كاككۇكنامە


1

ساقاللىرى كامپۇردەك ئاقارغان، كۆزلىرى چوڭقۇر دېڭىزدەك ئەقىل بىلەن تولغان ھېكىم : ئىلھامنىڭ ھەقىقىي مەبۇدىسى مۇسىي ( گىرېك ئەپسانىلىرىدە سۆزلەنگەن ھۈنەر – سەنئەتنىڭ توققۇز مۇئەككىلى )، دېگەندە، ئۇنىڭ بېغىدىكى قەپەستە سايراۋاتقان كاككۇك قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. كاككۇك : بەدىنىم پەي زىننەتلىرى بىلەن ياشناپ تۇرسىمۇ، سەرگۈزەشتلىرىم سېنىڭدىن ئارتۇق. ئىلھامنىڭ ھەقىقىي مەبۇدىسى مۇسىي ئەمەس، بەلكى قەپەس، دېدى. كاككۇك ھاياجانلاندى، قەلبىدىكى ھارارەت، كۆزىگە ياش زۇمرەتلىرىنى تاقىغانىدى. ئۇ ئەركىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر توپ تۇرنىغا قاراپ، قەپەس روجەكلىرىنى سىقىمداپ، كۆكسىنى قەپەس شادىسىغا ئۇرۇپ سايراپ كەتتى. ھېكىمنىڭ زوقلانغىنى ئۇنىڭ نالىسى بولغىنىدەك، ئۇنىڭ نالىسى قان قۇسقان كاككۇكنىڭ شېئىرىيەتتەك ھەقىقىي قەلبى ئىدى.

2

مەن كىچىك قۇشمەن، جەڭ دۇمبىغىدەك نەرە ياڭرىتالمايمەن. مەن كىچىك گىياھ، ئالەمنى مەھلىيا قىلىدىغان خۇش پۇراقنى تارقىتالمايمەن. مەندە رەشك ۋە ھەسەت ماجىراسىنىڭ ھەشەمەتلىك بۇژغۇنلىرى يوق.

3

مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈ يېڭىلىپ ۋە ئەبەدىي تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان مەنىۋى جەننىتى نەدىكى، مەن ئۇنىڭدىن شېئىرىيەت ئىلاھىنى ئىزدەيمەن.

4

بىقارار ئالەمدە خۇشاللىقلىرىمدىن ۋەھىمە قىلىپ غەمكىن بولىمەن، غەمكىنلىكىم ئەۋجىگە يەتكەندە قاقاقلاپ كۈلىمەن. بۇلاق سۈيىگە قاراپ نىدا قىلىمەن : خۇشاللىقلىرىم سېنىڭ ئىلتىپاتىڭ، گۈزەللىكلىرىم سېنىڭ ئىنئامىڭ، ۋەھىمىلىرىم سېنىڭ سالغان قورقۇنچۇڭ، جاراھەتلىرىم مۇشتۇملىرىڭنىڭ ئىزناسى. ئۆز – ئۆزۈمگە قاراپ قاقاقلاپ كۈلىمەن، قاقاقلاپ كۈلىمەن، مەن تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى، سېنىڭ ئەلپازىڭنىڭ ئەينىكى …

5

ئۈمىد تاڭ شەپىقىنىڭ رەڭدار كۆڭلىكىنى كىيىپ قاقاقلاپ كۈلگىنىدە، ئۈمىدسىزلىك گۇگۇم ئوتقېشىنى قارايتىپ، لام – جىم دېمىدى. ئۈمىدنىڭ تەنتەكلىكى بىلەن ئۈمىدسىزلىكنىڭ تەمكىن سىپايىلىكى ئارىسىدا تېڭىرقاپ شىۋىرلايمەن.

6

ھىجران دەشتىدە تۇرغىنىڭدا ساڭا ئىلھام بېغىشلىغان نەرسە ۋىسال ئۈمىدى. ۋىسال بېغىدا سېنى ئالدىراتقان نەرسە ھىجران ۋەھىمىسى. ۋىسال قەدرىنى كۆتۈرگەن نەرسە ھىجران، ھىجران قەددىنى رۇسلىغان نەرسە ۋىسال …

7

يوقلۇقنىڭ ئۈمىدى موللۇقنىڭ ۋەھىمىسىدىن ئۈستۈن.

8

ئۈمىد خۇشاللىقى بىلەن ئۈمىدسىزلىك ھودۇقۇشى تۆت كوچا ئاغزىدا دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ خالىغىنى شاراب ئىدى. چۈنكى ئۇ : ئىختىيار يىلپىزىغا سۇمۇرغ قانىتىنى قوشىدىغان خىيالىي سايە. ھاقارەتلەنگەن روھ شاراب ئىچىدە غالىب.

9

دەريالار سۆيگۈسىنى يادىمغا ئالغىنىمدا كۆزۈمدىن دەريالار ئاقىدۇ. تاغلار پىراقىنى ئەسلىگىنىمدە چوڭقۇر دېڭىز تېگىگە پاتىمەن.

10

مەن ساڭا تەقلىد قىلىمەن. زېمىننى سۆيگەن يامغۇر، چىمەننى ئارىلاپ ئاققان تاغ سۈيى، قىياغا مەڭزىنى ياققان ئۆركەش، ئانا باغرىدىكى بوۋاق، تۆگە ئايىغىدىكى بوتىلاق، دالا قوينىدىكى خۇشبۇي گىياھ، جانا لېۋىدىكى تەبەسسۇم … ئېھ، ئالەمنىڭ غەرەزسىز پاك مۇھەببىتى، مەن ساڭا تەقلىد قىلىمەن.

11

مېنىڭ كۆز ياشلىرىم ئازغان چېچىكى ئۈستىدە تىترەپ تۇرغان ئېغىر شەبنەم. مېنىڭ كۆز ياشلىرىم زېمىنغا تۆكۈلگەن گۈل بەرگىنىڭ مەرسىيىسى. ئۇ زېمىن يۈزىنى غۇنچە گىلەم بىلەن ياساندۇرىدىغان يېشىل باھارنىڭ قەسىدىسى.

12

نۇرانە شولىنىڭ ھەۋىسىدە تۇرغىنىم يوق. ئۇچقان يۇلتۇزدەك قاراڭغۇلۇق ئالىمىگە قاراپ شىيرىلاي، نۇرانە شولا كەينىمدە قالسۇن.

13

گۈزىلىم ! ئەينەك بىلەن ھەپىلىشىش ساڭا ئوشۇقچە. قارا، مېنىڭ مىسرالىرىمغا. كۆزەت، مەرمەر ھەيكىلىڭنىڭ ياسىلىشىنى … مۇھەببەت مۇشتىقىم ! قەدىر – قىممىتىڭنى ساختا شىۋىرلاشلاردىن ئەمەس، ھەقىقىي شېئىرىيەت بىناسىدىن ئىزدىگىن. بۇ بىنا _ مەڭگۈ توزۇماس چېچەك بىلەن گۈلىستان …

14

ھەسەل _ چېچەك شىرنىلىكىنىڭ جەۋھىرى ؛ شېئىر _ گۈزەللىك تۇيغۇسىنىڭ كرىستالى.

15

قاش يالىرىڭ بىلەن كىرپىك ئوقلىرىڭ ماڭا يۈرۈش باشلىغاندا غالىبسەن. قەلبىم قۇدرەتلىك قوشۇنۇڭغا تۇتقۇن بولغىنىدا مەغلۇپسەن !

