كاسىنا ئىش توختامى


  15- باب كاسىنا ئىش توختامى
  251- ماددا كاسىنا ئىش توختامى كاسىنىچى بۇيرۇتقۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىشنى تۈگىتىپ، ئىش نەتىجىسىنى تاپشۇرىدىغان، بۇيرۇتقۇچى ھەق بېرىدىغان توختامدۇر.
  كاسىنا ئىش پىششىقلاش، بۇيرۇتۇش، رېمونت قىلىش، كۆپەيتىش، سىناش، پرىيوم قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  252- ماددا كاسىان ئىش توختامىنىڭ مەزمۇنى كاسىنا ئىشنىڭ نىشانى، سانى، سۈپىتى، ھەققى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، ماتېرىيالنىڭ تەمىنلىنىشى، ئىجرا مۆھلىتى، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  253- ماددا كاسىنىچى ئاساسلىق ئىشنى ئۆزىنىڭ ئۈسكۈنىسى، تېخنىكىسى ۋە ئەمگىكى بىلەن تۈگىتىشى كېرەك، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  كاسىنىچى ئۆزى كاسىنا ئىشلەيدىغان ئاساسلىق ئىشنى ئۈچىنچى كىشىنىڭ تۈگىتىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، شۇ ئۈچىنچى كىشى تۈگەتكەن ئىش نەتىجىسى ئۈچۈن بۇيرۇتقۇچى ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى كېرەك، بۇيرۇتقۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىغان بولسا، بۇيرۇتقۇچى توختامنى بىكار قىلسىمۇ بولىدۇ.
  254- ماددا كاسىنىچى كاسىنا ئىشلەيدىغان قوشۇمچە ئىشنى ئۈچىنچى كىشىنىڭ تۈگىتىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ. كاسىنىچى ئۆزى كاسىنا ئىشلەيدىغان قوشۇمچە ئىشنى ئۈچىنچى كىشىنىڭ تۈگىتىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، شۇ ئۈچىنچى كىشى تۈگەتكەن ئىش نەتىجىسى ئۈچۈن بۇيرۇتقۇچى ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى كېرەك.
  255- ماددا كاسىنىچىلاردىن ماتېرىيالنى ئۆزى چىقىرىدىغانلىرى ماتېرىيالنى پۈتۈشكىنى بويىچە تاللاپ ئىشلىتىشى ھەمدە بۇيرۇتقۇچىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
  256- ماددا بۇيرۇتقۇچىلاردىن ماتېرىيالنى ئۆزى چىقىرىدىغانلىرى ماتېرىيالنى پۈتۈشكىنى بويىچە چىقىرىشى كېرەك. كاسىنا ئىشلىگۈچى بۇيرۇتقۇچىنىڭ ماتېرىيالىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى كېرەك، پۈتۈشكىنىدەك بولمىغانلىقىنى سەزگەندە بۇيرۇتقۇچىغا ئالماشتۇرۇش، تولۇقلاش ياكى باشقا تولۇقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
  كاسىنىچى بۇيرۇتقۇچىنىڭ ماتېرىيالىنى ئۆز مەيلىچە ئالماشتۇرۇۋەتسە بولمايدۇ، رېمونت قىلىش ھاجەتسىز بولغان دېتال- بۆلەكلەرنى ئالماشتۇرۇۋەتسە بولمايدۇ.
  257- ماددا كاسىنىچى بۇيرۇتقۇچىنىڭ چېرتيوژ ياكى تېخنىكا تەلىپىنىڭ نامۇۋاپىقلىقىنى سەزسە، بۇيرۇتقۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. بۇيرۇتقۇچى جاۋاب بېرىشتە سۇسلۇق قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كاسىنىچىنى زىيانغا ئۇچراتسا، زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.
  258- ماددا بۇيرۇتقۇچى كاسىنا ئىش تەلىپىنى يېرىم يولدا ئۆزگەرتىپ، كاسىنىچىنى زىيانغا ئۇچراتسا، زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.
  259- ماددا كاسىنا ئىشقا بۇيرۇتقۇچى ياردەملىشىشكە توغرا كەلگەندە، بۇيرۇتقۇچىنىڭ ياردەملىشىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.
  بۇيرۇتقۇچى ياردەملىشىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقتىن كاسىنا ئىشنى تۈگەتكىلى بولمىسا، كاسىنىچى بۇيرۇتقۇچىنى مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا سۈيلىسە ھەمدە ئادا قىلىش مۆھلىتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ؛ بۇيرۇتقۇچى مۆھلەت ئۆتسىمۇ ئادا قىلمىسا، كاسىنىچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
  260- ماددا كاسىنىچى ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە بۇيرۇتقۇچىنىڭ زۆرۈر نازارەتچىلىكىنى ۋە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. بۇيرۇتقۇچى نازارەت قىلىمەن، تەكشۈرىمەن، دەپ كاسىنىچىنىڭ نورمال ئىشىغا دەخلى يەتكۈزسە بولمايدۇ.
  261- ماددا كاسىنىچى ئىشنى تۈگەتكەندە، ئىش نەتىجىسىنى بۇيرۇتقۇچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە زۆرۈر تېخنىكا ماتېرىياللىرى ۋە سۈپەتكە ئالاقىدار ئىسپاتلارنى بېرىشى كېرەك. بۇيرۇتقۇچى شۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى لازىم.
  262- ماددا كاسىنىچى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىش نەتىجىسى سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، بۇيرۇتقۇچى كاسىنىچىدىن رېمونت قىلىش، قايتا ئىشلەش، ھەقنى ئازايتىش، زىياننى تۆلەش قاتارلىق خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  263- ماددا بۇيرۇتقۇچى ھەقنى پۈتۈشكەن مۆھلەتتە تۆلىشى كېرەك. ھەق تۆلەش مۆھلىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، بۇيرۇتقۇچى ھەقنى كاسىنىچى ئىش نەتىجىسىنى تاپشۇرغاندا تۆلىشى كېرەك؛ ئىش نەتىجىسىنىڭ بىر قىسىمىنى تاپشۇرغان بولسا، بۇيرۇتقۇچى مۇناسىپ ھەقنى تۆلىشى كېرەك.
  264- ماددا بۇيرۇتقۇچى كاسىنىچىغا ھەق ياكى ماتېرىيال ھەققى قاتارلىق پۇللارنى تۆلىمىسە، كاسىنىچى ئىش نەتىجىسىنى قالدۇرۇپ تۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  265- ماددا كاسىنىچى بۇيرۇتقۇچىنىڭ ماتېرىيالى ۋە تۈگەتكەن ئىش نەتىجىسىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك، ئوبدان ساقلىماي بۇزۇۋەتسە، يوقىتىۋەتسە، زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  266- ماددا كاسىنىچى بۇيرۇتقۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە مەخپىيەتلىكنى ساقلىشى لازىم. بۇيرۇتقۇچىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، كۆپەيتمە ياكى تېخنىكا ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ قالسا بولمايدۇ.
  267- ماددا ئورتاق كاسىنىچىلار بۇيرۇتقۇچى ئالدىدا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  268- ماددا بۇيرۇتقۇچى كاسىنا ئىش توختامىنى ھەر ۋاقىت بىكار قىلسا بولىدۇ، كاسىنىچىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار زىياننى تۆلىشى لازىم.