ئاقسۇ رايونىدا نۇرغۇن تاش غار خارابىسى بولۇپ، قىزىل مىڭئۆي ئۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى. ئۇ باي ناھىيىسىدىكى مىڭئۆي تاغ قىياسىغا جايلاشقان. ئۇنىڭدىكى بەدىئىي مەزمۇنلار ئاساسەن قۇرۇلۇش، ھەيكەل، تام رەسىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۆپىنچىسىدە ھىنايانا بۇددىزىمنىڭ جاتەكە دەستۇرى، تەقدىر- قىسمەت ۋە بۇددا دىنىغا ئائىت ھېكايىلەر سۆزلەنگەن. قىزىل مىڭئۆي ۋەتىنىمىزدىكى ئەڭ بالدۇر ياسالغان، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ غەرىبكە جايلاشقان تاش كېمىر ئىبادەتخانىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ھۆججەت:Kizilmingoy.jpg