قەشقەر ئەدەبىياتى

<قەشقەر ئەدەبىياتى> - قوش ئايلىق ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى باشقۇرىدۇ، <قەشقەر ئەدەبىياتى> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى نەشرگە تەييارلايدۇ. بۇ ژۇرنال 9721 - يىل 5 - ئايدا قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشقۇرۇشى، قۇربان ئىمىن قاتارلىقلارنىڭ تەشكىللىنىشى بىلەن <قەشقەر ئەدەبىيات - سەنئىتى> دېگەن نامدا شاپىگرافتا نەشر قىلىنىشقا باشلىغان، 1976 - ۋە 1980 - يىللىرى مىخ مەتبەئەدە نەشر قىلىنشقا باشلىغان. 1981 - يىلدىن تارتىپ مەملىكەت ئىچىگە، 1988 - يىلدىن تارتىپ خەلقئاراغا تارقىتىلىشقا باشلىغان. ژۇرنالدا ھازىر <نەسرىي ئەسەرلەر>، <شېئىرىيەت گۈلزارى>، <ئەدەبىي ئىجادىيەتكە دائىر مۇلاھىزىلەر>، <بالىلار ئەدەبىياتى>، <شەبنەم>، <ئەدەبىي ساۋات>، <ئالىم ۋە ئەدىبلىرىمىز>، <جاھانناما>، <قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىن>، <خەزىنە> قاتارلىق سەھىپىلەر بار.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش