كاۋاۋىچىن يەل ھەيدەش، يەل تارقىتىش، قورۇش، تۇتۇش، چىڭىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش ھەزىمنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بىر خىل مۇچ تىپىدىكى ئۆسۈملۈك.

كاۋاۋىچىن مېۋىسى
ئۇيغۇرچە نامى كاۋاۋىچىن
ئەرەبچە نامى فاغىيرە
ئىنگلىزچە peppertree prickly ashpeel
تەمى تەمى ئاچچىق، پۇرىقى كۈچلۈك
خەنزۇچە ئاتىلىشى Hua jiao 花椒
پارسچە نامى كىباب چينى
ئوردۇچە نامى كىباب چينى
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسىق

ھەققىدە

تەھرىرلەش

كاۋاچىچىن ئۆسۈملۈكىنىڭ مېۋىسىنىڭ پوستى، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى «كابابە خەندان» «كاۋاۋى چىنى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئائىلىسى

تەھرىرلەش

سوزاپ ئائىلىسىدىكى كىچىك ياغاچ غۇللۇق كاۋاچىچىن ئۆسۈملۈك.

چىقىش ئورنى

تەھرىرلەش

ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەم ھىندىستان، ياۋرۇپا قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

مېۋىسىنىڭ كۆپىنچىسى يەككە ئۆسكەن بولۇپ، تېشى بىنەپشە رەڭدە، كۆپ ساندا تارقاق سۆگەلسىمان كۆتۈرلۈپ چىققان ماي نۇقتىلىرى بار.

دورىلىق ئورنى

تەھرىرلەش

مېۋىسىنىڭ پوستى.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

تەھرىرلەش

كەبابى خەنداننىڭ تەركىبىدە %1~%9 ئۇچۇچان ماي بار. مېيىنىڭ ئاساسى تەركىبى لىمۇننىن  (Limonene) كونىكالىكوھول

(cunicalcohoc) گىرانىئول(Graniol) دىن ئىبارەت.

كېسەللىك مىسالى

تەھرىرلەش

چىش ئاغرىقى، ئېغىز پۇراش، ھەزىم ناچارلىشىش، يۈرەك، مېڭە ئاجىزلىقى، ئاشقازان جىگەر كېسەللىكلىرى ئىستىرخا سوغۇق يەل كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

خۇسۇسىيەتلىرى

تەھرىرلەش

ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىش، چاچنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازان جىگەرنى قۇۋۋەتلەش يەل ھەيدەش، يەل تارقىتىش، قورۇش، تۇتۇش، چىڭىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش ھەزىمنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

تەھرىرلەش

ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش.

ئورۇنباسارى

تەھرىرلەش

ئاقىر قەرھا، كابابە

ئەكىس تەسىرى

تەھرىرلەش

دوۋساققا زىيانلىق، يانپاش ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

تەھرىرلەش

نىلۇپەر، مەستىكى، سەندەل، قىزىلگۈل

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

تەھرىرلەش

زەرۇرى قىلائى

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

تەھرىرلەش

گىرانسولنىڭ كىچىك دورىسى چوڭ چاشقاننىڭ ئۆزلىگىدىن ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى تورمۇزلايدۇ. چوڭ مىقدار دىكىسى ئۈچەي ھەرىكىتىنى تورمۇزلايدۇ. ئۆلتۈرۈش مىقدارىغا بارغاندا ئىچىنى سۈرىدۇ. ئاز مىقداردا ئىچكۈزسە چوڭ چاشقان يەڭگىل دەرىجىدە سىيىدۇ. كۆپ مىقداردا ئىچكۈزسە سۈيدۈك تورمۇزلىنىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

تەھرىرلەش

1.موزا 3 گرام، كاۋاۋىچىن 2 گرام ئىلىپ، سوقۇپ سۇپۇپ تەييارلاپ چىش ئاغرىقىغا زىماد قىلسا چىش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.

2.كاۋاۋىچىننى قايناقسۇغا چىلاپ، سۈزۈپ سۈيىدە غەر-غەر قىلسا ئېغىز پۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .

3.كاۋاۋىچىن كۇندۇر، مەستكى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ، سۇپۇپ تەييارلاپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە ئاشقازان يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

مىقدارى

تەھرىرلەش

2~3 گىرامغىچە

يىغىش ۋە ساقلاش ئۇسۇلى

تەھرىرلەش

مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋىلىنىپ، قورغاق جايدا ساقلىنىدۇ.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش