كىيىنكى زامانىۋىلىق

زامانىۋىلىق(modern, modernity,现代性,现代化) ۋە كىيىنكى زامانىۋىلىق(post modernism,后现代) دىگەندەك ئوقۇملار كۈندىلىك ھاياتىمىزدا ناھايتى كۆپ ئۇچرايدىغان، ئەمما ئىنىقلىما بەرمەك تەس ئۇقۇملارنىڭ بىرى. بىزدە بەزىلەر ئۈچۈن زامانىۋىلىق دىمەك ئەنئەنىنى پۈتۈن رەت قىلىش بىلەن باراۋەر. ئاددى كىشىلەر ھەمىشە زامانىۋىلىققا ئەھمىيەت بىرىپ، ئەنئەنىدىن قاچىدۇ. زامانىۋىلىقنى بىردىنبىر ياخشى ۋە ئىسىل نەرسە سۈپىتىدە كۈرىدۇ. ۋەھالەنكى زامانىۋىلىق 60~70يىللار ئىلگىرى ئىلىم ساھەسىدە ۋە غەرپتە مودا بولغىنىدەك كىيىنكى زامانىۋىلىقمۇ بۇنىڭدىن 20~50يىللار ئىلگىرى قاتتىق داڭقى چىققان ئىبارىلەردىن بىرى. بۇ يەردە كىيىنكى زامانىۋىلىق ئۇقۇمىنى ناھايتى ئاددى تىل بىلەن بايان قىلىمەن.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا كىيىنكى زامانىۋىلىق مۇنداق ئۈچ خىل مەنىگە ئىگە:

  1. كىيىنكى زامانىۋىلىقنى بىر خىل جەمئىيەت باسقۇچى ياكى زامانىۋىلىقنىڭ كىيىنكى قىسمى دەپ چۈشىنىش. بۇ خىل قاراشقا ئاساسلانغاندا زامانىۋىلىق دىگىنىمىز سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىش، ئىدارىلىشىش، ئەقلىيلىشىش… دىمەكتىن ئىبارەت. كىيىنكى زامانىۋىلىق بولسا ئۇچۇرلىشىش ۋە مۇلازىمەتنى ئاساس قىلغان باشقا بىر جەمئىيەت باسقۇچىغا ئۆتۈش جەريانىدىن ئىبارەت. يەنى كىيىنكى زامانىۋىلىق زامانىۋىلىقنىڭ تەرەققى قىلغان ياكى ئىلغارلاشقان شەكلى. ئەمما بۇ خىل قاراش كىشىلەرگە پۈتۈنلەي يىڭىچە بىر خىل ئىدىيە ۋە ئۈمىد ئاتا قىلسىمۇ، كىيىنكى زامانىۋى جەمئىيەتتە زامانىۋىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان بارلىق ناچار تەرەپلەر تۈگەپ كىتىدىغاندەك تۇيغۇ بەرسىمۇ، ئەمما پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا جەمئىيەتشۇناسلار، سىياسەتشۇناس ۋە ئىقتىسادشۇناسلار كۆزلىگەندەك ئۇنداق پاكىزدە، ئىلغارلاشقان، ئادىمىيلىكنى ئاساس قىلىدىغان، كۆپ خىلىققا ئىتىبار بىرىدىغان، ئەركىنلىك ھۈكۈم سۈرگەن جەمئىيەتنىڭ يىتىپ كىلىشى بىر خىل ئوتۇپىيە بولۇپ قالماقتا. بۇ نوقتىنى دۇنيا خەۋەرلىرىدىن ئازراق خەۋىرى بار كىشىلا ئوڭاي چۈشىنەلەيدۇ.
  2. كىيىنكى زامانىۋىلىقنىڭ يەنە بىر مەنىسى ئىلىم ساھەسىدىن كىلىدۇ. ئىلىم ساھەسىدىكى كىشىلەر نوقۇل تارىخى ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىپ يەكۈن چىقىرىشتەك ئومۇملاشقان تەتقىقات ئۇسۇلىنىڭ ئورنىغا جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ خاراكتىرى ۋە خاسلىقىنى تەھلىل قىلىشنى ئۈزىنڭ مەقسىتى قىلغان. بۇ خىل پىكىر ئېقىمىدىكىلەر پەن تېخنىكىنىڭ كىشىلەرنىڭ دۇنيانى بىلىشىدىكى ۋە ئۆزگەرتىشىدىكى رۇلىغا گۇمان بىلەن قارايدۇ. ئۇلارغا نىسپەتەن ئېيتقاندا بىز قەدىرلەۋاتقان بىلىم ۋە بىز بىلگەن ئۇچۇر ۋە تېخنىكىلار ئۇنچىلا ساپ ۋە پاكىزە نەرسە ئەمەس. ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ھەققىدە ھاسىل قىلغان بىلىمى ھەممىسى مەلۇم بىر ھۈكۈمران سىنىپ ياكى ئىدىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان نەرسە… بۇ خىل قاراشتىكىلەر يەنە مۇكەممەللىككە قارشى تۇرىدۇ. پەننىڭ ئىنسانىيەتكە بەخت ئېلىپ كىلىشىگە ئىشەنمەيدۇ. ھەممىگە باپ كىلىدىغان نەزىرىيەنى رەت قىلىدۇ، كۆپ خىللىقنى تەرغىپ قىلىدۇ….
  3. سەنئەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى يىڭىچە تەپەككۇر كىيىنكى زامانىۋىلىقنىڭ ئۈچىنجى مەنىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. سەنئەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى كىيىنكى زامانىۋىلىق زامانىۋىلىق ياراتقان سەنئەت ۋە مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ پۈچەك، شالغۇت، كۈچۈرمە ۋە شالغۇتلاشقان بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىدۇ. كىيىنكى زامانىۋىلىق سەنئەتكارلىرى سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ساپ، ھەقىقىي تەپەككۇرنىڭ نەتىجىسى بۇلۇشىنى، پايدا-مەنپەئەت مەقسىتى بولماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. كىيىنكى زامانىۋىلىق سەنئەتكارلىرى تۈرلەرنىڭ كۆپ خىللىقىغا ۋە ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ ئەپسانىۋى شەكلىگە ناھايتى ئەھمىيەت بەرگەن. مەسىلەن، بىناكارلارغا نىسپەتەن ئېيتقاندا شەھەرلەردىكى بىنالارنىڭ ھەممىسىنىڭ يالتىراق شەكىلدە بىر خىل قېلىپتا قۇيغاندەك بۇلىشى ياكى پۈتۈنلەي زامانىۋىلىقنى تەرغىپ قىلىپ، قۇرۇلۇش ئۇسلوبىنى بىر خىل قىلىۋېتىش بىر خىل دۆتلۈك. كىيىنكى زامانىۋىلىققا نىسپەتەن ئىنساننىڭ نورمال تەپەككۇرى ھەقىقىي سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتالمايدۇ. سەنئەت ۋە مەدەنىيەتتە بەك ئەقلىيلىشىپ كىتىش سەنئەتنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇشتىن ئىبارەت….