16

ئىنسانىيەت ئۆزى ياسىغان ئاجايىپ سۈرەتخانىغا كىرىپ قالدى. ئۇ : رەسىملەرنىڭ تىزىلىپ، ھەيكەللەرنىڭ جانلىنىپ، ئۆز ئىختىراچىسىغا << شاھ ! >> دېيىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈپ، ۋەھىمىلىك چۈش، شۈبھىلىك مۇھاكىمە ئىچىگە قامىلىپ قالدى …

17

ساداقەت _ مۇھەببەت دېڭىزىدىكى گۆھەر خەزىنىنىڭ ئومۇمىي ۋەجى. گۈزەللىك _ ساداقەت بېغىدا گۈزەلنىڭ سۇمۇرغتەك قايتا تۇغۇلغان يېڭى قىياپىتى. يۈكسەكلىك _ ساداقەت بىلەن گۈزەللىكنىڭ مېنى مەھلىيا قىلغان كارامىتى.

18

ئەندىشە چەكمىگىن ! چېچەك يەرگە غولىمىدى، بەلكى مېۋە قەلبىدىن ماكان تۇتتى. ئىشەنمىسەڭ قارا : بىپايان باغلار باھار بەزمىسىدە چېچەكتىن شەپەق ياساپ سېنى مەپتۇن قىلىدۇ. بېخىلنىڭ سېخىيلىق قۇياشىنى كۆرەلىشى مۇمكىنمۇ ؟ …

19

كاككۇك ! سەن ھاۋا بوشلۇقىنىڭ ئەركىن مەلىكىسى، قەپەس ئىستىقامەتگاھىنىڭ مەردانە غەزەلچىسى، زېمىن يايلىقىنىڭ ئەركە ساياھەتچىسى. ئىنسان ئۈچۈن پەلەكنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمەن … ئانا باغرىدا ئەركە، تەسەۋۋۇر كۆكىدە ئەركىن ئۆسكەن ئوماق بالىنىڭ كىشىلەر ئالدىدا خۇشامەتچى بولمىغانلىرىنى ئاز ئۇچراتقىنىم ئۈچۈن ھەسرەتلىنىمەن …

20

گۈزەللىكنىڭ مەڭگۈلۈك كۈلكىسىدە تەبىئەتنىڭ نىسبەتلىك مۇزىكىسى تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. قايغۇ مۇشۇ كۈلكىنىڭ ۋەھىمىسى !

21

نىقابىڭ ئۆتكۈر زۇلپىقارىڭنىڭ تەمكىن غىلاپىغا ئوخشاش، كۆزۈمنى قاماشتۇرۇپ ئەقلىمنى تەڭپۇڭدىن خالاس قىلىدىغان نۇرانە جامالىڭنىڭ رەھىمدار يېپىنچىسى. يۈزۈڭدىكى نىقابىڭنى ئېلىۋەت، بۇ ماڭا مۇقەددەس ئىلتىپات ! ئۆتكۈر زۇلپىقارىنى سانجى، بۇ ماڭا يېڭى ھايات !

22

ھەسەلچى ھەرە خۇش پۇراق گۈلشەنلەردىن بال نەزمىسى يارىتىدۇ. گۈلچى كېپىنەك باشقىلارنىڭ ھەمدۇساناسىدىن تەمەنناغا تولىدۇ. تارىخنىڭ مەسخىرىسى _ روھىيەت جەھەننىمى. كەلگۈسىنىڭ بارىكاللىسى _ مەنىۋىيەت جەننىتى.

23 ب

بورانلار ھۇۋلايدۇ. مەن چوڭقۇر خىيالغا چۆكىمەن. بورانلار ھۇۋلايدۇ. مەن تارام – تارام ياش تۆكىمەن. بورانلار ھۇۋلايدۇ. مەن قاقاقلاپ كۈلىمەن. بورانلار مەجنۇن تەبىئەتنىڭ مەسخۇي پوپوزىسى. ئۇنىڭ ھۇۋلاشلىرىنىڭ ئەۋجىدىن ئەجدىھا سۈرەتلىك جۇدۇن دىۋىسىنىڭ ئۆلۈم نوپۇزىنى سېزىمەن. مېنىڭ قورقىدىغىنىم گۈلشەننى ناز ۋە سۈلكىتى بىلەن رەڭمۇرەڭ چېچەك بىلەن زىننەتلىگەن، خۇش پۇرىقى بىلەن مەھلىيالىقنىڭ ھېكمىتىنى تونۇتقان، ئەتىرگۈلگە بۇلبۇلنى، مەشۇقىغا ئۆز مەھبۇبىنى ئاشىق قىلغان مۇھەببەت ئىلاھىنىڭ ساخاۋەتلىك نوپۇزى. ئۆلۈم نوپۇزىدىن چۆچۈش ئارسىزلىق ؛ مۇھەببەت شەپقىتىدىن سىرتتا قېلىش شەۋكەتسىزلىك. قاقلاپ كۈلگىنىمدە ئەنبىيالار ھاياجانلىنىدۇ.

24

گۈلگە مەپتۇن بولساڭ، ئۇنى ئۆز پايىسىدىن جۇدا قىلما. گۈزەللىككە مەپتۇن بولساڭ، ئۇنىڭ ئىختىراچىلىرىنى ئاسرا.

25

گۈزىلىم ! سۈرمە ئىشلەتمىگىن، قېشىڭنىڭ قارىلىقىنى تونۇپ يەتمىدىڭمۇ. پەرىشتەم ! گۈل قىسمىغىن، ھۆسنۈڭدىكى چىمەنلەرنى ئىقرار قىلمىدىڭمۇ. سەن گۈزەللەرنىڭ مالائىكى، گۈزەللەرنىڭ نەمۇنىسى. بۇ سېنىڭ ئەڭ ئېغىر، ئەڭ قايغۇلۇق قىسمىتىڭ !

26

ھەسەلچى ھەرە ئۆز پادىشاھىنى خۇش پۇراق بال جەۋھىرى بىلەن باقىدۇ. ھەسەلچى ھەرە پادىشاھى ئىشچى ھەرىسىنىڭ بېشىنى ئۈزۈش ئالدىدا تەنتەنە بىلەن : ۋاپاغا جاپا قىلغان، دەپ ۋارقىرايدۇ. _ دەرھەقىقەت، _ دەيدۇ باشقا ئىشچى ھەرىلىرى، _ چۈنكى ھەرە پادىشاھىنىڭ ئىككى بېقىنىدا تەرسانىڭ غەزىپىگە قۇدرەت بېرىپ تۇرىدىغان شەمشەر قانىتى ئارتۇق.

27

سەن شېشە قەدەھكە مەي قۇيغاندا، مەن كۆز چانىقىمغا مەرۋايىت تىزدىم. سەن شارابىڭنى لېۋىڭگە تەگكۈزگەندە، مەن سۆيگۈ كەلكۈنىدە بىھوش ئاقتىم. سېنىڭ ئىشىڭ : ساقىيدەك قەدەھ كەينىگە، چولپاندەك بۇلۇت ئارىسىغا يوشۇرۇنماق. مېنىڭ ئىشىم : پاتقاقلىق دالادا جۇنۇنلۇق پېرىسىنى ئوينىماق.

28

كۈلكىلىرىڭ چېچەك گۈلزارىدىن ئۇرغۇغان خۇش پۇراق. سېنىڭ يىغاڭ بوستانغا چېچىلغان يامغۇر ئۈنچىسى.

