قۇۋۇز چېلىش ئويۇنى

قۇۋۇز چېلىش ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. قۇۋۇز - تۈزۈلۈشى ئاددىي، ئاۋازى يېقىملىق بىر خىل كىچىك چالغۇ بولۇپ، ئۇنى مەخسۇس كاسىپلار كىچىككىنە ئەگمەچ تۆمۈردىن ياسايدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېكىتىلگەن قويۇق سىم (تىل) ئاۋاز چىقىرىش رولىنى ئوينايدۇ. قول بىلەن قۇۋۇزنىڭ سېپىنى تۇتۇپ، ئۇچىنى ئۈستى - ئاستى كالپۇك ئاستىغا قىستۇرۇپ ئىككى قول بىلەن <تىلنى> ھەرىكەتلەندۈرۈپ پۈۋلىگەندە <تىل> قانچە تېز ھەرىكەتلەندۈرۈلسە، ئۇنىڭدىن شۇنچە يېقىملىق ئاۋاز چىقىدۇ. بىر قانچە قىز - چوكانلار بىر يەرگە ئولىشىپ ياكى چۆرىدىشىپ قۇۋۇز چېلىشقاندا، قۇۋۇزدىن چىققان مۇڭلۇق سادا قۇۋۇز ئاڭلىغۇچىلارغا بىر خىل زوق بېغىشلايدۇ. قۇۋۇز ئاددىي چالغۇ ئەسۋابى بولسىمۇ، لېكىن ئەينى چاغدا قەشقەر قىز - چوكانلىرى قۇۋۇز چېلىشقا تولىمۇ ئامراق ئىدى. قىز - چوكانلار يالغۇز قالغاندا قۇۋۇز چېلىشنى مەشىق قىلاتتى ۋە تېخىمۇ مۇڭلۇق چېلىشقا تىرىشاتتى. لېكىن، ھازىر قۇۋۇز چېلىش ۋە ياساش ئويۇن تۈرلىرى قاتاردىن چۈشۈپ قالىدى. قۇۋۇز چېلىش قىز - چوكانلار ئارىسىدىكى كۆڭۈل ئاچىدىغان بىر خىل ئويۇن تۈرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مەلۇم دەرىجىدە ماھارەت يېتىلدۈرۈش رولىغىمۇ ئىگە. مۇمكىن بولسا بۇ ئويۇننى ھەر دەرىجىلىك سەنئەت ئۆمەكلىرى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى كۆڭۈل ئېىش شارائىتىنى ياراتقان بولاتتى."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش