كارل ۋون دونىتىز

دېڭىز ئارمىيە ئادمېرالى - كارل ۋون دونىتىز

1891 - ﻳﯩﻠﻰ 16 - ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﺑﯧﺮﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . 1910 - ﻳﯩﻠﻰ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ . ﻓﻠﯧﻨﺴﺒﯘﺭﮒ - ﻣﻮﯞﯨﻚ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻣﻪﻛﺘﯩﯟﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ . ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ . 1943 - ﻳﯩﻠﻰ 30 - ﻳﺎﻧﯩﯟﺍﺭ ﻣﺎﺭﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ . ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﺷﯩﺘﺎﺑﻰ ﺳﯘ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺕ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺯﻭﯕﺘﯘﯕﻰ ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﺎﺭﺷﺎﻟﻰ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺗﯩﮕﻪﻥ .1945 - 4 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ، ﻧﺎﺗﺴﯧﺴﺖ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺴﻰ ﮬﺎﻻﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺳﻪﻝ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯘ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ، ﮬﻪﻡ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 5 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﻰ ﮔﯧﺘﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺯﻭﯕﺘﯘﯕﻰ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﺎﺭﺷﺎﻟﻰ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . 1945 - ﻳﯩﻠﻰ 5 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 - ﻛﯜﻧﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ . ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺳﻮﺗﻰ ﺩﻭﻧﺘﯩﺰﻧﻰ ﺳﻮﺗﻠﯩﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ - ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ، ﮬﻪﻡ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ - ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺳﻮﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻨﯩﭗ ، < ﮔﯘﻧﺎﮬﯩﺴﯩﺰ > ﺩﻩﭖ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ . 1946 -ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻧﻴﯘﺭﯨﻨﺒﯧﺮﮒ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﻮﺗﻰ ﺋﯘﻧﻰ < ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ > ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﭖ 10 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﺎﻕ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .1956 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺟﺎﺯﺍ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ فېدراتىپ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ . << ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭ >> ﯞﻩ << ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺳﯩﺘﺮﺍﺗﯩﮕﯩﻴﯩﺴﻰ >> ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . 1980 - ﻳﯩﻠﻰ 24 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﮬﺎﻣﺒﯘﺭﮒ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .

مەنبەلەر

تەھرىرلەش