ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچى قەيسەرجان، 1988-يىلى 3-ئاينىڭ6-كۈنى تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىگى 202 سانتىمىتىر، بەدەن ئىغىرلىقى 105 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى؛ ئالدى مەيدان ھۇجۇمچىسى.

2004-يىلى 16ياشلىق قەيسەرجان دۆلەت18ياشلىقلار ياشلار كوماندىسىغا تاللانغان، ئۇزۇن ئۆتمەي كوماندا بىلەن ئامىرىكا چىكاگۇغا بىرىپ يىغىلىپ مەشىققە قاتناشقان. ئەينى ۋاختىدىكى قەيسەرجان كەسپىي قابىلىيىتى يۇقۇرى ، بەستىلىك، قەيسەر، ئىرادىلىك بۇلغاچقا جاپالىق مەشىق قىلىپ تىزلا كۆزگە كۇرۇنۇپ، دۆلەت ياشلار كوماندىسىدىكى ئاساسلىق ئالدى ھۇجۇمچى بۇلۇپ قالغان. 2004-2005-يىلى ئىككى يىل ئىچىدە تىز سۇرئەتتە ئۆسۇپ يىتىلگەندىن كىيىن، 2005-يىلى قەيسەرجان 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىغا يۆتكەپ كىلىنگەن، ئۇ شۇنىڭ بىلەن لى نەن قاتارلىق داڭلىق ۋاسكىتبولچىلار بىلەن بىرگە توپ ئويناش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن، شۇنداقلا كوماندا بىلەن بىرگە بىر قىتىمدىن چىمپىيۇنلۇق ۋە ئىككىنچى بۇلۇش شەرىپىگە ئىرىشكەن. 2007-يىلى يۇننەن خۇڭخې كوماندىسىغا ئالمىشىپ بارغان. كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ كىسەللىك سەۋەبى بىلەن ۋاسكىتبول مەيدانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بۇلغان........................................