كىچىك مېرەن قەبرىستانلىقى

مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس

ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ.

'">


كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىنىڭ ئورنى

كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى چاقىلىق ناھىيىسىگە تەۋە ئارغان رايونىغا جايلاشقان ، كۆنچى دەرياسىنىڭ قۇمكۆل بىلەن ياقىنلىق كۆل ئارىسىدىن غەربىي جەنۇبقا يەنى ئارغان تەرەپكە ئاققان بىر ئېقىنى بويىغا جايلاشقان. كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى بىلەن كۆنچى دەرياسىنىڭ ئارىلىقى 60 نەچچە كىلومېتىر بولۇپ دەريانىڭ غەربىي شىمالىدا . كروران شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 175 كىلومېتىر ، ئارغاننىڭ 36كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىدا ، كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى بىلەن كىچىك مىرەن ئېقىنىنىڭ ئارىلىقى تۆت كىلومېتىر.

2. كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىنىڭ بايقىلىش ، قېزىلىش جەريانى

كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىنى بايقىغۇچى ، ئۆردەك ( ئەسلىدە چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ئابدال دېگەن يۇرتتا تۇغۇلۇپ ، كېيىن يېڭىسۇغا كۆچۈپ بارغان ، كېيىن بىر مەزگىل چارادا تۇرغان) 1901 – يىلى شۋېتسىيلىك ئېكسپېدىتسىيىچى ، دوكتور سېۋىن ھېدىننى قەشقەردىن ۋەتىنىگە يولغا سېلىپ قويۇپ قايتىپ كېلىپ ، بوش ۋاقىتلىرىدا قۇم باياۋانلارنى كېزىپ قەدىمكى ئىزنالارنى ئىزلەيدىغان بولغان . 1915- يىلىدىن بۇرۇن ، تەخمىنەن 1910- ~ 1911 – يىللىرىدىكى بىر قېتىملىق قۇملۇق سەپىرىدە ، بۈگۈنكى كۈندە «5 – نومۇرلۇق قەبرىستانلىق» ، «كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى» دەپ ئاتىلىۋاتقان قەبرىستانلىقنى بايقىغان. ئۆردەك بۇ خارابىنى بايقىغاندىن كېيىن ، داۋاملىق يېڭىسۇ ۋە چارا ئەتراپلىرىدا ھايات كەچۈرگەن . ئۇ ئېكسپېدىتسىيىچىلەر دا'ئىم بارىدىغان چاقىلىق بوستانلىقىدىن يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن ، ستەيىن قاتارلىق بەزى ئېكسپېدىتسىيىچىلەرنى باشلاپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن . ئەمما، ستەيىن 1934 – يىلىدىكى چاقىلىقتىن كورلىغا ماڭغان سەپىرىدە ئۆردەك بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆتكەن . ئۇنداقتا بۇ قەبرىستانلىق قانداق بولۇپ جاھانغا ئاشكارا بولدى؟ 1928 – يىلى جۇڭگو بىلەن شۋېتسىيە بىرلىكتە غەربىي شىمالنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى تەشكىللىگەن، بۇ گۇرۇپپا شۇندىن باشلاپ 1934 – يىلىغىچە ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدا ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 1928 – يىلى تۇرپانغا كەلگەن سېۋىن ھېدىن كىشىلەردىن تارىم دەرياسىنىڭ ئېقىن ئۆزگەرتىپ ، كروران شەھىرى خارابىسىغا يېقىن بولغان لوپ كۆلىگە قويۇلۇپ ، ئۇنىڭ «كۆچمەن كۆل» نەزەرىيىسىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى ، شۇنداقلا 1905 – يىلى ئوتتۇرىغا قويغان يېقىن كەلگۈسىدە تارىم دەرياسى ئېقىن ئۆزگەرتىپ لوپ كۆلىگە قويۇلىدۇ ، دېگەن قارىشىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى بىلگەن . سېۋىن ھېدىن بۇ ئۆزگىرىشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن، 1934 – يىلى 4 – ئايدا كورلىدىن يولغا چىققان ھەمدە چارا ئەتراپىدا ئوغلى سادىقنى باشلاپ كەلگەن ئۆردەك بىلەن كۆرۈشۈپ ھال مۇڭ بولغان . ئۆردەك شۇ قېتىمدا ، ئۆزىنىڭ شەخسىي «ئېكىسپىدىتىسىيىسى» داۋامىدا بايقىغان قەبرىستانلىق ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن . بۇ ۋاقىتتا ئۆردەك 72 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، ئىلمىي تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر ئارىسالدى بولۇپ قالغان . ئەمما، سېۋىن ھېدىن شۋېتسىيلىك ئارخې'ئولوگ فولك بېرگمان باشچىلىقىدا بىر گۇرۇپپا ئادەمنى ئاشۇ قەبرىستانلىقنى ئىزدەشكە قالدۇرۇپ ، ئۆزى كۆنچى دەرياسىنىڭ كونا ئېقىنىغا قويۇلغان تارىم دەرياسىدا كېمە بىلەن لوپ كۆلىگە قاراپ يۈرۈپ كەتكەن.

ئۆردەك يول باشلىغان بۇ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەينى ۋاقىتتا قۇم دەريا ( كۆنچى دەرياسىنىڭ ئەسلىي ئېقىنى بولۇپ قۇرۇق دەريا دەپمۇ ئاتالغان ، 1921 – يىلى تارىم دەرياسى ئېقىن ئۆزگەرتىپ مۇشۇ ئېقىن بويىچە ئاققاندىن كېيىن ياقىنلىق كۆلدىن ئارغان تەرەپكە ئاققان بىر ئېقىن ( 120 كىلومېتىر كېلىدۇ)دىن ئېقىن ئايرىغان كىچىك مىرەننى بويلاپ ئىزدەشكە كىرىشكەن. ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەنلىكى ، بوران تەسىرىدە قۇم دۆۋىلىرىنىڭ يۆتكىلىپ تۇرىشى سەۋەبلىك قەبرىستانلىقنى تېپىش ناھايىتى قىيىنغا توختىغان . ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىدىكىلەرلا ئەمەس ، ھەتتا يول باشلاۋاتقان ئۆردەكنىڭ ئۆزىمۇ تەۋرىنىپ قالغان، لېكىن فولك بېرگمان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۇنىڭ بەزى گەپلىرىگە ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ ، قەبرىستانلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنگەن ھەمدە داۋاملىق ئىزدەشنى قارار قىلغان، ئۇلار شۇ ئەتراپتىكى چارۋىچىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، بۇ بىپايان قۇملۇقتا بىر ئايدىن ئارتۇق ئىزدەش ئارقىلىق ئاخىرى بۇ قەبرىستانلىقنى تاپقان. بۇ جەرياندا ئۇلار كىچىك مىرەن بويىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان ھەمدە ئاگايدىن بىر قانچىنى تاپقان . تېپىلغان بۇ ئىزنالار ئىچىدە ئۆردەك 1910- ، 1911 – يىللىرى بايقىغان ھەمدە 1934 – يىلى 5- ئايدا قايتىدىن تاپقان بۇ قەبرىستانلىق (ماقاتلىق) ناھايىتى مەشھۇر بولۇپ ، «ئۆردەك قەبرىستانلىقى»، «5- نومۇرلۇق قەبرىستانلىق» ، «كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى» دېگەندەك ناملاردا ئاتالغان.

كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى تېپىلغاندىن كېيىن ئارخې'ئولوگ فولك بېرگمان تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن ۋە ئازراق قېزىلغان. ئۇ قېزىش دوكلاتىدا مۇنداق دەپ يازغان: « دۆڭنىڭ يەر يۈزىدە ، بولۇپمۇ دۆڭنىڭ يان باغىرلىرىدا بىز بۇرۇن كۆرمىگەن ، ئەگرى – بۈگرى قېلىن تاختايلار بار ئىكەن . مەيلى نەگە بارمايلى ، ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ئۇۋۇلۇپ ياتقان ئادەم ئۇستىخانلىرى ، پارچىلىنىپ كەتكەن مۇمىيالار ۋە قېلىن يۇڭ توقۇلمىلارنىڭ پارچە – پۇرۇچلىرى ھەممىلا يەردە پۇتىمىزغا پۇتلىشىپ تۇرىدۇ . ..»

