ئىقتىدارلىق شائىر قۇربان بارات 1946-يىلى ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1958-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا شۆيۈەنىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1962-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1970-يىلىدىن باشلاپ كورلىدىكى شىنجاڭ شىنخۇا 2-باسما زاۋۇتىدا كوررېكتور بولغان. 1980-يىلى كورلىدىن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، «بۇلاق» ژورنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1985-يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ، مۇھەررىرلىك قىلغان.

قۇربان باراتنىڭ تۇنجى شېئىرى «كاككۇك» 1956-يىلى «قەشقەر گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان. شۇندىن تارتىپ، داۋاملىق ھالدا كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەرنى كىتابخانىلار دېققىتىگە سۇندى. ھازىرغىچە تۆت يۈزگە يېقىن شېئىرى، ئون داستانى ئېلان قىلىندى. 1981-يىلى ئۇنىڭ «يېشىل ھايات» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 1984-يىلى «ئاق روماللىق پەرىزات» ناملىق داستانلار توپلىمى نەشىر قىلىندى. يەنە «يېشىل ھايات» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1987-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن خەنزۇچە نەشىر قىلىندى. «قىزىلگۈل» داستانى 1980-يىلى ئاپتونۇم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 30يىللىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىدا داستان مۇكاپاتىغا، «ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز» داستانى 1982يىلى «تارىم» ژورنىلى تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ئاق روماللىق پەرىزات»داستانى 1986-يىلى مەملىكەتلىك 2-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەدىبىي ئەسەرلىرىنى باھالاشتا «مۇنەۋۋەر داستان» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «يېشىل ھايات»، «كەچكۈز لىرىكىسى»، «سەن-بۈركۈت ئۇۋىسى، سەن-ئالتۇن بۆشۈك...» شېئىرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلدى.

ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىي ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلاش ۋە جۇڭگۇ، چەت ئەل شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىمۇ ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدۇ. ئۇ «بوستان» (شەيخ سەئىدىنىڭ)، «ئا.س پۇشكىن . شېئىرىي چۆچەكلەر»، «م.يۇ. لېرمونتوۋداستانلار»، «ئەي چىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانما (70-يىللار)»، قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى؛ «دىۋان ئاتايى»، «دىۋان سەككاكى»، «دىۋان نۆبىتى»، «دىۋان زوھۇرى» ۋە نەۋائىنىڭ «سەددئىي ئىسكەندەر» داستانىنى نەشىرگە تەييارلىدى.

ئۇ جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى.[1]

ئىزاھاتلار تەھرىرلەش