كروران قەدىمىي قەلئەسىنىڭ تېپىلىشى

كروران قەدىمىي قەلئەسىنىڭ تېپىلىشى ( 1901 - يىل )

كروران _ قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەر ، شۇنداقلا قەدىمكى جۇڭگو ، ھىندىستان ، يۇنان ، پارس مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەشكەن جاي . 1901 - يىلى شۋېتسىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى سىۋېن . ھىدىن كروران قەدىمىي شەھىرى خارابىسىگە كىرىپ ، نۇرغۇن تاش قوراللار ، ياغاچ ئەسۋابلار ، فار - فور قاچىلار ، مىس قوراللار ، يىپەك توقۇلما بۇيۇملار ، خەنزۇ يىلنامىسى ۋە قەغەزگە يېزىلغان خەنزۇچە پۈتۈكلەرنى قېزىپ چىققان . شۇنىڭ بىلەن 1600 يىل كۆمۈلۈپ قالغان كروران قەدىمكى قەلئەسى يېڭىباشتىن يورۇقلۇققا چىققان ، بۇ بايقاش دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى .