قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى

قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى 2020-يىلى 21-مارتتىكى بۇ قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە، ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا يېڭىدىن تىرىلىش ئۈمىدى بېغىشلاش ۋە مىللەت ئالدىدا زىيالىيلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش مەقسىتىدە، تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان 47 نەپەر ئۇيغۇر، تۈرك ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىنىڭ باش قوشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە «قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى» قۇرۇلدى.دېمۇگراتىك ۋە ئادىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ئىستانبۇل بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىغا مۇدىر بولۇپ سايلاندى. ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا ئىقتىسادىي كارىدورى تەھرىرلەۋاتىدۇ

مەنبەلەر

تەھرىرلەش