قۇم خالتا ئويۇنى

داۋاملىشىپ كەلگەن بۇ ئويۇن ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق ۋە كەندىر توقۇمچىلىقى دەۋرىدىن قالغان يالدامىلاردىن بىرىدۇر. چۈنكى، بۇ ئويۇندا ئۆچكە تىۋىتى ياكى كەندىر تالالىرىدىن يەرلىك ئۇسۇلدا ئېشىلگەن ئارغامچا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى كەندىر توقۇمچىلىقى ئەڭ ئىپتىدائىي توقۇمچىلىق بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىپتىدائىي تۇرمۇشتىن باشلاپ ياۋا كەندىر تالالىرىدىن پايدىلانغان ۋە ئۇنىڭدىن كىيىم - كېچەك توقۇپ كىيگەن. ئۇيغۇرلاردا قول توقۇمچىلىقى تەرەققىي قىلغان مەزگىلدە، يەكەن قاتارلىق جايلاردا ياۋا كەندىر تالالىرىدىن ھەر خىل رەختلەر ۋە داستىخان توقۇلغان، مالچىلار كەندىردىن زەمبىل، قوتان ئىشىكى، قاشا تام ياساشتىن باشقا، كەندىر تالالىرىنى ئاجرىتىپ، ئۇنىڭدىن پالاس توقۇغان، ئارغامچا ئەشكەن، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئىجادكارلىقى كېيىنكىلەرگە <قۇم خالتا ئويۇنى> نى ھەدىيە قىلغان. بۇ ئورۇن قىزلار تەرىپىدىن بىر يىلنىڭ ھەممە پەسىللىرىدە ئوينىلىدۇ. بۇ ئويۇنغا 10 - 20 قىز قاتنىشىدۇ. ئويۇننىڭ تەييارلىق چوڭ - كىچىكىلىكى ئويۇنغا قاتنىشىدىغان قىزلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. چەمبەر ئوتتۇرىسىغا بىجىگەن توپتىن بىرىسى قويۇلىدۇ. قىزلار چەمبەر سىزىقىغا دەسسەپ دۈگىلەك ھالەتتە تۇرۇپ، قوللىرىنى ئېچىپ بىر - بىرى بىلەن بەلگىلىك ئارىلىقنى ساقلايدۇ. ئويۇنغا قاتنىشىدىغان قىزلاردىن بىرى ئويۇن باشلىقى بولۇپ، بەلگىلىك ئۇزۇنلۇقتىكى ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتۇپ، چەمبەر ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ. ئارغامچىنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا قۇم تولدۇرۇلغان لاتا خالتا باغلاپ قويۇلىدۇ. ئويۇن باشلانغاندا، ئويۇن باشلىقى دەسلەپتە ئارغامچىنى ئەتراپتىكى قىزلارنىڭ پۇتىغا تەگمىگۈدەك ئارىلىقتا يەر بېغىرلىتىپ بىر نەچچە قېتىم ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن بارا - بارا ئۇزارتىپ، ئۆزىنى چۆرىدەپ تۇرغانلارنىڭ پۇتىغا تەگكۈدەك ئارىلىقتا ياكى چەمبەر سىزىقىدىن ئاشۇرۇپ ئايلاندۇرىدۇ. ئەتراپتىكى قىزلار ئارغامچىنى پۇتىغا تەگكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ئارغامچا ھەر قېتىم ئايلىنىپ كەلگەندە سەكرىۋالىدۇ. ۋاقىت قانچىكى ئۇزارسا، ئۆز ئورنىدا سەكرەش شۇنچە قىيىنلىشىدۇ. ئارغامچا بىردە تېز، بىردە ئاستا ئايلاندۇرۇلىدۇ. دۈگىلەك بولۇپ تۇرغان قىزلاردىن ھوشيار تۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارغامچىدىن باشتىن - ئاخىر ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېتەلىشى ناتايىن. بىرى بولمىسا، بىرى بايقىماي قالىدۇ - دە، پۇتىنى يەردىن ئۈزگۈچە ئارىلىقتا ئارغامچىغا تېگىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا مەيداندىكى پۇتىغا ئارغامچا تەگكەن قىزدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ھەر ياققا قېچىشىدۇ. پۇتىغا ئارغامچا تەگكەن قىز چەمبەر ئىچىدىكى بىجىگەن توپنى ئېلىپ، قاچقانلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ، بىرەرسىنى چەللەپ ئاتىدۇ. پومزەك قايسى قىزغا تەگسە، شۇ قىز ئويۇن باشلىقى بولىدۇ. ئەگەر مەلۇم ۋاقىتقىچە ياكى ھېرىپ ھالىدىن كەتكۈچە توپنى ھېچكىمگە تەگكۈزەلمىسە، ئۆزى ئويۇن باشلىقى بولىدۇ. بۇ ئويۇن ئاشۇ تەرتىپ ۋە شەكىل بويىچە داۋاملىشىدۇ."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش