كوموئې دۆلەت باغچىسى

ئافرىقىدىكى كوتې دې ئىۋوئىر(بۇرۇنقى پىل چىشى قىرغىقى) جۇمھۇرىيىتىدىكى 1ئەڭ چوڭ تەبىئىي قوغداش رايونى، دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كوموئې 1دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان.

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش تەھرىرلەش

ئافرىقىدىكى كوتې دې ئىۋوئىر(بۇرۇنقى پىل چىشى قىرغىقى) جۇمھۇرىيىتىدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي قوغداش رايونى، دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كوموئې دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان. مەيدانى 950 مىڭ گېكتار كېلىدۇ. باغچىنىڭ سىرتىدىكى ۋانگو-فىتىنى بىلەن تېخنىلار ئوۋ قىلىش مەركەزلىرى ھېسابلىنىدۇ، كوموئې باغچىسىنىڭ ئىقلىمى تروپىك ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا خاس بولغانلىقتىن، ئېگىز ئوت-چۆلۈكلەر بىلەن قاپلانغان، بۇ جايدا مايمۇن، بۆكەن، ياۋا كالا، پىل، شىر ۋە ياۋا چوشقا قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ناھايىتى كۆپ .