قۇربانجان بارات

قۇربانجان بارات، ئىلى ۋىلايىتى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى خونىخەي يېزىسىدا تۇغۇلغان. 87-يىلدىن 93-يىلىغىچە كەنتلىك باشلانغۇچتا، 93-يىلدىن 99-يىلغىچە ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. 99-يىلى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 99-يىلدىن 2001-يىلغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەييارلىقتا ئوقۇغان. 2001-يىلدىن 2005-يىلىغىچە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۆۋەن ئېنېرگىيە يادرو فىزىكا ئىنستىتۇتىدا ماتېرىيال فىزىكا كەسپىدە باكلاۋىرلىقتا ئوقۇغان. 2005-يىلدىن 2007-يىلىغىچە گېرمانىيە ئۇلم شەھىرىدىكى ئۇلم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالاھىدە ماتېرىيال ماگىستىر پروگراممىسىدا نانو ماتېرىيال يۆنىلىشىدە ئوقۇغان. ”تۆمۈر-پلاتىن (FePt) قېتىشما نانوزەررىچىلىرىنىڭ قورۇلما پارامېتىئېرلىرىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا بولغان تەسىرى*“ تېمىسىدىكى ماگىستىرلىق ماقالەم ئەلا بولۇپ باھالانغان. ئوقۇشنى ياخشى نەتىجىدە تاماملاپ، 2008-يىلىدىن 2013-يىلغىچە شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مىكرو ۋە نانوماتېرىئال ئىنستىتۇتىدا ”ئانتى (قارشى)-ماگنىتلىق نىكېل-مانگان ۋە ئىرىدىئۇم-مانگان نىپىز قاتلىمىسىغا كۆمۈلگەن نىكېل ۋە كوبالىت نانوزەررىچىلىرىنىڭ ئالمىشىش تەسىرى“** تېمىسىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇغان. دوكتورلۇقنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن، 2014 يىلى 2-ئايدىن باشلاپ ئەنگلىيە يورك شەھىرىدىكى يورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتور ئاشتىلىق تەتقىقات خىزمىتىمنى باشلىغان، ھازىرقى تەتقىقاتى يېرىم مېتال خۇسۇسىيىتىكى ھويىسلېر نېپىز پەردىلىرىنىڭ كىرىستال تۈزۈلۈشى ۋە ماگنىتلىق ھەم ئېلېكترلىق خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە.

شان شەرەپلىرى تەھرىرلەش

مۇكاپاتلار ۋە قىسمەن نەتىجىلەر:

2000-يىلى:

ئىككىنچى دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى

2004-يىلى:

CET-6 79 : نومۇر (تولۇق نومۇر 100)

توفېل ئىمتىھانى 583 نومۇر (تولۇق نومۇر 667)

باكلاۋىرلىق ئوتتۇراچە نەتىجە: 72.6

2005-يىلدىن 2007-يىلغىچە:

DAAD ئوقۇش مۇكاپات پۇلى

2007-يىلى:

ماگىستىرلىق نەتىجە 2.3. (1-2 ئەلا، 2-3 ياخشى، 3-4 لاياقەتلىك، 5 لاياقەتسىز)، ماقالەمگە بىرىلگەن نەتىجە 1.5 (ئەلا).

2011-يىلى:

گېرمانىيىدىكى بىر قېتىملىق يىللىق ئىلمى يىغىنىدا دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار تۈرىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپات.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تارقاتقان ”چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئەلا نەتىجىلىك شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى“.

2012-يىلى:

گېرمانىيە ئۇلم ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەللىك مۇنەۋۋەر دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلگەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى

مەنبە تەھرىرلەش

ئاچنۇر بىلوگى