قۇربان ئىمىن

( 1914~ 1992)

« تارىم غەزەللىرى » ، « قەشقەر ئاۋازى » ، « مېنىڭ ناخشام » قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنىڭ مۇئەللىپى قۇربان ئىمىن ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا ھارماي - تالماي ئىزدىنىپ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان شائىرلارنىڭ بىرىدۇر . ئۇ ئارزۇ ۋەزىنىنىڭ ھەرخىل شەكىللىرىدە شېئىر ، داستانلارنى يېزىپ ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ شەكىل جەھەتتە كۆپ خىللىقىغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا ھەسسە قوشقان . ئۇنىڭ شېئىرلىرى چۈشىنىشلىك ، ئاممىباب ، مىللىي پۇرىقى قويۇق بولغاچقا ، خەلق ئىچىگە تېزلا ئۆزلىشىپ كەتكەن .