قۇشۇلار: قۇشۇلار يەنە قۇسارلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە: «قۇشۇلار دولانغۇتلارنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ئەسكەرلىككە ياراملىقى ئون مىڭ كىشى ئىدى»[31] دېيىلىگەن. «ئومۇمىي قامۇس»دا: «قۇشۇلار تېلىلارنىڭ باشقا قەبىلىسى بولۇپ، دولانغۇتنىڭ شىمالىدا، ئىككى قەبىلىنىڭ (يەنى قۇ بىلەن شۇ) قوشۇلۈشىدىن شەكىللەنگەن، ئەسكەرلىككە ياراملىقى يەتتە مىڭ ئىدى» دېيىلگەن. «تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم بايانلار» بىلەن «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»دىكى خاتىرىلەردىن قارىغاندا، قۇشۇ قەبىلىسى توققۇز ئوغۇز ئىتتىپاقىدىكى تارىخى ئۇزۇن قەبىلە بولۇپ،ئۇلار ئاساسەن ئۆتۈكەن باغرىغا (يەنى ھازىرقى خانگاي دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنلىرىغا (يەنى ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيىسى چېگرالىنىدىغان چوقتۇ دېگەن يەرنىڭ شىمالىي تەرەپلىرىگە) جايلىشىپ ياشىغان. ئېلتەبىر تومىد قاغان دەۋرىدىلا ئون ئۇيغۇر رەھبەرلىگىدىكى توققۇز ئوغۇز ئىتتىپاقىغا قاتناشقان.