كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك دۆلەت ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا ئاشكارا نەشىر قىلىنىدىغان، كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئائىت بىردىنبىر ژۇرنال «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە. ژۇرنال نەشىر قىلىنغاندىن تاكى ھازىرغىچە نۇرغۇن ئىلمىي بىلىملەر ۋە تېخنىكىلارنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ، ئۆزىگە يارىشا مۇۋەپپەقىيەت ۋە ياخشى ئۈنۈم ياراتتى.

لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ساقلانغان مەسىلىلەرمۇ خېلى بار. تەھرىراتىمىزدىكى ئادەم كۈچى يېتىشمەسلىك ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ژۇرنالغا بەك ياخشى قاراپ كېتەلمىدۇق. كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇپمۇ كېتەلمىدۇق. شۇ سەۋەبلىك ژۇرنال ئوقۇرمەنلىرىدە ژۇرنالغا قارىتا ئۈمىدسىز كەيپىيات شەكىللىنىشكە باشلىدى. . .

2011-يىلى ئىلىم-پەن ساھەسى يېڭىلىققا تولغان، يېڭى تېخنىكىلار مەيدانغا كېلىدىغان بىر يىل بولىدۇ. ئەلۋەتتە تەرەققىيات ۋە يېڭىلىقلار ئارىسىدا كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئەنە شۇ تەخىرسىز رېئاللىققا قارىتا، تەھرىراتىمىز ئادەم كۈچى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك سېلىنمىلارنى كۆپەيتتى. «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 2011-يىلى ئۆزگىچە سىياقتا، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش يولى بىلەن خەلق ئاممىسىغا قايتىدىن يۈزلىنىدۇ.

ژۇرنالنىڭ بۇندىن كېيىنكى نىشانى:

دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى بىردىنبىر كەسپىي كومپيۇتېر ژۇرنىلى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كومپيۇتېر، ئۇچۇر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى خەۋەر، تېخنىكا، مۇلاھىزە ۋە تەجرىبە-يەكۈنلەرنى تارقىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كومپيۇتېر، ئۇچۇر تېخنىكىسىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تېخىمۇ پايدىلىق، تېخىمۇ يېڭى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر سان ژۇرنالنىڭ ئۆز ۋاقتىدا نەشىر قىلىنىپ، كىتابخانلارنىڭ قولىغا تېز يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ژۇرنالنىڭ ئىلگىرىكى ئەسەر قوبۇل قىلىش، تارقىتىش ئەندىزىسى ئۆزگەرتىلىپ، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش، توردا ئەسەر قوبۇل قىلىش، تەكلىپ-پىكىر قوبۇل قىلىش، مۇشتەرى قوبۇل قىلىش، توردا ژۇرنال تارقىتىش قاتارلىق يوللار بىلەن بىلەن ژۇرنالنىڭ نوپۇزى كۆتۈرۈلىدۇ، تارقىتىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ.


ئەسەر ئەۋەتىڭ

ئىجادىي، تەرجىمە ئەسەرلەرنى ئەۋەتىڭ، بىلمىگەنلەر بىلسۇن. سوئال سوراڭ، بىلگەنلەر جاۋاب بەرسۇن.

1. «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدا تەسىس قىلىنغان سەھىپىلەر:

قانۇن-نىزاملار

IT خەۋەر-ئۇچۇرلىرى

IT شەخسلىرى

كومپيۇتېر ۋە كەسىپ

قاتتىق دېتال مۇنبىرى

يۇمشاق دېتال، تور بىلىملىرى

تور سودىسى

سوئال-جاۋابلار

IT ئوبزور، ماقالىلىرى

ئەقلىي يانفون

2. ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر ئۇنۋان باھالاشتا ئېتىراپقا ئېرىشىدۇ.

3. ژۇرنىلىمىزغا ئەسەر ئەۋەتكەندە، ئەسەرگە كېرەكلىك رەسىم ۋە باشقا ئوبيېكتلارنى بىللە ئەۋەتىشىڭىز تەلەپ قىلىنىدۇ.

4. ئەسەرلەرنىڭ تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچى، سان-سىفىرلىرى، ئاتالغۇلىرى، ئىملا توغرا بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

5. تەرجىمە ئەسەر بولسا، ئەسلى ئەسەر (تور ئادرېسى بولسىمۇ بولىدۇ) بىللە ئەۋەتىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

6. ئەسەرلەرگە مۇۋاپىق ئۆلچەمدە قەلەم ھەققى تارقىتىلىدۇ، شۇڭا ئەسلى ئىسىم-فامىلىڭىز، ئادرېسىڭىز، ئىش ئورنىڭىز، ئوقۇۋاتقان مەكتىپىڭىز، ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىڭىز تەمىنلىنىشى كېرەك.

7. ماقالە قوبۇل قىلىش ئېلخەت ئادرېسى: ug. pclife@live. cn


مۇشتەرى بولۇڭ

ژۇرنىلىمىز ھەر ئىككى ئايدا بىر سان، يىلدا ئالتە سان نەشىر قىلىنىدۇ. پارچە باھاسى 5. 00 يۈەن، يىللىق باھاسى 30. 00 يۈەن.

پوچتا ۋاكالەت نومۇرى: 58-44

جايلاردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدىن، شەخسىي كىتابخانىلاردىن سېتىۋېلىشقا بولىدۇ.


قېنى كېلىڭ، ھەممىمىز بىرلىكتە «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋالايلى!


ھۆرمەت بىلەن: «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى

2011-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى