قۇمۇقلار ئاساسەن داغىستاننىڭ شەرقى شىمالىدىكى كاسپى دېڭىزى بىلەن چېگرىلىنىدىغان تۈزلەڭلىك رايونلىرىغا، شۇنداقلا چېچېن-ئىنگۇش بىلەن شىمالىي ئوستى ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىنىڭ داغىستان بىلەن تۇتىشىدىغان رايونلىرىغا ئولتۇراقلاشقان. 2010-يىلىدىكى ستاتىسكىغا قارىغاندا قۇمۇقلارنىڭ تەخمىنەن 500مىڭ ئاھالىسى بار، بۇلارنىڭ 450مىڭى داغىستان جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ داغىستان ئاھالىسىنىڭ 15%ىنى ئىگەللەيدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنەرۇسىيەدىكى چېچىنىيە، شىمالى ئوسېتىيە، قورغان قاتارلىق باشقا جۇمھۇرىيەت-ئوبلاستلارغا 50مىڭ ئەتراپىدا قۇمۇقلار تارقالغان.

قۇمۇقلار: قۇمۇقلار (يەنى چىگىللەر) «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە «تۇڭرالارنىڭ شىمالىغا جايلاشقان» دېيىلگەن، «تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم بايانلار» دە «ئاتلىرى قۇملۇقنىڭ جەنۇبىدىكى تۈركلەرنىڭ ئاتلىرىغا ئوخشايتتى، ئۇلار جىفۇشەن تېغىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە، قۇلانچى دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە ئولتۇراقلاشقانىدى» [32]دېيىلىگەن. فرانسىيىلىك شەرقسۇناس خامىلتون قۇمۇقلارنىڭ تاڭنامىلەردە خاتىرىلەنگەن «شى جې» (奚结) دېگەن خەنزۇچە نامىنى تۈركچە «ئايغىر» (Aygir?) دېگەن سۆز بۇلۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.

قۇمۇقلار ئىسلام دىنىنى ئەڭ دەسلەپ قوبۇل قىلغان تۈركى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.

قۇمۇقلار ئاساسلىقى يېزائىگىلىك ۋە سودا-ھۈنەر ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئەرلىرى يېنىدىن پىچاق ئايرىمايدۇ، ئاياللىرى ھويلا ئارام، گۈل تېرىش ۋە تىككۈچىلىككە ئىنتايىن ماھىر.

قۇمۇقلار كاۋكاز ئىرقىغا تەۋە بولۇپ، ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى تۈركى تىللار ئائىلىسى قىپچاق تىل تۈركۈمىگە تەۋە قۇمۇق تىلىنى ئىشلىتىدۇ، قۇمۇقلار ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى چاغاتاي ئېلىپبەسىنى ئىشلىتەتتى، 1924-يىلىدىن كېيىن سىلاۋيان ھەرپلىرى ئاساسىدىكى قۇمۇق ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىدىغان بولدى.

قۇمۇقلار روسىيە فىدىراتسىيىسى داغىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ قەدىمى يەرلىك ئاھالىسى بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل كاۋكاز تىللىق مىللەتلەر بىلەن ياشاش جەريانىدا داغىستاننىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى قوبۇل قىلغان. قۇمۇق تىلى داغىستاندىكى مۇھىم تىللارنىڭ بىرى بولۇپ داغىستاندىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تىلىغا ئايلانغان. قۇمۇقلار ھەققىدىكى ئەڭ قەدىمقى تارىخى خاتىرە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دا ئۇچرايدۇ.