29

گۈزەللىكىڭ تەمەنناسىز تەبىئەتنىڭ تېپىلغۇسىز ئىنئامى. ئۇنىڭ قوزغايدىغىنى مۇھەببەت بىلەن رەشك. مۇھەببىتىم تۈپەيلى سېنى ئۇلۇغلايمەن. ئۇلار رەشكلىرى تۈپەيلى ھەسەت ۋە ئىغۋا توقۇشىدۇ. بۇلبۇللىرىڭنىڭ مەدھىيىسى بىلەن بىھوش بولما. ھۇۋقۇشلىرىڭنىڭ پىتنىسى بىلەن ھالىڭدىن كەتمىگىن. يۈكسەكلىك راۋىقىغا چىقىپ ئالەمنى كۆزەت. ئۇنىڭسىز گۈزەللىكنىڭ ھاقارەتلەنمىگىنى يوق !

30

قورقۇپ تۇرساڭمۇ يەنىلا ئۈمىدلىنىپ تۇرىدىكەنسەن، سېنىڭ مايىل بولىدىغىنىڭ خۇشامەتتىن ئىبارەت بولىدۇ. خۇشامەت _ روھىيەت تىلەمچىلىكى.

31

شېئىرىيەت دىۋانى _ توزۇمايدىغان گۈل سېۋىتى. ئېھ، ئىدراك ۋە تەپەككۇر دۇنياسىنى مەپتۇن قىلغان گۈزەللىك ! مېنىڭ شېئىرلىرىم سېنىڭ مەڭگۈلۈك سەپىرىڭگە پەقەت بىر قونالغۇلۇق ھەدىيە بولالىسا ئىدى …

32

بىلىم، قابىلىيەت، ۋىجدان ۋە قىسمەتكە ئوخشاشلا، مۇھەببەت، گۈزەللىك، ساداقەت ۋە ئاقىۋەتلەرمۇ بىر – بىرىدىن ئايرىم نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىمدا، ئۇلارنىڭ رىقابىتىدىن چۆچۈيمەن. ئۇلارنىڭ مۇجەسسەملىكىنى ئىزدەيمەن.

33

ياشلىق سۈبھىسىدە گۈزەللىك بىر مەھەللىك سۆيگۈ نەغمىسى بىلەن تەبەسسۇم قىلغىنىدا، قېرىلىق گۇگۇمىدا يۈكسەكلىك مەڭگۈلۈك ھېكمىتى بىلەن سېنى چاقىرىپ پىچىرلايدۇ. ئۇنىڭ دېگىنى تولىمۇ ئاددىي، بىراق قىيىن بىرگىنە سوئال : دۇنيانى تونۇدۇڭمۇ ؟ …

34

ھادىسىلەر دۇنياسىغا يوشۇرۇنغان ماھىيەتلەر قەسىرىگە كۆزۈم چۈشكەندە ئىختىيارسىز مەپتۇن بولىمەن. بۇ يەردە ماڭا ئۆز جامالىنى كۆرسىتىۋاتقىنى ھەقىقەتلەر پەرىسىدىن ئىبارەت. ئاشىقلار پاجىئەسىدەك ئۇنىڭمۇ پاجىئەلىرى ئېغىر …

35

سۆيگىن مېنى، جىگىرىم، كەچ كىرىپ قالدى، سۆيگىن. چۈشىگەندە گۈلشەن چۈشەرسەن. ۋىسال خۇشاللىقلىرىمنى تەسەۋۋۇر يالقۇنلىرى بىلەن شولىلاندۇرۇپ، مەنمۇ بۇلبۇل بىلەن گۈلنىڭ سۆيۈشكىنىنى چۈشەرمەن.

36

نۇر _ ئاسمان جامىدا جۇلا قىلغان، قارا بۇلۇتنى مەستلىكتىن قىزارتىۋەتكەن سېھىرلىك شاراب. ھايات _ ئۆلۈم دېڭىزىدا نۇر چېچىپ كېتىۋاتقان ماياكلىق كېمە. ئۆلۈم _ ھاياتنىڭ قەرزىنى قىستاپ يۈرگەن سۈتخور، يۈرەكسىز مۇھەببەتنىڭ ئاشىقى، مۇزلىغان ۋۇجۇدنىڭ مۇرەببىي. ئۆلۈم ۋەسۋەسىسىنى يېڭىپ، ھاياتنىڭ نۇرانە تەبەسسۇمىدىن زوقلىنىمەن.

37

ئاي ھۆسنىنى يۈزۈڭگە بەردىڭ، نېمە ئۈچۈن ؟ تۈن رەڭگىنى چېچىڭغا بەردىڭ، نېمە ئۈچۈن ؟ مېنى ئىشقىڭ تۈپەيلى ھايات ۋە مامات ئارىسىدا شەرمسار قىلىش ئۈچۈندۇر !

38

گۈللىرىڭگە زوقلىنىمەن، يوپۇرماقلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. چېچەكلىرىڭ خېرىدارلىق تاپقاندا تەمەننا قىلمىغىن، سېنىڭ قەدرىڭنى ئاشۇرغىنى ۋاپادار يوپۇرماق.

39

قەدىمىي زېمىندا يارالغان قەدىمىي ئەپسانىدىن خاۋاتىرلىنىمەن : ترۇيالىقلار بىلەن گرېكلار تىغ سوقۇشتۇرغاندىكى چاقماق، ئېلىنانىڭ ترۇيا سېپىلىدا ئاققۇزغان يامغۇردەك كۆز يېشى، ھەسەت ۋە جېدەلگە تۈگۈن بولغان گۈزەللىك ئىقتىدارى، ئېرىدانىڭ ئىلاھلار ئارىسىغا سالغان رەشك ۋەسۋەسىسى، ئاپۇللۇ بىلەن ئافىنانىڭ پايپېتەكلىكى، زىۋىسنىڭ بىپەرۋالىقى مېنى چۆچۈتىدۇ. گۇناھسىزلار قۇربانلار توپىغا ئايلانغانسېرى، ئەيىبلىك ئىلاھلار ئەۋجەرەپ كەتمىگەندۇ …

40

تەقدىر _ بۇ قىسمەت ۋە ئىرادىنىڭ جېڭى. قايغۇ ياشلىرى _ بۇ تەقدىر جېڭىدە ئىرادىنىڭ ئاققۇزغان پاك قېنى. قىسمەتسىز مۇھەببەت سەپەرگە چىقمىغان كېمە. پاراغەت شەربىتىدىن سىياھ ياساپ بولمىغىنىدەك، تۇرغۇنلۇق قومۇشىدىن قەلەم ئۆستۈرگىلى بولاتتىمۇ. گۈزەللىك چېچىكى يۈكسەكلىك خۇش پۇرىقىنى چېچىپ تۇرغىنىدا تەقدىر ئەجدىھاسىغا قىلىچ كۆتۈرمەي تۇرالامسەن !

41

تىكەنسىز سېرىق چېچەكنىڭ مەپتۇن قىلارلىق خۇش پۇرىقى يوق.

42

قايغۇ _ خۇشاللىق كۈلكىلىرى قاچىلانغان قاپ.

43

بەخت دەرگاھىدا مۇلايىم تەبەسسۇم قىلىشنى، بەختسىزلىك ئىلكىدە قاقاقلاپ كۈلۈشنى ئۆگەن. ئازغان شوخىسى ئالدىدا سۇمۇرغ گەۋدەڭنى ئەگمە.

