، ۋاقتى - ۋاقتىدا كېسەلگە قارشى ۋاكسىنىلارنى ئۇرغۇزۇش، بۇزلۇپ قالغان، سۇپىتى ئۆزگەرگەن، ۋاقتى ئۆتكەن يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلار .
قىزىتمىنى ياندۇرۇش ئۇسۇلى
تەھرىرلەشئۆي ئىچى مۇھىتىنى پاكىز تۇتۇش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، سوغۇق ئۆتكۈزۈش، بەدەننى سۈرتۈش، يۇيۇنۇش، قىزىتما قايتۇردىغان دورىلارنى يېيىش، ئۇكۇل ئۇرغۇزۇش قاتارلىقلار.
بوۋاقلارغا قارىتا مېۋە سۈيى مەسلەن : تاۋۇزنى سىقىپ سۈيىنى بېرىش ئارقىلىق قىزىتمسىنى ياندۇرسا بولىدۇ.
قىزىتمىنىڭ بوۋاقلارغا بولغان تەسىرى
تەھرىرلەشپايدىلىق تەسىرى
تەھرىرلەشئالدى بىلەن ئەگەر بوۋاق ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن قىزىمىسا، ئۇنداقتا بوۋاقنىڭ ئاغرىق ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىش تەس بولىدۇ. دوختۇرنىڭ كېسەلنى داۋالاش جەريانىدا بەدەن تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى بىر مۇھىم بولغان پايدىلىنىش ئامىلى. ئاندىن ئەگەر بوۋاق ئاغرىپ قالغاندا قىزىسا، بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئورگانىزمىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ ھەمدە ئادەم بەدىنى قىزىغاندا بەدەندىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، ئۇنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، بەدەن ئىچىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئالماشتۇرۇپ چىقىرىۋېتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكى تەتقىقاتتا ئىسپاتلانغان. قىزىش يەنە جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كېسەل قوزغاتقۇچى باكتېرىيىنىڭ ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشىنى تىزگىنلەيدۇ. قىزىش ئورگانىزمنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بىر خىل قوغدىغۇچى رېفلېكسى.
پايدىسىز تەسىرلىرى
تەھرىرلەشئادەم تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق جانلىق. ئادەم بەدىنىنىڭ ھەربىر سىستېما ۋە ئەزالىرى پەقەت نورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسى شارائىتى ئاستىدىلا ئاندىن نورمال فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەت ئېلىپ بارالايدۇ. ئەگەر قىزىتما بەك يۇقىرى ياكى ئۇزۇن مەزگىل تۆۋەن قىزىتما بولسىلا ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىدا فۇنكسىيىلىك توسقۇنلۇق ياكى زەخىملىنىش بولغان بولۇشى مۇمكىن.
قىزىتما بوۋاقلارغا نىسبەتەن پەيدا قىلىدىغان پايدىسىز تەسىرلەر ئاساسلىقى:
- ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئورگانىزمنى تېخىمۇ ئاسان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشقا ئۇچرىتىدۇ؛
- بەدەندىكى مېتابولىزىم ھەرىكىتىنىڭ تېزلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىسمانىي كۈچىنىڭ خورىشىنى ئاشۇرۇپ، ھەزىم ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىپ، ئاسان تېز سۈرئەتتە ئورۇقلىتىۋېتىدۇ؛
- بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۇيۇقسىز، تېز سۈرئەت ئۆرلەپ ئاسانلا دۆلىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
قىزىتما داۋاملاشسا، ئورگانىزمنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ نۇرغۇنلىغان ناچار رېئاكسىيىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: ئوكسىگېننىڭ سەرپىياتى ئېشىپ كېتىش قاتارلىقلار. بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۇيۇقسىز، تېز سۈرئەتتە يۇقىرىلاپ كەتسە چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى زىيادە ئويغىنىشتىن كىچىك بالىلاردا تارتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالاقىدار مەسىللەر
تەھرىرلەشبوۋاقلار قىزىپ قالغاندا، تىلنىڭ ئۈستىگە قېلىن بىر قەۋەت گەز باغلاپ، تىلنىڭ تاماق تەمىنى ھېس قىلىدىغان تەم سەزگۈسىنى يېپىۋېلىپ، بوۋاقلار تاماقنىڭ تەمىنى ئىنتايىن تەستە ھېس قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىشتىھاسى ناچارلاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە قىزىپ قالغاندا ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىمۇ ئاجىزلاپ، ھەزىم قىلىش ئېنزىمى، ئاشقازان كىسلاتاسى، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىتىلىپ چىقىرىلىشىمۇ ماس ھالدا ئازلايدۇ. بۇنداقتا تاماقنىڭ ئاشقازاندا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ، بوۋاق قورسىقى ئاچقانلىقىنى ھېس قىلماي تاماققا ئىشتىھاسى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئاغرىپ قالغاندا بوۋاقنىڭ ھەرىكىتى ئادەتتىكىدىن كۆپ ئازلاپ كەتكەنلىكتىنمۇ ئىشتىھاسى ئازلاپ كېتىدۇ. شۇڭا بالىلار قىزىپ قالغاندا ئاتا-ئانا ئۇلارغا گۆش، تۇخۇم قاتارلىق گۆشلۈك تاماقلارنى تەييارلىماي، كۆپرەك قايناق سۇ ئىچكۈزۈپ، كۆپرەك يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى يېگۈزۈپ بېرىشى كېرەك.