قەييۇم تۇردى
ۋاپات بولغان يەر
ھازىرقى ئورنى-
مىللىتىئۇيغۇر
دۆلەت تەۋەلىگى-
مائارىپ سەۋىيىسى-
كەسپىيازغۇچى
ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتچىسى
خىزمىتى-
بالا(لىرى)-
ئاتا-ئانا-
تور بەت-

يازغۇچى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتچىسى قەييۇم تۇردى 1937-يىلى قەشقەر شەھىرىدە كىچىك تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1946 - يىلىدىن 1951 - يىلىغىچە باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1951 - يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1954 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، «شىنجاڭ گېزىتى» دە مۇخبىر ۋە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1961 - يىلى تۆۋەنگە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ، «يەكەن گېزىتى» دە ئىشلىگەن. قەييۇم تۇردى 1979 - يىلىدىن 1981 - يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن، 1981 - يىلىدىن 1989 - يىلىغىچە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە كەسپىي يازغۇچىسى بولغان، 1989 - يىلىدىن تارتىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن. يولداش قەييۇم تۇردى 1999 - يىلى 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى قاراماي شەھىرىدە يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.

قەييۇم تۇردى ئەدەبىيات ساھەسىگە 1955 - يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئوراز بوۋا» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ «بەخت يولى»، «زەرەپشان بويىدا»، «گۈلزارلىق ھويلىدىكى كىشىلەر» قاتارلىق ئونىلىغان ھېكايىلەرنى؛ «بوغدا ئاتا»، «ئىنژىنېر ئەلىنىڭ ھېكايىسى»، «يول» قاتارلىق پوۋېستلارنى؛ «قىزىلتاغ ئېتىكىدە»، «سۈزۈك ئاسمان» قاتارلىق رومانلارنى؛ «كۈرەشچان يىللار» (ئۈچ توم)، «جىمجىت جۇڭغارىيە» (ئىككى توم) قاتارلىق ترولوگىيىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر پروزىچىلىقى ئۈچۈن بەلگىلىك ھەسسە قوشقان. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايونلۇق ۋە مەملىكەتلىك مۇكاپاتلارغا كۆپ قېتىم ئېرىشكەن ھەمدە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.