كازىم مىرشان
'كازىم مىرشان كازيم ميرشان
قۇرلۇش ئېنژىنېرى، بولۇپمۇ ئالدىنقى تۈركلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان تۈرك تارىخى تەتقىقاتچىسى.
1919-يىلى 4-چىللە (7-ئاي) ئىلى دەرياسى بويىدىكى غۇلجا دىيارىدا توغۇلغان. 1932- يىلى ئوقۇشنى ئىستانبۇلدا داۋاملاشتۇرغان. بوغازىچى ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1940-يىلى ئالىي ئىنژىنېرلىق مەكتىپىگە كىرگەن. 1942-يىلى 3- يىللىقتىكى مەزگىلىدە گېرمانىيىگە بېرىپ بېرلىندا "تېخنىك مەكتەپ" تە ئوقۇغان. 1946- يىلى تۈركىيگە كەلگەندىن كېيىن قايتا باشلانغان ئىرىقچىلىق-تۇرانچىلىق دېلۇسىدا شاھىد بولغان. ئىسمى ئىستانبۇل تېخنىك ئۇنىۋېرستىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن ئالىي ئىنژىنېرلىق مەكتىپىدە قۇرلۇش ئالىي ئىنژىنېرلىقىدا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ. 1947- يىلى پۈتتۈرگەن.
قۇرلۇش ئىنژىنېرى سۈپىتىدە گېرمانىيە، شىۋىتسىيە ۋە تۈركىيىدە ئىشلىگەن چاغلىرىدا ئىشتىن سىرتقى ھەۋەس قاتارىدا كونا تۈركلەرنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى.
گېرمانچە، رۇسچە، ئىنگىلىزچە ۋە تۈرك لەھچىلىرى (تاتارچە، ئۆزبەكچە، باشقىرتچە، تارانچىچە، قەشقەرلىكچە – يېڭى ئۇيغۇرچە –، قازاقچە، قىرغىزچە، ئەزەربەيجانچە، تۈركىيە تۈركچىسى بىلەن ئۆز ئانا لەھچىسى تۈمەنلىكچە ) دىن باشقا گرېكچە، لاتىنچە، ئىتالىيانچىنى كەسپىي تەتقىقاتلىرىدا پايدىلانلىغۇدەك دەرىجىدە بىلىدۇ. ك. مىرشان ھاياتىنىڭ زور بىر قىسمىنى ئالدىنقى تۈرك تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا بېغىشلىغان.
تارىخ تېمىلىق ئىلمىي ماقالىلىرى:
كازىم مىرشان خالىق تارجان بىلەن بىللە ياقىلىغان ئىلمىي ماقالىنىڭ، مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن 1930- يىلى ئوتتۇرغا قويۇلغان قۇياش تىل نەزەرىيىسىنى ۋە تۈرك تارىخى ماقالىسىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغان تەرەپلىرى بار. تۈرك تارىخىنىڭ تاكى مىلادىدىن بۇرۇنقى 16000-يىللارغا قەدەر تاقىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
يېزىق، مىلادىدىن بۇرۇنقى 16000- يىللاردا تۈركلەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىندى.
كۇردچە؛ ئالدىنقى تۈركچىگە ئائىت سۆزلەر بولۇپلا قالماي، سۆزلۈكلىرى ئەرەپچە ۋە پارسچىغىمۇ تاقىلىدۇ.
ئاناتولىيەدىمۇ ئالدىنقى تۈركچە يادىكارلىقلار باردۇر.
رۇمنىڭ كۈللىرىدىن قۇرۇلغان مەدەنىيەت ئەتەرۈسكلەر تۈركتۇر. (ئەتەرۈسك يازما يادىكارلىقلىرى تۈنجى بار 1970- يىلى كازىم مىرشان تەرىپىدىن ئوقۇلغان.)
ئىسكاندىناۋىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ياۋرۇپادا 5000 دىن كۆپرەك ئالدىنقى تۈركچە يازما يادكارلىق مەۋجۇتتۇر.
رۇملىقلاردىن بۇرۇن ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدا ياشىغان ئەترۈسلەرنىڭ تىلى ئالدىنقى تۈركچىن كېلىپ چىققاندۇر.
پۈتۈن دۇنيادىكى ئەلىفبەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى تۈرك ئەلىفبەسىدۇر.
تۈنجى تۈرك دۆلىتى ھۇن دۆلىتى ئەمەس بەلكى بىر ئوي بىل دېگەن قاراشتىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن ئات ئوي بىل، تۈرۈكبىل (كۆكتۈرك) كېلىدۇ.
تۈرك تارىخىنىڭ ئىنتايىن قەدىمىيلىكىنىڭ ئىسپاتى ئورخۇن مەڭگۈتاش يادىكارلىقلىرىدۇر. چۈنكى ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدا قوللىنىلغان تىل ۋە تېنىش بەلگىلىرى بۇ تىلنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان دەۋرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق بىر تىلىنىڭ مەيدانغا چىقىشى ئۈچۈن ئەڭ كەمىدىە 3000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ. قازاقىستاندا بۇ ماقالىنى قۇۋۋەتلەيدىغان مىلادىدىن بۇرۇنقى 600- يىللارغا ئائىت دەپ قارالغان بەئزى يازما يادىكارلىقلار تېپىلغان.
كۈنىمىزدە جۇڭگودا 300 مېتىردىن ئېگىز پىرامىدالارنىڭ بارلىقى، بۇ پىرامىدالارنىڭ مىسىر پىرامىدالىرىدىن كۆپ بۇرۇن قۇرۇلغانلىقى ئىسپاتلانغان بولۇپ، مىسىرنىڭ ئۇل مەدەنىيىتىدە ھەم تۈكلەرنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
نۇرۋېگىيە، شىۋېتسىيە، پورتىگالىيە ۋە فىرانسىيىدىكى غارلاردىكى يېزىقلارنىڭ تۈرك تامغىلىرى (ھەرف) بىلەن ئوقۇلغاندا مەنە بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەترۈسكلار، تروۋالىقلار، سومېرلەر، ھىتىتلەر ۋە فرىكلەرنىڭ ئۇل مەدەنىيىتىدە تۈرك مەدەنىيىتى بارلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ قەۋىملەر ئالدىنقى تۈركلەردىن بولمىسىمۇ مەدەنىيىتىدە تۈرك تەئسىرى باردۇر.
ياپون ۋە چىن مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلىدىمۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 4000 يىللار ئالدىن ئوتتۇرا ئاسيادىن چىن ۋە ياپۇنىيىگە كۆچكەن تۈركلەر باردۇر.
تۈركلەر ئاناتولىيىگە 1071-يىلى ئەمەس، بالكى مىلادىدىن 7000 يىل بۇرۇنلا كەلگەن. ئەتاپى دېڭىز بىلەن قورشالغان ئاناتولىيىنى ئۈزلۈكسىز تويۇندۇرغان تۈرك ئېقىنلىرى بۇ يەرگە توپلانغان ۋە تۈرك مەۋجۇتلىقىنى قۇرغان. ئوغۇزلار ئاناتولىيىگە كەلگەندە ئوخشاش تىلدا سۆزلىشىدىغان نۇرغۇن قەۋىملەر بىلەن ئۇچراشقان.
مىلادىدىن 10000 يىللار بۇرۇن ئىللىق ئىقلىم ۋە بۈيۈك كۆللەرنىڭ بولغانلىقى بىلىنگەن ئوتتۇرا ئاسيانىڭ قۇرغاقلىشىشى ۋە چۆللىشىشى بىلەن تۈرك خەلقلىرى ئەتراپتىكى مەملىكەتلەرگە كۆچكەن ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە تەئسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بىرنىگ بوغۇزىدىن ئۆتكەن قىزىلتەنلىكەر ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا مەدەنىيىتىدە ھەم تۈرك تەئسىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
گرېتسىيىنىڭ ئالدىنقى تۈركچىدىكى ئىسمى ئىچ ئۈي ئۆك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەينى ۋاقىتتا يۇنان يېزىق يادىكارلىقلىرىدا ئاناتولىيەدىن كەلگەن ۋە تۆمۈر تاۋلاشقا ئۇستا بىر خەلق ھەققىدە مەئلۇماتلار قالدۇرۇلغان. پەقەد بۇ خەلقنىڭ ۋاقتىنچە كەلگەنلىكى بىلىنمەكتە بولۇپ، بۇ قەۋىمنىڭ ئالدىنقى تۈركلەر بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
كازىم مىرشان مىسىرنىڭ سىنا رايونىدىكى پىرامىدالاردىكى يازما يادىكارلىقلاردا ئالدىنقى تۈركچىگە ئائىت تەسۋىرىي يېزىقلارنى بايقىغان.
ۋىزانتىيىنىڭ دەستلەپ قۇرۇلغان مەزگىللىرىدە ئالدىنقى تۈركچىدە سۆزلەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دەلىلى: تۈركىيىنىڭ ترابزون ۋىلايىتىدىكى رىم چېركاۋىدا پەقەد ئالدىنقى تۈركچە بىلەنلا ئوقۇغىلى بولىدىغان يازما يادىكارلىقلارنىڭ بارلىقىدۇر. كازىم مىرشان كېيىنچە باشقا مەدەنىيەتلەر تەئسىرىدە ۋىزانتىيىنىڭ ئالدىنقى تۈركچىنى تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تارىخى كۆز قاراشلىرىغا بولغان مۇئامىلەلەر:
كازىم مىرشاننىڭ ماقالىلىرى ئادەتتە بىلىم دۇنياسى تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنمايدۇ. بۇلارنىڭ بىرى ھەم 2002- يىلى 7- ئىيۇل ۋە 20- ئىيۇللاردا "ياڭاق شاكىلى" پروگراممىسىدا نوپوزلۇق بەئزى تارىخچىلەر تەرىپىدىن مىنازىرە قىلىندى. باشقا بىر تەرەپتىن، ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە دۇنيادا ساناقلىق تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان "خەلقارالىق ئاسيا ۋە شىمالىي ئافرىقا خىزمىتى ئىلمى مۇھاكىمە جەمىيئىتى" تەرىپىدىن ئەڭ مۇھىم 12 تۈرك تارىخچىسى ئىشتراك قىلغان بىر ئۆمەككە تەكلىپ قىلىندى ۋە بىلىم دۇنياسىغا قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن شەرەپ مېدالى بېرىلدى. بۇ ھەيئەت بىلەن بىللە ياۋرۇپاغا تارىخ ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنىغا باردى. ئالدىنقى تۈرك تارىخى ۋە دەلىللىرىنى بۇ يېغىندا ئوتتۇرغا قويدى. ئەڭ مەشھۇر ئەترۈسكلوگىيە پروفېسسورى گىئوۋاننانەگېلو كامپورېئال (Giovannangelo Camporeale)، ئەترۈسك يازما يادىكارلىقىلىرى ھەققىدە كازىم مىرشاننىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلىدا كەمچىللىك بارلىقىنى ئىتىراپ قىلغان.
ئەسەرلىرى:
تۈركچە ئېلان قىلىنغانلار:
1. 1966: تۈرك ئۇزۇنلۇق ئۆلچەملىرى
2. 1970: ئالدىنقى تۈركچە يازمىلار
3. 1978: ئالتى يارىق تېگىن
4. 1983: ئالدىنقى تۈركچىدىن بۇگۈنكى كۇرتچىغىچە
5. 1983: ئورخۇن – سېلىنگا ئابىدىلىرنىڭ ئىتىراپ قىلىنغان ئېنىق تارىخىنىڭ تەكرار كۆزدىن كەچۈرۈلىشى
6. 1985: ئاناتولىيە ئالدىنقى تۈركچىسى
7. 1990: ئالدىنقى تۈرك بىلگەلىرىغە كۆرە ئاستروفىزىك
8. 1991: بولبوللار
9. 1992: تاتارچىنىڭ تۈرك ئەلىفبەسى بىلەن يېزىلىشى
10. 1993: ئالدىنقى تۈركچە ھەققىدىكى لىكسىيە
11. 1993: يېزىقنىڭ تېنىش بەلگىلىرى
12. 1993: ئەلىفبەلىك يېزىقنىڭ باشلىنىشى ۋە گلوزەل يازما يادىكارلىقلىرى
13. 1994: ئەلىفبەلىك يېزىقنىڭ باشلىنىشى
14. 1995: سىدە پۈتۈكتۈشلىرى
15. 1995: ئۆزتۈكچە "-سال" قوشومچىسى
16. 1996: پورتىگال پۈتۈكتاشلىرى
17. 1996: تېنچلىق يولىدا مائارىف
18. 1996: فىئىللەرنىڭ ئىسىم ۋە ئىسمداش شەكىللىرى بىلەن سۈپەت فىئىل ۋە رەۋىش فىئىل مەنىسىدە بۇگۈنكى ياۋرۇپا تىللىدىكى ئەترۈكچىنىڭ ئىزنالىرى
19. 1997: بۇگۈنكى ياۋرۇپا دىنلىرىدىكى ئالدىنقى تۈركچىنىڭ ئىزنالىرى
20. 1998: دىنلەرنىڭ تەرەققىياتى، دەستلەپكى تۈرك دىنىدىن كېلىپ چىققان دىنلەر، سىدە، پروپورتىگال، گلوزەل، پرو – مىسىر، ئەترەسك، پروتپ گرېك ۋە ھىندويىزىم، تەۋرات، ئىنجىل، ئىسلام
21. 1998: ئەترۈسكلەر، تارىخى، يېزىقى ۋە تىلى
22. 1999: تۈرك تەقۋىمى
23. 1999: دەسلەپكى تۈرك دەۋلەتلىرى ۋە تۈرۈك بىل
24. 2000: سۆلگەنتاش غارى
25. 2000: بىلگە ئاتۇن ئۇقۇق: تۈرۈك بىلگە قاغان نىنە بىتىگ
26. 2000: موڭغۇلىيىدىكى قىسقا يازما يادىكارلىقلار
27. 2000: تەسۋىرىي يېزىقلار
28. 2000: ياۋرۇپا، سىبىر ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئەڭ كونا يازما يادىكارلىقلارغا ئاساسلىنىپ يېشىلگەن پرا مىسىر تەسۋىرىي يېزىقلىرى
29. 2001: ماقالىلەر
30. 2003: دەسلەپكى تۈركلەرنىڭ سكاندىناۋىيە يازما يادىكارلىقلىرى
ئىنگىلىزچە ئېلان قىلىنغانلار:
1. 1986: ئۇنىۋېرزۇم بىر رامكىغا ئوخشاش سىتاستىكىلىق بىر سىستېمىمۇ؟
2. 1992: ئاناتولىيىدىن پىكتوگرامملار، پېتروگلىفلەر،ISUB-ÖG ۋە UW-ON يازما يادىكارلىقلىرى
3. 1992: پروتوتۈرك ئالىملارغا كۆرە كائىناتتىكى تۇرغۇنلارنىڭ باشقۇرىلىشى
4. 1996: فىئىللەرنىڭ ئىسىم ۋە ئىسمداش شەكىللىرى بىلەن سۈپەت فىئىل ۋە رەۋىش فىئىل مەنىسىدە بۇگۈنكى ياۋرۇپا تىللىدىكى ئەترۈكچىنىڭ ئىزنالىرى
5. 2000: ياۋرۇپا، سىبىر ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئەڭ كونا يازما يادىكارلىقلارغا ئاساسلىنىپ يېشىلگەن پرا مىسىر تەسۋىرىي يېزىقلىرى
6. 2002:كونا تۈرك ئالىملىرىغا كۆرە فىزىكا ۋە ئاستوفىزىكا ئىلمى
7. 2003: دەسلەپكى تۈركلەرنىڭ سكاندىناۋىيە يازما يادىكارلىقلىرى
8. 2003:دەسلەپكى تۈركلەرنىڭ ئاناتولىيە يازما يادىكارلىقلىرى
گېرمانچە ئېلان قىلىنغانلار:
1. 1968: ھىپېر سىتاتىستىكا سىستېمىلارنىڭ تەڭ قىممەتتىكى يۈكلەر بىلەن ھېساپلىنىشى
2. 1973: پروتو گرېكچە يازما يادىكارلىقلارنى يېشىلىشى
3. 1993: ئەلىفبەلىك يېزىقلارنىڭ باشلىنشى ۋە گلوزەل يازما يادىكارلىقلار
4. 1993: پروتو تۈركچە گرامماتىكا
5. 1996: ئۇخشىمىغان تىللاردا پروتو تۈركچە ئىزنالار
6. 1997: ئەترۈسك يازما يادىكارلىقلىرى