كىرپىنىڭ تېنى سېمىز، پاكار، كۆزى كىچىك، تۈكى قىسقا، پۈتۈن بەدىنىنى ئۇچلۇق تىكەنلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. دۈشمەنلىرىگە يولۇققاندا تۈگۈلۈپ توپ شەكلىگە كىرۋېلىپ، تىكىنىنى سىرىتقا قارىتىپ ئۆزىنى قوغدايدۇ. لېكىن، ئەمدىلا تۇغۇلغان كىرپىنىڭ تىكىنى بولمايدۇ، كۆزىمۇ كۆرمەيدۇ.

كىرپىچاق يايلىماقتا
كىرپە سىزما سۈرئىتى

قىسقىچە ئۇچۇرى تەھرىرلەش

ئۇيغۇرچە نامى :كىرپە

ئېنگلىزچە ئاتىلىشى: Hedgehog

خەنزۇچە ئاتىلىشى :刺猬

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :كىرپە تۈركۈمى

ئائىلىسى :كىرپە ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :كىرپە ئۇرۇقدىشى

لاتىنچە نامى :Erinaceinae

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

كەنجى ئائىلىسى :كىرپە كەنجى ئائىلىسى

قوغداش دەرىجىسى :دۆلەتلىك 3 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان

ھەققىدە تەھرىرلەش

كىرپە، كىرپە كەنجى ئائىلىسى، كىرپىسىمان ئەترىتى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، جەمئىي بەش ئۇرۇقدىشى بار، بۇنىڭ ئىچىدە كىرپە ئۇرۇقدىشىدىكى كىرپىنىڭ تارقىلىشى ئەڭ كەڭ، ياۋروپا، ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، جۇڭگونىڭ شىمالى ۋە چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىغا ناھايىتى كەڭ تارقالغان. كىرپىنىڭ بەدىنى پاكار، تىرنىقى ئۆتكۈر، كۆزى كىچىك، تۈكلىرى قىسقا، پۈتۈن تېنى قىسقا ھەم قويۇق تىكەنلىك، كىرپە كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، ھاشارات ۋە ئىچكى پارازىتنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ.

دۈشمەنلىرىگە يولۇققاندا تۈگۈلۈپ توپ شەكلىگە كىرۋېلىپ، تىكىنىنى سىرىتقا قارىتىپ ئۆزىنى قوغدايدۇ.

سىرتقى شەكلى تەھرىرلەش

كىرپە بىر خىل تەن ئۇزۇنلۇقى ئاران 52 سانتىمېتىردىن ئاشمايدىغان كىچىك تىپتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەن كىرپە ئېغىرلىقى 2.5 كىلوگرام. دۈمبىسى ۋە بىقىنلىرىنى تىكەن، باش، قۇيرۇقى ۋە قوسىقىنى تۈك قاپلىغان؛ ئاغزى بەك چوڭ، ھەم ئۇزۇن، قۇلىقى كىچىك، پۇت - قوللىرى قىسقا، قۇيرۇقى كالتە؛ ئالدى - ئارقا پۇتنىڭ ھەممىسىدە بەشتىن بارمىقى بار، تاپانى بولىدۇ، ئاز ساندىكى تۈرلىرىنىڭ ئالدى پۇتىدا تۆت بارمىقى بار؛ تۈگۈلۈپ توپ قىلغاندا بېشى ۋە تۆت پۇتىنىڭ ھەممىسى كۆرۈنمەيدۇ. چىشى 36~44 دانە، ھەممىسى ئۆتكۈر ئۇچلۇق چىشلىق؛

ياشاش خۇسۇسىيىتى تەھرىرلەش

كىرپە غەيرى تېمپىراتۇرىلىق ھايۋانلار، ئۇلار مۇقىم ھالدا ئۆزىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشىيەلمەيدۇ، كىرپە قىشتا قىشلىق ئۈچەككە كىرىدۇ.

كىرپە، ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقا قاتارلىق « كونا قۇرۇقلۇق » لارغا كەڭ تارقالغان، ھەمدە يېڭى زىلاندىيەدىن سۈنئىي كىرگۈزۈلگەن، بۇ ھايۋانلارنىڭ كىرپە كۈشەندىسى يوق بولغاچقا بارا-بارا ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ بىر خىل ئاپەت بولۇپ قالدى.

بېيجىڭ شەھىرى، خېيلۇڭجياڭدىن بايقالغان كىرپە 136 خىلىدىن ئارتۇق بايقالغان، ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان بولۇپ قالدى.