قۇمۇقلار 7-8-ئەسىرلەردە ئىنتايىن كۈچەيگەن بولۇپ ھازىرقى داغىستاندىكى تېرەك دەرياسى بويىدىكى سەمەندەرنى(ھازىرقى داغىستاندىكى قىزىليار ئەتراپىدا) مەركەز قىلغان ھالدا پۈتكۈل كاۋكاز رايونى ۋە كاسپى دېڭىزىنىڭ غەربى قىسمىنى ئىگەللەپ شەرقى كاسپى دېڭىزىغا، غەربى قارا دېڭىزغا، شىمالى ئىدىل دەريالىرىغا تۇتاشقان ھازار ئىمپىرىيىسىنى قۇرغان. كېيىن ئىمپىرىيە سىرلىق ھالدا ئاجىزلىشىپ پارچىلىنىپ كەتكەن. مۇڭغۇل ئىستىلاسىدا كاۋكاز رايونى موڭغۇل قوشۇنىغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكتىن دەھشەتلىك قەتلىئەمغا دۇچ كەلگەن. 15-ئەسرنىڭ ئاخىرى، قۇمۇقلار تاركانى مەركەز قىلغان فىئودال ھۆكۈمەت قۇرغان. 17-ئەسرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن باشلاپ داغىستان رايونى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا دۇچ كەلگەن ھەمدە ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئۇرۇش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن. 18-ئەسردە، داغىستاندىكى ھەر قايسى مىللەتلەر شامىل باسايېۋنىڭ يېتەكچىلىكىدە رۇس ئارمىيىسى بىلەن قاتتىق قارشىلىشىپ يەنە بىر قېتىم قەتلىئامغا ئۇچراپ ئاھالىسىنىڭ تەڭدىن تولىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋە 19-ئەسىرنىڭ بېشىدا داغىستاندىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بىللە رۇسىيە ئىمپىرىيىسىگە تەۋە بولغان.

قۇمۇقلارنىڭ 19-ئەسىردىن بۇرۇنقى ئەدەبى تىلى ئوسمانىيە تۈركچىسى بولغان بولۇپ، ئاۋام تىلىدا چاغاتاي تىلىنىڭ تەسىرى ئېغىر ئىدى. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى قۇمۇقلاردىن يېتىشىپ چىققان داڭلىق شائىر جىرچى قازاق تۇنجى قېتىم قۇمۇق يەرلىك تىلىدا ئەدەبى ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. قۇمۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن بولۇپ، مول مەزمۇنى ۋە تەسىرلىك نەسىھەتلىرى بىلەن دۇنيا غەزىنىسدە ئۆزگىچە چاقناپ تۇرغان گۆھەرلەرنىڭ بىر ھىساپلىنىدۇ.

1917-يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن قۇمۇقلار ئۆزلىرىنىڭ گېزىت-ژورنال ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى قۇمۇق تىلىدا تاڭ چولپان گېزىتىنى نەشىر قىلغان ۋە 1928-يىلى سىلاۋيان ئېلىپبەسىگە كۆچۈپ بۈگۈنكى كۈندىكى تاڭ چولپان ئەدەبى ژورنىلىغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ ئېلىپ كەلگەن.

سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى 1990-يىللاردىن كېيىن قۇمۇق تىل-ئەدەبىياتى ۋە قۇمۇق تىل ھەركىتى جۇش ئۇرۇپ گۈللەندى، قۇمۇقلار ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق جەمىيىتى بولغان «تەڭلىك ھەركىتى» نى قۇرۇپ رۇسىيە ۋە داغىستان پارلامېنتىدا ئۆز ھوقۇقى ئۈچۈن سۆزلەش سالاھىيىتگە ئېرىشتى.

قۇمۇقلارنىڭ تاڭ چولپان ژورنىلىدا قۇمۇق شائىرى باتۇر مىرزايىۋ ئېلان قىلغان بىر شېئىردىن بىز قۇمۇق تىلىنىڭ تۈركى تىللار بىلەن بولغان يېقىنلىقىنى ھىس قىلالايمىز . (قۇمۇقچە -ئۇيغۇرچە)

Tuwdu Çolpan, tang bilindi, تۇغدى چولپان تاڭ بىلىندى،

Boldu uyanma zaman. بولدى ئوغانماق ۋاقتى.

Şawla aldı dünya yüzün, يۇرۇق باستى يەر يۈزىنى،

Yuhlağanımız taman. ئۇخلىغىنىمىز يېتەر.Gözüng aç, dört yakğa qara! كۆزۈڭ ئاچ، تۆت ياققا قارا،

Getdi kerwan erterek. كەتتى كارۋان بالدۇرلا.

Biz geçigip kalğanbız, بىز كېچىكىپ قالدۇقبىز،

Enni hozğalma gerek. ئەمدى قوزغالماق كېرەك