كالتەك تارتىشىش ئويۇنى

كالتەك تارتىشىش - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، رىقابەتچىلىكى كۈچلۈك، چېنىقىشچانلىقى يۇقىرى، قىزىقارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇن شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدا كەڭ تارقالغان ۋە ئومۇملاشقان بولۇپ، ئىككى كىشى ياكى ئىككى تەرەپ قارىمۇ قارشى بولۇپ مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ ئويۇننىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ، مەيدان تاللانمايدۇ. ھەتتا ئېتىزلاردا ئىشلەپ دەم ئالغاندا كەتمەننى كالتەك قىلىپمۇ مۇسابىقىلىشىشكە بولىدۇ. مۇسابىقىلىشىش ئۇسۇلى: مۇسابىقىلەشكۈچى ئىككى تەرەپ پۇتلىرىنىڭ تۈز سۇنۇپ، تاپانلىرىنى بىر - بىرىنىڭ تاپانلىرىغا تىرەپ قارىمۇ قارشى ئولتۇرىدۇ. ئۇزنلۇقى 70 - 80 سانتىمېتىردەك، توملۇقى كەتمەن سېپىدەك كالتەكنىڭ ئىككى بېشىدىن ئازراقتىن قالدۇرۇپ، ئىككى قولى بىلەن تۇتىشىدۇ. بىردىن ئىككىگىچە كىشى رېپىرلىق قىلىدۇ. رېپىر مۇسابىقە باشلاش ئىشارىسى بەرگەن ھامان ئىككى تەرەپ كالتەكنى كۈچەپ ئۆز تەرىپىگە تارتىشىدۇ. تارتىشىش جەريانىدا، قايسى تەرەپ ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتسە ياكى كالتەك قولىدىن چىقىپ كەتسە يېڭىلگەن ھېسابلىنىدۇ. رېپىر مۇسابىقە باشلاش كوماندىسى بەرمەستىن بۇرۇن تارتىشىشنى باشلىسا نەتىجە ئىناۋەتكە ئېلىنمايدۇ. ئەگەر بۇ پائالىيەتتە مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى كۆپ بولسا، ئۇدا ئۈچ مەيدان ئۇتقان كىشى مۇسابىقىدە يەڭگەن ھېسابلىنىپ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئەگەر ئىككى تەرەپ بولۇپ كوللېكتىپ مۇسابىقىلەشمەكچى بولسا يەنىلا ئىككى - ئىككىدىن مۇسابقىلەشتۈرۈپ، ئۇتقان كىشىگە نومۇر بېرىپ، ئاخىرىدا قايسى تەرەپنىڭ ئېرىشكەن نومۇرى كۆپ بولسا شۇ تەرەپ يەڭگەن بولىدۇ."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش