قەيسەر قېيۇم
شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1972-يىلى 4-يانىۋار

ئۈرۈمچى شەھىرى

قازا قىلغان 2018-يىلى سېنتەبىر

ئۈرۈمچى شەھىرى

قازا سەۋەبى ئۆلۈۋالغان
كەسپى يازغۇچى

قەيسەر قېيۇم (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Qeyser Qéyum، تۇغۇلغان 1972-يىل 4-يانۋار ) بولسا شەرقىي تۈركىستانلىق يازغۇچى شائىر. يازغۇچى قەيسەر قېيۇم 1972-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1979- يىلى ئۈرۈمچىدىكى بوۋا-مومىلىرىنىڭ تەربىيەسىدىن ئايرىلىپ، غۇلجا شەھىرىدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن ھەم شۇ يىلى9-ئايدا غۇلجا شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. 1990-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىپ، 1993-يىلى 7-ئايدا بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ھەم شۇ يىلى 9-ئايدا «ئىلى كەچلىك گېزىتى» ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ ھازىر بۇ گېزىتتە ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ.

ھاياتى تەھرىرلەش

قەيسەر قېيۇم 1984-يىلى ئېلان قىلغان «مېنىڭ قوزام» ناملىق ھېكايىسى بىلەن يېزىقچىلىق ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 100 پارچىدىن ئارتۇق پوۋېست، ھېكايە، ئادەبىي ئاخبارات ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ «قورقۇنچلۇق قەدەم» ناملىق ھېكايىسى 1988-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئىلى غۇنچىلىرى» ھېكايە مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ياقۇتقا قونغان توزانلار» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى 1995-يىلى مەملىكەتلىك 7-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «ئارسلان» ناملىق ھېكايىسى 1997-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئىلى دەرياسى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «ئالما دەرىخى ئاستىدىكى چۈش» ناملىق پوۋېستى 2010-يىللىق «جۇڭگو مىللەتلەر ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. 2013-يىلى 4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. [1]

ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشى تەھرىرلەش

ئۇيغۇر رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى قەيسەر قېيۇمنىڭ ئۆزى دۇچ كەلگەن ئېغىر روھىي بېسىم سەۋەبىدىن بىنادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا قەيسەر قېيۇمنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى دەلىللەندى.

قۇتلۇق ئالماس ئەپەندى ئەڭ يېقىندا ئېرىشكەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن قەيسەر قېيۇمنىڭ ئۆزى ئىشلەۋاتقان خىزمەت بىناسىنىڭ 8‏-قەۋەتتىكى ئىشخانىسىدىن ئۆزىنى تاشلىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە تېلېفون زىيارىتى قىلغىنىدا بىرلەشمىنىڭ سىياسىي بۆلۈم باشلىقى قەيسەر قېيۇمنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىق ئۇچۇرىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. [2]

باشقىلار تەھرىرلەش

مەنبەلەر تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش