قۇرۇلما- شەيئىلەرنىڭ ھەرقايسى تەشكىل قىلغۇچى قىسىملىرى ئارىسىدىكى تەرتىپلىك ماسلىشىش ۋە تىزىلىشنى كۆرسىتىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقانداق شەيئىدە قۇرۇلما مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش خۇسۇسىيتىنى بەلگىلەيدۇ.

تەبىئەت دۇنياسىدىكى رەڭگارەڭ قۇرۇلمىلار كىشلەرگە چەكسىز ئىجادىيەت ئىلھامى ۋە بېشارىتى بېرىدۇ. كىشىلەر تەبىئەت دۇنياسىدىكى قۇرۇلمىلارنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى تېخنىكا ساھەسىدە قوللىنىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرىدۇ. (ھەرە كۆنىكى، ئۆمۈچۈك تورى، دەرەخ، ھايۋاناتلار تېنى).

تېخنىكا ساھەسىدە، مەھسۇلاتلارنىڭ قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مول ۋە رەڭدار. قۇرۇلما بىردانە بازغان، بىر ئاپتوموبىل، بىر كۆۋرۈك، بىر بىنا ھەممىسى قۇرۇلمىغا ئىگە. قۇرۇلما ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. قۇرۇلما جەھەتتە ساقلانغان كىچىك مەسلىمۇ بەلكىم زور ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

مۇۋاپىق بولغان قۇرۇلما شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنىڭ ئاساسى.

ئىجدىمائىي ساھەدىمۇ ئوموميۈزلۈك قۇرۇلما ھادىسلىرى مەۋجۇت. بىر پارچە ماقالىنىڭ مەزمۇن قۇرۇلمىسى شۇ ماقالىنىڭ ئىپادىلەش مەزمۇنى ۋە سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر كارخانىنىڭ خادىملار قۇرۇلمىسى شۇ كارخانىنىڭ تىجارىتىگە ۋە ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.