44

كۆز ياشلىرىڭنىڭ ئۈنچىلىرى خۇشاللىق شولىسى بىلەن سۆيۈشكەندە مەڭزىڭدە ھەسەن – ھۈسەن جۇلا قىلغۇسى.

45

شىرىندەك جانان بىلەن ئۈمىد تۇلپىرى ئۈستىدە ئىئۇشال ئۇچرىشىشنى بىلگىن ؛ خىسراۋدەك خاقان بىلەن ئۈمىدسىزلىك غارى ئالدىدا قاقاقلاپ سۆزلىشىشتىن يانما !

46

خۇش پۇراق تۆكۈپ تۇرغان نەرسە چوغ ئۈستىگە تاشلانغان سەندەل ياغىچىنىڭ ۋىدالىق يىغىسى. مەشۇت بېرىۋاتقان نەرسە ئۆلۈم زىندانىغا بەند بولغان غوزەك قۇرتىنىڭ پىداكار جەسىتى. شام ئۆز ھاياتىنى نۇرانە يىغىسى بىلەن ئاخىرلىتىدۇ ؛ ئىپار كېيىكى بىباھا مۇشكى تۈپەيلى سەييات قولىدا بىگۇناھ جان ئۈزىدۇ. پەزىلەتلىرىڭنىڭ قىممىتىگە تەمەننا قىلماي، ئۇنىڭ قىسمەتلىرىگە پەخەس بول.

47

ئۇ تېخى سەبىي ئىدى … ئۇنىڭ ئالدىغا سۈرەتلەر ئالبۇمى بىلەن شېئىرلار دىۋانىنى قويدۇم. ئۇ خىنە ياققان ئىنچىكە قوللىرى بىلەن شېئىرلار دىۋانىنى بىر چەتكە سۈرۈپ قويۇپ، مەھلىيا ئوتىنى بىئارام تۇتاشتۇرىدىغان گۆھەر كۆزىنى ئالبۇم سەھىپىلىرىگە تاشلىدى. ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرغان كۆزىگە پۈتۈن سۈرەتلەر كۈلۈپ جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر قىلىنغاندەك ئىدى. مەن چۈشەندىم : ئۇ ھېسسىيات كەپتىرىنى سۆيگۈ ئاسمىنىغا، ھەسەلچى ھەرىسىنى گۈلىستان سەپىرىگە تېخى ئۇزاتمىغانىدى … ئۇ تېخى گۆدەك ئىدى … ئۇنىڭ شېئىرلار دىۋانىغا شەيدا بولىدىغان چېغى، ئۇنىڭ قەلبى تەنھا گۈزەللىكنىڭ شىكايىتىنى ئاڭلاپ، كۆكسى سۆيگۈ ئوقى بىلەن جاراھەتلىنىپ، كۆكسى چىمەن تىكەنلىكى بىلەن شىكەستىلەنگەندىن كېيىنلا باشلىنىدىغانلىقىغا شۈبھىلەنمەيتتىم.

48

گۈزەللىك ! سېنى ئىزدەپ ھەشەمەتلىك قەسىرلەرگە تەلپۈنمەيمەن. مۇھەببەت ! سېنى ئىلكىمگە ئېلىش ئۈچۈن يىراق ئەھلىسەلىپ ( ياۋروپا خرىستىئانلىرى بىلەن ئەرەبلەر دۇنياسى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان دىنىي ئۇرۇشلارنى كۆرسىتىدۇ )كە قاتناشمايمەن. ئەقىدەم شۇكى : غالىبنىڭ نەيزە – ساداقلىرىغا تۇتقۇن بولغان ۋىسال مۇقەددەس مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى مەنىسىز مۇردىنىڭ قالدۇقى … مېنىڭ ئىزدەيدىغىنىم تەلۋىلىك بىلەن ئىزدەش ؛ مېنىڭ رەت قىلىدىغىنىم مەغرۇرلۇق بىلەن رەت قىلىش.

49

شېئىر ۋە ناخشىلىرىم بىلەن سېنى كۈيلەيمەن. ئۇنىڭسىز سۆيگۈ خۇپىيانە ھەسرەت چېكىش. تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرلىرىم بىلەن سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئۇنىڭسىز قەدىرلەش مەبۇتقا چوقۇنۇش.

50

شېئىرلىرىم _ ھاياتنىڭ رەڭدار شەپىقى. ئالەم بىنا قىلغۇچى براخما ( بۇددا دىنىدىكى بىر ئىلاھ ) دۇنيانى ئىختىرا قىلغىنىدەك، مەن گۈل ۋە نۇر بىلەن ياقۇتتەك ئاسمان، رەڭدار بۇلۇت ۋە ھەسەن – ھۈسەن ياسايمەن. مېنىڭ ھۈنىرىم ئىلھام مەبۇدىسىنى جاھاننەما ئەينىكىدە كۆرسىتىپ ئۇنى بەشەرىئەت ( ئىنسانىيەت دېگەن مەنىدە )كە سوۋغا قىلماق.

51

گۈزىلىم، پەرىشتىدەك گۈزەللىكىڭگە تەمەننا قىلمىغىن. بىقارار گۈزەللىك سېنىڭ ھۆسنۈڭدە جىلۋىلىنىپ مېنى ئالدىغىنىدەك، مېنىڭ جىسمىمغا شولا سېلىپمۇ سېنى ئالدايدۇ.

52

كۆز يېشىمنىڭ ئۈنچىلىرى مەڭزىڭنى زىننەتلىسە ؛

ئاھۇ پىراقىمنىڭ ئىزغىرىن شامىلى مۇشكىن چاچلىرىڭنى ئەتىۋارلاپ سىلىسا ؛

يېرىلغان يۈرىكىمنىڭ بىگۇناھ قېنى لەۋلىرىڭنى لاكتەك بويىسا ؛

شېئىرلىرىم بىلەن ساڭا غولىمايدىغان ھەيكەل ياسىسام …

بۇلار، مېنىڭ ئەڭ چوڭ كۆڭۈل ئازادىلىكىم !

53

دېڭىز، ئېھ جاھان دەرۋازىسى، دوستلۇق بوسۇغىسى، دۇنيانىڭ دەرسخانىسى، ئالەمنىڭ ئەينىكى، سەن زېمىن كۆكسىدىكى يۈرەك. سەنسىز ئالەم نادان ۋە تەرسا.

54

سۆيگۈ دېمەك قاناتسىز قۇشنىڭ ئۇچۇش ئىستىكى.

سۆيگۈ دېمەك ھاياتلىق ئۈمىدىنىڭ دېرىكى.

سۆيگۈ دېمەك ھېسسىيات يۈرىكىنىڭ ئىدراكى.

سۆيگۈ دېمەك ئىختىيار مۈلكىنىڭ سۇلتان بېگى.

55

ئاشىقىم ! بىر جۈپ بۇلبۇلدەك سايرىشىپ، ناخشىلىرىمىزنى ئاڭلىشىپ، بىر جۈپ چېچەكتەك ئېچىلىپ، خۇش پۇراق بىلەن بىر – بىرىمىزنى زىياپەت قىلايلى.

مەن ناخشا ساتقۇچى ياكى ناخشا بىلەن كۆڭۈل ساتقۇچى ئەمەس. ناخشىنى ئۆگىتىپ بولمايدۇ، پەقەت ئۇنى تەكرارلاشنىلا ئۆگىتىپ بولىدۇ.

شۇنداق. مۇھەببەت تۈگىمەيدىغان ناخشىنىڭ ئۈزۈلمەيدىغان بۇلىقى.

56

بۇلبۇل سايرىغان شاخنىڭ ئۈنچىلىرى چوغدەك قىزىل،

سۆيگىنىڭدە قالدۇرۇپ كەتتىڭ چېكەمدە قان قىزىل.

ئەتىرگۈل ئۈنگەن توپا خۇشبۇي گويا سەبدە چېچەك،

بىز سۆيۈشسەك گۈل بەرگىمۇ ئۆزگىرىپ بولغان قىزىل.

57

قارا چېچىڭ خىيالى بىلەن سىنەمدە ئىلھام قوزغايمەن. قەلىمىمنى كۆز يېشىم بىلەن ئۇچلاپ بۈلەيمەن. ئەتىرگۈلدىن سىياھ ياسايمەن. ئۆمرۈم بويى سېنى كۈيلەيمەن.

58

ئەۋەتكەن گۈلدەستەڭنى پۇراپ بىھوش بولىمەن. ئىجازەت قىلساڭمۇ سۆيۈشكە پېتىنالمايمەن.

59

مېنىڭ شېئىرلىرىم مۇھەببەت ئىلاھىنىڭ شىكايەتنامىسى. مېنىڭ شېئىرلىرىم ھاياتلىق سەپىرىدىكى بىر ئەۋلاد ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتەڭخانىغا قالدۇرىدىغان قونالغۇلۇق خاتىرىسى. مېنىڭ شېئىرلىرىم بالدۇر يۈرۈپ كەتكەن ئاشىقنىڭ كەينىدىن كېلىدىغان مەشۇقىغا يوللىغان ئامانەتنامىسى.

60

گۈزىلىم، سەن قېرىمايسەن. قېرىيدىغىنى كۆزۈمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى.

گۈزىلىم، سەن ھەسرەتلەنمەيسەن. ھەسرەتلىنىدىغىنى ئۆمۈر چەكلىمىلىرى تۈپەيلى ھايات دۇنياسىدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقان مېنىڭ قەلبىم.

سەن شېئىرلىرىم بىلەن ياشايسەن. مەن بولسام زېمىن بىلەن مەڭگۈ قۇچاقلىشىمەن.

61

ھەقىقىي گۈزەللىكنى ھەقىقىي شائىرنىڭ قەلبىدىن ئىزدە. ئۇنىڭ قەبرى دىۋان گۈلزارىدىكى سۆيگۈ ھەيكىلىنىڭ ئاستىدىكى مىسرالار ئارىسىدا. ئۇ يازمايدۇ، ئىلھام بېغىشلايدۇ.

62

يار چىشلىگەن غورا، ۋازىغا تىزىلغان ئالمىدىن لەززەتلىك.

63

مەن ھاياتىمنىڭ سەرگەردانى، ئۇنى ئىزدەيمەن. مەن قەلبىمنىڭ باغۋىنى، ئۇنى پەرۋىش قىلىمەن. بېغىمنىڭ باراقسان مېۋىلىرى ئالدىدا ئەما مەن، ئۇنى كۆرەلمەيمەن. ئۇنىڭ شېرىن ھىدىنى سېزىمەن، ئۇنى تۇتالمايمەن.

سەھەر ئويغاندىم، قۇشلار بىلەن تەڭلا.

گۈل ئىبادەتخانىسىغا يول ئالدىم، تاڭ نەسىمى بىلەن تەڭلا.

شەبنەم شارابىنى ئارقا – ئارقىدىن يۇتتۇم، قىزىللىق ئىچىگە _ چېچەك ۋە خىجىللىق ئىچىگە غەرق بولدۇم، بۇلبۇل بىلەن تەڭلا.

گۈل ئىبادەتخانىسىدا تىلەندىم، ئېھ گۈل ! مېنىڭ گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن. مېنىڭ گۇناھلىرىم شېئىرىمدا. ئۇ روھىيەت كائىناتىدىكى قەلب يۇلتۇزى. ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئېغىرلىق يوق. پۈتۈن ئېغىرلىق مېنىڭ گۇناھلىرىمدا.

خىجىللىق ئىچىدە جاكارلىدىم : ئېھ گۈل ! مېنىڭ شېئىرلىرىمنى قوبۇل قىلغىن. مېنىڭ ھاياتىم شېئىرىمدا. ئۇ مېنىڭ ئاشىقلىق ئەرزنامەم، بۇ، سېنىڭ گۈزەللىكىڭ ئىقرارىم، بۇ، مېنىڭ ساڭا ئاتىغان مەرۋايىت خەزىنەم.

65

زېمىن بولۇشنى خالايمەن، زىلۋا بويۇڭ ئۇنىڭدىن مەدەت كۈتسە ؛

سۇ بولۇشقا ھەۋەس قىلىمەن، سۇمبۇل چاچلىرىڭ ئۇنىڭغا چۆمۈلسە ؛

يورۇقلۇق بولۇشنى ئىستەيمەن، قارا كۆزۈڭ ئۇنى سۈمۈرسە ؛

شامال بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، ئىپار گەۋدەڭ ئۇنى خۇشبۇي قىلسا.

66

مۇھەببەت زۇمرەتلىرىنى ئىزدەپ، شېئىرىيەت گۈزەللىكىنىڭ يۈكسەك مۇنارىنى تىكلە. مۇھەببەت سۇ تېگىدىمۇ ئەمەس، يالقۇنلۇق ئوت ئىچىدىمۇ ئەمەس. بوران – جۇدۇنلار ئىچىدە ئەمەس، مامۇق بۇلۇتلار قوينىدىمۇ ئەمەس … مۇھەببەت بۇلارنىڭ گىرەلەشكەن جايىدا، تۆت كوچىنىڭ ئاغزىدا.

67

ئارام ئال، بۇلبۇلۇم، چارچىدىڭ، ئارام ئال. ئۇيقۇ بىلەن ئۆتكۈز ئايدىڭ ئاخشامنى. مەن داۋاملىتاي سېنىڭ مۇڭلۇق ناخشاڭنى.

ئارام ئال، گۈزىلىم، چارچىدىڭ، ئارام ئال. ئۇخلا چېچىڭ بىلەن يېپىپ كۆكسۈڭنى. مەن سىزاي زوقۇم بىلەن سېنىڭ گۈزەل ھۆسنۈڭنى.

68

مەن مۇھەببىتىمنى ئىزدەيمەن. ئۇنىڭدىن يوقالغان ئۆزۈمنى دېرەكلەيمەن. مەن مۇھەببىتىمنى تۇتۇۋالىمەن، ئۇنىڭدىن قەقنۇستەك قايتا تۇغۇلىمەن.

69

گۈزەللىك قىچقىرىپ سېتىلىدىغان تاۋار ئەمەس.

ئۇ، ئالەمنىڭ ۋۇجۇدى.

مۇھەببەت تەرسانىڭ مەزھىپى ئەمەس.

ئۇ، ھاياتنىڭ نۇرى.

70

مۇھەببەت _ ئوچۇق خۇپىيانىلىك، ئۇ تارتىنىش قۇتىسىدىكى ئوت مەلىكىسى.

مۇھەببەت _ خۇپىيانە ئوچۇقلۇق، ئۇ چوغ تاجىنى تاقىمىغان چاقماق شاھزادىسى.

71

خۇشاللىقلىرىڭدىن قايغۇ شارابى ئېچىتما. مەستلىك قۇيۇنى مەيخاناڭنى ۋەيران قىلىدۇ.

قايغۇلىرىڭدىن شادلىق مەيزىپى ھازىرلا. مەشرەپلىرىڭنىڭ ھەلقىسى بىخۇد ئۆتمىسۇن.

72

سەيياھ ۋە قەقنۇستىن ئىپتىدا بولغان ئاھاڭ، داۋۇت ۋە سۇلايماندىن ئاپىرىدە بولغان مۇزىكا، قەلەمدىن قەدىم، قەغەزدىن پېشقەدەم بولغان بۇ ناۋانى سۇ توپانى، ئوت قىيامىتى ۋە ئىمامى مەھدىنىڭ ئاخىر زامانى ئاياغلاشتۇرالمايدۇ. ئۇ ئىنسان جەۋھىرىنىڭ ھايات كەۋسىرىدىن ئالغان قۇدرىتى، يۈرەك قۇشىنىڭ ئەقىل گۈل قاچىسىدىن ئىچكەن شەبنىمى.

سەن ئۇنىڭغا يېڭى گۈلىستان بېغىشلا ! ئۇ ساڭا يېڭى تۇيغۇ بېغىشلىغۇسى …

73

لالە غۇنچىلىرىغا بىتاقەت بۇلبۇل : ئەي گۈلۈم ئېچىلساڭچۇ، دېدى.

لالە غۇنچىسى گۈل بەرگىنى ئاچتى. لالىلەر بۇلبۇلنى ئورىۋېلىشتى. بىراق، بۇلبۇل خۇشال بولمىدى.

بۇلبۇل گۈل لالىرىگە قاراپ نىدا قىلدى : ماڭا كېرىكى گۈزەللىك خەزىنىسى ئەمەس، ئۇ چىرايلىقلىقنىڭ زىندانى، بېزەكلەرنىڭ قەپىسى ؛ ماڭا كېرىكى ئىشق – مۇھەببەت بولغان سىنەڭدىن ئۇرغۇپ چىقىپ، بىئارام كۆڭۈلگە ئارام بېرىدىغان بىباھا يۈكسەك سۆزلىرىڭ، دېدى.

لالىلەر قاقاقلاپ كۈلۈشتى، ئۇنىڭ خۇش پۇرىقى چېچىلدى. شەبنەم پىيالىلىرىگە مەيلەر قۇيۇلدى. ئىشق بىلەن كۈيلەنگەن يۈكسەكلىك گۈزەللىكنى ھېكمەت دۇرلىرى بىلەن شولىلاندۇرغانىدى.

بۇلبۇلنىڭ كۆڭلى ئېچىلدى گۈلزار ئاشىقى، بۇلبۇلى ئازادىگە ئايلاندى.

74

كۆزۈم گۈزەللىكنىڭ چىنلىقى ئۈچۈن شاھىت. سۆزۈم ئۇنىڭ ئىقرارنامىسى. ھاياتىم ئۇنىڭ ھىمايىچىسى بولمىغان قۇربانى.

75

سەن ھەقىقەتنىڭ خۇش پۇراق بىلەن بېشارەت بېرىدىغان ئىلاھى.

سەن ماڭا سىر، چۈنكى : سېنىڭ بەدىنىڭ ئىپار بىلەن يۇيۇلغانمىدۇ ياكى سېنىڭ ئىچكەن سۈيۈڭ ئىپار بۇلىقىنىڭ شەربىتىمىدۇ ۋە ياكى سېنى گۈزەللىكلەر ئىلاھى خۇش پۇراقلار دەرياسىغا چىلىغانمىدۇ، بۇ ماڭا يوچۇن.

مەن پەقەت سېنىڭ جىگدىلىك مەھەللىدە تۇغۇلۇپ، جىگدە چېچىكى قىسىپ ئۆسكىنىڭنىلا بىلىمەن. شاپتۇللۇق باغ مەھەللىلىرىدىن سېنىڭچە خۇشئىپار چىقمىغان.

76

تەبىئەت بىر ئۇلۇغ گارمونىيە، بىر ئۇلۇغ مۇھەببەت ماگنىتى …

تەبىئەت سۆيىدۇ ئۆز مەشۇقىنى، سۆيگۈدىن راۋاندۇر بىپايان ئالەم،

بىلىمەن يارالغان تۇرۇپ سۆيگۈدىن، شۇ سۆيگۈ تۈپەيلى گۇناھكار ئادەم.

77

مۇھەببەت يەلكىنىگە چۈشكىن، پاجىئەلە دېڭىزىغا راۋان بول.

يۈكسەكلىك تۇلپىرىغا مىنگىن، كىشىلىك دالاسىغا چاپ.

78

ئاھ، مۇھەببەت، مۇھەببەت …

سەن سېھرىگەرنىڭ نەي ساداسى ئەمەس، شەيدايىلىقنىڭ مۇناجاتى ؛ سەن ئېزىتقۇلۇق تۇمانلىرى ئەمەس، ئارزۇلۇق ئۈمىدنىڭ گۈزەل پەرىشتىسى ؛ سەن ئۆتمۈشنىڭ ھەسرىتى ئەمەس، كەلگۈسىنىڭ شولىسى.

79

ئاي يورۇقى، يېقىملىق يېرىم قاراڭغۇلۇق.

مەي تەسىرى، نازۇك يېرىم ھاياتلىق.

سەن بىلەن سەيلە قىلىپ كۆزلىرىڭگە يېنىپ – يېنىپ قارىماق،

ۋىنوسىزمۇ مەست قىلىدىغان شېرىن ئىچىملىك …

80

ھايات ئۈمىدى چوڭ گۈلخان، مۇھەببەت ئۇچقۇنى ئۇنىڭدىن تارار.

مۇھەببەت ئۇچقۇندىشى لاۋىدەك يالجىتىدۇ ئىختىيار.

بايلىق بىلەن نامراتلىق ئۇنى قىلار ئوخشاشلا بىقارار.

81

مەيلى سەرۋىي قەددىڭدە ياسا پاجىئەلىك دار، مەيلى ئۇنىڭدا مەن قالارمەن ئەيساغا ئوخشاپ ئۆمۈرۋار.

مەيلى چىمەن كۆكسۈڭنىڭ دالاسىغا تاشلانسام، مەيلى يۈسۈپتەك ماكان بولسۇن ماڭا چاھۇغار.

مەيلى بۈدۈر چاچلىرىڭ ئۇپقۇنىغا غەرق ئېتەي، چور تان بېلىق يۇنۇسقا بولغان كەبى ساھىپكار.

مەيلى ئىشقىڭ پىراقى ئوتقا سالسۇن قەقنۇستەك، بولسام لېۋىڭ ئابىدىن تىرىلمەككە ئۈمىدۋار.

82

مۇھەببەت، ئىناۋەتلىك سەزگۈ، شېرىن زوراۋانلىق …

ئۇنىڭ ئالامەتلىرىنى ھېس قىلىمەن، ئۇنىڭ ماھىيەتلىرىنى چۈشەنمەيمەن. ئۇنى چۈشىنىپ بىلىشكە ئاجىزمەن، چۈشەنمەي قۇربان بولۇشقا قۇدرەتلىكمەن. بۇنىڭ شاھىتى : ۋاپاسىزلىق ئالدىدا زارلانمىغانلىقىم …

83

ئۈمىد، ئۈمىد، ماڭا كېرىكى ئاشۇ نۇرانە ئۈمىد … ئۈمىد ئۇ نېمە ئىدى …

ئۈمىد _ قاراڭغۇ كېچىدىكى شولىلىق چىراغ.

ئۈمىد _ تەسەۋۋۇر دەرىخىدىكى رومانتىك قۇشى قونىدىغان چاڭگا.

ئۈمىد _ رېئاللىقتىن بىزار بولغان مېڭىنىڭ لىرىك ئايۋاندىكى شېرىن چۈشى.

ئۈمىد _ روھىيەت شىپاگىرىنىڭ تۇتىيا دورىسى.

ئۈمىد _ پىل جىسمىنى پەيدەك ئۇچۇرىدىغان قانات.

ئۈمىد _ يۇلتۇزلار چاچقۇلىرىنى سامادا ئارقانسىز كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ماگنىت.

ئۈمىدسىزلىك _ قىيامەت …

84

ئاي يورۇقى مەپتۇن قىلمامدۇ سېنى، دىل شاۋقۇنى مەجنۇن قىلمامدۇ سېنى.

سالقىن شامال قۇندۇز چاچلىرىمنى يۈزۈڭگە ياپقاندا، ئىللىق سۆيگۈ تەسىر قىلمامدۇ ساڭا. ئىككى سىنە، زىل – بوم تار بىر چېلىنسا ھايات زوقىن ئەسىر قىلمامدۇ ساڭا. مەن ساڭا ئوقۇغاچ مەدھىيە – ساما، يۇلتۇزلار ئويناپ ساما. بەلكىم شۇڭا ئېگىلگەندۇ يادەك ساما.

85

ئىككى يۈرەك قىسمەتنىڭ ئۇلى، ئىككى يۈرەكتىن قىسسە باشلىنىدۇ.

86

بارلىق ياخشى ئارزۇلىرىڭنى ھايات ۋاقتىدا بىجا قىلىپ، بارلىق ياخشى ھىممەتلىرىڭنى ئۇنىڭ بېشىدىراق تۈگەتكىن. ئۆزۈڭ توغرىلىق دوزاخ قاپقىسى ئالدىدا ئاقلىغۇچىلىق قىلما، جەننەت ئىشىكى ئالدىدا ھەسرەت چەكمە.

87

سەن ئەجدادىڭدىكى، ياق – ياق، پۈتۈن ئىنسانىيەتتىكى ھەممە گۈزەللىكلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ۋارىسى. سېنىڭ قەلبىڭ ئۇلارنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنىڭ ئەسلىمىسى، ئۈمىد – ئارزۇلىرىنىڭ شولىسى. سەن ئىككىنچى ئېلىنا، ياق – ياق گۈزەللىكنىڭ بىغۇبار ئۈلگىسى.

88

ۋاقىت زومىگىرى سېنىڭ ھۆسنۈڭدىكى گۈزەللىك خەزىنىسىگە چاڭ سالىدۇ. ھەسرەت زىمىستانى قۇندۇز چېچىڭغا قىراۋ تاشلايدۇ. ھەۋەس كۆزلىرى خېرىدارلىق زوقىنى بىۋاپالىق بىلەن گۇگۇمدىن تاڭغا يۆتكەيدۇ.

89

بەخت سازىنى تەڭشە.

ئىككى تارنى بىر – بىرىگە مۇجەسسەم قىلغىن.

ماسلاشمىغان تارلاردىن مەرسىيە ئاھاڭى ئاڭلىنىدۇ.

90

ۋاقىتنىڭ ئەجدىھاسىدىن غالىب چىقىش ئۈچۈن شۇنداق گۈزەللىك چوققىسىغا چىققىنكى، كەلگۈسىدە جىسمىڭ تەبىئەت قوينىغا، روھىڭ خەلق قەلبىگە كۆمۈلىدىغان بولسۇن. ئالەمدىن كەتكەن گۈزەللىكنىڭ روھىيەت مەنىسىدىلا كىشىلەرنىڭ ئەقىل كۆزىنى قاماشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمسەن ؟

91

مۇھەببەت كۆزۈمگە سېھىرگەرلىك ئەينىكىنى تاقىدى، ساڭا ئالتۇندىن ھەل يالاتتى.

92

ۋاقىت _ قۇدرەتلىك نوپۇز.

ۋاقىت _ رەھىمسىز زوراۋان. ئۇ شىر ۋە يىلپىزنى يىقىتىپ، يۇلتۇزلارنى كۆچۈرۈپ، سۇيىقەستلەرنى چىرىتىپ، سىرلارنى ئاچىدۇ. ئەسىرلەپ ياشىغان تۇتى، يۈز يىللاپ ياشىغان ھىيلىگەر تۈلكە، مىڭ يىللاپ كۆكەرگەن ئارچا ۋاقىت سەييادى ئالدىدا ئاجىز ئەسىرگە ئايلىنىدۇ. نۇھنىڭ كېمىسى، پىرئەۋىن مۇمىياسى، ساكيامۇنىنىڭ جەسەت ساندۇقى، ئىبراھىمنىڭ غارى ۋاقىت ئالدىدا زەئىپ. ۋاقىت ھاياتلىق ئورمىسىنى ئورىدىغان ئورغاق، گۈزەللىك يايلىقىدا جەۋلان قىلىپ يۈرگەن ئۆتكۈر چالغا.

ئېھ، سۆيۈملۈكۈم، گۈزىلىم. پۈتۈن كائىنات زالىدىكى بىھېساب نەقىشلەر ئارىسىدا ساڭا يېتىدىغان ئۇلۇغۋار ئەسەر يوق. سەن ئەڭ ئالىي گۈزەللىقنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئۈلگىسى. قارا، ئەنە ۋاقىت، ئۇ يۇلتۇزلار ئارىسىدا پىرقىراپ يۈرمەكتە. ئۇ مېنىڭ تىنىقلىرىم، سېنىڭ تەبەسسۇملىرىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان.

كەل سۆيۈملۈكۈم، گۈزىلىم، مېنىڭ قاناتلىرىم ئاستىغا كىرگىن. ۋاقىتنى قايغۇ – ھەسرەت، ئارزۇ – ئارمان بىلەنمۇ، ھۆسن ئالىپتىلىقى بىلەنمۇ ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمەيسەن. ئۇنى مەنىۋى گۈزەللىكنىڭ تىللاردا داستان بولىدىغان ئەسلىمىسى _ مېنىڭ شېئىرلىرىم يېڭىدۇ. ئۇ ئالەم سىرلىرى بىلەن تويۇنغان، ئالەم ئەقلى بىلەن نۇرلانغان، ئۆلمەسلىك ئالمىسى بىلەن ئۆزىنى زىننەتلىگەن، ئۇ ياۋا گىياھ ئۇرۇقىدەك ھەمىشە تۆكۈلۈپ ۋە قايتا كۆكىرىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆلمەسلىك جادۇسى بىلەن سېھىرلەنگەن. ئۇنىڭغا قۇدرەت بېغىشلىغان نەرسە، جىمىكى زىۋىسلارنىڭ زىۋىسى بولغان ئىنسانىيەت.

93

مېنىڭ يۈرىكىم مۇھەببەت توپىسى بىلەن قاتۇرۇلۇپ، ئىشق ئوتىدا پىشۇرۇلغان پىرامىدا.

ئۇنى نىل ياقىسىدىن ئىزدىمىگىن، ئۇ مىسرالار دالاسىدىكى جەزىرىگە كۆمۈلگەن.

ئۇ يەردە ۋاقىت توزانلىرى بىلەن ئىقلىمنىڭ جۇدۇنلىرى يوق.

94

كۆزۈمنىڭ رەسىم رامكىسىدا سېنىڭ سۈرىتىڭ.

قەلبىمنىڭ شېئىرىيەت دىۋانىدا سېنىڭ روھىڭ.

95

سېنى سۆيىمەن، بىلىپ – بىلمەي سېنى سۆيىمەن.

سېنى ياخشى كۆرۈشۈم بەخت ئەمەس، ئۇ ئازابنىڭ بېشارىتى. بەخت، مېنىڭ بەختىم مېنىڭ سېنى سۆيۈشۈمدە ئەمەس، سېنىڭ مېنى سۆيۈشۈڭدىلا.

سېنى سۆيىمەن، بىلىپ – بىلمەي سېنى سۆيىمەن. مەشۇقسىز ئاشىقنىڭ مۇھەببىتى قىسمەتنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ياكى شۈبھىلىك ئامانەت. ئۇ تەڭرىسىز ئىستىقامەتنىڭ ئەجىرسىز ئېتىقاد بولغىنىغا ئوخشاش بەختسىز بىچارىلىك. مېنىڭ ئىزدەيدىغىنىم : كۆڭلەكلىرى باغنىڭ چىتلىرىدا يىرتىلغان، تەنلىرى تىكەندە قانىغان، قىسمىتى غەزەل بولغان يۈرەكنىڭ بەختى _ ئەجىرلىك مەمنۇنىيىتى …

96

مەشۇقى قولىدىكى خام چۈچۈك ئالمىنىڭ باققال ئالمىلىرىدىن لەززەتلىك بولغان تەمىدىن مۇھەببەتنىڭ بەختىنى سەزدىڭمۇ.

ئالما دۇنياسىغا غەرق بولۇپ، ئالما يەپ ياشايدىغان قۇرتنى بەختلىك دەپ بىلەمسەن.

97

كاككۇك _ ئەرك سېيماسى، قونۇپ ئۆتكىن ھەر بىر موھتاج چىمەنگە.

ئەركىن پىكىر _ ھەقىقەتنىڭ يالىڭاچ پەرزەنتى. ئۇ ئاپۇللونىڭ ئوت ھارۋىسى ياكى پۇساڭ دەرىخىدىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش قۇشى بىلەن بىللە يەر – زېمىن، دېڭىز – ئوكيانلارنى كېزىدۇ. ئۇنىڭ قايغۇلىرى ئىنسانىيەتنىڭ دەرسلىكى. ئۇنىڭسىز گۈزەللىك ئۆزىنىڭ مېڭىسىنىمۇ، قەلبىنىمۇ يوقاتقان ھەيكەلگە ئايلىنىدۇ.

98

ئەركىنلىك قۇشى كرېست دارىغا قونۇپ ئۆتىدۇ. ئۇنى ياكى كەمسىتىپ چىرىتىدۇ، ياكى ئۇنى ئەتىۋارلاپ مەشئەل دەستىسى قىلىدۇ.

99

ئەي گۈلزار ئاشىقى بۇلبۇل، دېدى كاككۇك. ئۇ يەنە نېمىلەرنى دېگەنلىكى ئېسىمدە يوق. خىيالىمغا ئۇنىڭ يەنە مۇنداق دېگەنلىكى مەلۇم بولدى : سەن گۈللەر گۈزەللىكى ھەققىدە شائىرانە قەسىدە، سازەندىلەردەك مۇڭلۇق كۈي بىلەن سايرىدىڭ. ئەمما، مېنى تەئەججۈپ قىلغىنى، سېنىڭ لالە پىيالىسىدىكى شەبنەم شارابىنى ئىچىپ، لەرزان مەستخۇشلۇق بىلەن مۇناجات ئوقۇشتىن يىراقلىشالمىغانلىقىڭ بولدى. قارا، قاناتلىقلارنىڭ ئەڭ كىچىكى، سېنىڭدىن مىڭ ھەسسە زەئىپ بولغان قەيسەر پەرۋانىنىڭ جاسارىتىگە ! سەن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئوتقا تاشلىغانلىقىدىن تەسىرلەنمەمسەن. ئۇ قەقنۇسنىڭ مۇرىتى، سەمەندەرنىڭ ئوقۇغۇچىسى.

ۋاھ، پەرۋانە. سەن چىراغ مەشئىلىگە مەپتۇنلۇق ھېكايەڭنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن يېزىپ كېلىۋاتىسەن. سېنىڭ تىلىڭ يوق. شۇنداقتىمۇ سەن نەزمىسىز داستان، ئاھاڭسىز سېمپونىيە. سېنىڭ قىسقىغىنا ھاياتىڭ تارىخسىز قەھرىماننىڭ شەجەرنامىسى. سەن ھايات تۇترۇقلىرى بىلەن پارلاپ تۇرغان ھاياتلىق مەشئىلى ؛ زەردۇشت راھىبلىرىنىڭ ئاخرۇمازدىغا بولغان شەيدالىقى سېنىڭ ئالدىڭدا تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ.

100

كاككۇك داۋاملىق سايرىدى. ئۇنىڭ قۇسقان نەزم قانلىرى ساقاللىرى كامپۇردەك ئاقارغان، كۆزلىرى چوڭقۇر دېڭىزدەك ئەقىل بىلەن تولغان ھېكىمنى سەۋدايى ھالىتىگە كەلتۈرگەنىدى.

سەۋدايى كاككۇك دېگەن تەئەججۈپلۈك سۆزلەرنى تەئەججۈپلىنىپ ئولتۇرماستىنلا تەكرارلاپ، مېنىڭ قەلبىمدە بارلىق زورلۇقلارنىڭ شاھىنشاھى بولغان ۋاقىت قۇدرىتىنى يېڭىدىغان كىچىككىنە قەھرىماننىڭ مەيخانىسى تۇرۇپتۇ. بۇ ھاپىزنىڭ خانىقاسى، تەرسانىڭ ئىھرامى ئەمەس. بۇ پەرۋانىدەك قەيسەر ۋە پەرۋانە ئۇۋىسىدەك كىچىككىنە يۈرەك. ئۇنىڭ رىتىمىدا جەننەت ھەۋىسى بىلەن دوزاخ ئەندىشىسى يوق. ئۇنىڭ ھاكىمى مۇھەببەت ۋە شېئىرىيەت ئىلاھىدىن ئىبارەت.

سەۋدايى ھېكىم قاقاقلاپ كۈلدى : ئۇنىڭغا قارشى ئېتىلغان ھەر بىر ساداق ئىنسانىيەتنى نادانلىق غارىدىكى پاسىق قاراڭغۇلۇققا، رەھىمسىزلىك دەشتىدىكى دەھشەتلىك قان توپانىغا گىرىپتار قىلىش ئىستىكىدە ئاسمان قەرىدىكى مۇبارەك ئاي بىلەن قۇياشقا تاش ئاتقاندەك ئېغىر گۇناھ ۋە بىھۇدە ئاۋارىچىلىك …

كاككۇك قاناتلىرىنى رۇسلىدى. سەۋدايى ھېكىم ئۇنى قەپەستىن قويۇۋېتىپ دۇئا قىلدى. كاككۇك قاناتلىقلارنىڭ ئەڭ قەيسىرى بولغان پەرۋانە ئالدىغا زىيارەتكە كەتتى.

يۇلتۇزلار چاقنىدى، گۈللەر تەبەسسۇم قىلدى.

ئۇلار مېنى گۇناھسىز دېيىشتى.