ئارخې'ئولوگ فولك بېرگمان شۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشىدىن مۇنداق خاتىرە يازغان : « دۆڭنىڭ پەس يېرىنىڭ كۆلىمى 70*35 مېتىر كېلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۇزۇن ئوقى شىمالنى بويلاپ 60 گرادۇسلۇق شەرق ، جەنۇب 60 گرادۇس يۆنىلىشىدە ، كۈچلۈك شامالنىڭ يۆنىلىشى بىلەن پاراللېل . دۆڭنىڭ غەربىي چېتىدە ئەگرى سىزىق بويىچە تىزىلغان بىر قۇر قاشا بار ، قاشانىڭ تۈۋرۈكلىرى بىر قەدەر ئىنچىكە ھەمدە ئانچە تۈزمۇ ئەمەس. دۆڭنىڭ ئۈستى تەرىپىدە سەل شەرققە يېقىن جايدا يەنە بىر قۇر قاشا بار بولۇپ ، بۇ قاشانىڭ تۈۋرۈكلىرى بىر قەدەر توم ، ئۇلارنىڭ ئۈستى تەرىپى بىردەك بىر خىل ئېگىزلىكتە تۇرىدۇ . قاشانىڭ ئوتتۇرىسى قۇمغا كۆمۈلۈپ كەتكەن. ... تۈۋرۈكنىڭ ئاستى تەرىپىدە تۈۋرۈكلەرنى ئۆسۈملۈكنىڭ پىششىق ئەۋرىشىم پوستى بىلەن پاراللېل بويىچە پۇختا باغلاپ تىك تۇرغۇزۇپ چېتىۋەتكەن . غەرب تەرەپتىكى پاكار قاشالار – روشەنكى قەبرىستانلىقنىڭ پاسىل چىتلىقى ئىكەن، لېكىن دۆڭلۈكنىڭ يانباغرىدىن كېسىپ ئۆتكەن چوڭ قاشالارنىڭ رولىنىڭ قانداقلىقى ئانچە ئېنىق ئەمەس. بەلكىم ، ئۇلار ئوخشىمايدىغان قەبرىستانلىقلارنى ئايرىپ تۇرۇش ئۈچۈن تۇرغۇزۇلغان بولۇشى مۇمكىن. چوڭ قاشانىڭ ئۇدۇل شەرقىي تەرىپىدىكى ئىختىيارىلا تۇرغۇزۇپ قويۇلغان خادا ياغاچلار بىر بىرىگە يېقىن تۇرىدۇ ، ھەممىسى دېگۈدەك ئىنتايىن ئېگىز بولۇپ ، ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 25. 4 مېتىر كېلىدۇ . تۈۋرۈكلەرنىڭ دى'ئامېتىرى ئومۇمەن ئوخشاش بولۇپ ، تەخمىنەن 25 سانتىمېتىر كېلىدۇ . ئۇلار بىردەك كۆپ قىرلىق ، 7 ~ 13 يۈزلۈك ئىكەن، تۈۋرۈكلەرنىڭ يېنىدىكى قۇملارنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ تېشىنىڭ قىزىل قىلىپ بويىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى . بۇ تۈۋرۈكلەرنىڭ بوشلۇقتا تۇرغان قىسمىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىپتۇ . ... ئەينى زاماندا كۆزنى چاقناتقۇدەك قىزىل رەڭگە چۆمگەندەك قىلىدۇ . كىشىلەر ياغاچتىن ياسالغان بۇ خاتىرە بۇيۇملارنى قىزىل رەڭدە بويىۋەتكەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ سېھىرگەرلىككە بولغان ئەيمىنىشى ئىستېتىكىغا بولغان ئىنتىلىشىگە قارىغاندا چوقۇم كۈچلۈك بولغان، قىزىل قاننىڭ رەڭگى ، يەنى ھاياتلىقنىڭ رەڭگى . بوياق ياساشقا ئىشلەتكەن خام ئەشيا – قىزىل ئوخرا (红赫石) ئىكەن.

چوڭ قاشانىڭ غەربىدىكى تۈۋرۈكلەر ئېگىزلىكى ، توم – ئىنچىكىلىكى ۋە شەكىل جەھەتلەردە ، شەرقىدىكىسىگە قارىغاندا ئۆلچەمسىزرەك ئىكەن . بەزى تۈۋرۈكلەرنىڭ دى'ئامېتىرى 50 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ . كۆپىنچە تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۇچى تۈۋىگە قارىغاندا ئىنچىكە ، ئىككى قىسىم ئارىلىقىدا روشەن ھالدا پەلەمپەيلىرى بار ... بۇ يەردىكى قىزىقارلىق بەلگە پالاق شەكىللىك خاتىرە بۇيۇم بولۇپ ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئەسلىي ئورنىدا تىك پېتى تۇرىدۇ ، بەزىلىرى تامامەن قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ كېتىپتۇ ، ئۇلاردىن باشقا 15 ئى دۆڭلۈكنىڭ يانباغرىغا چۈشۈپ قاپتۇ . ... پالاق شاخچىلىرىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ئادەتتە بىر نەچچە قۇر ئۆرۈش يۆنىلىشلىك نەقىش سىزىقى بىلەن ھاسىل قىلىنغان يوللۇق بېزەكلىرى بولىدۇ ، يوللۇق بېزەكلىرىمۇ قىزىل رەڭدە بويالغان. ... پالاق شەكىللىك بۇيۇملار بۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانلارنىڭ ھايات چېغىدا پالاق بىلەن كېمە ھەيدىگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ ... دۆڭلۈكنىڭ شەرقىي قىسمى تۈزلەڭلىككە ئوخشايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردە تىكلەنگەن خادا ياغاچتىن پەقەت بىرىلا بار ئىكەن . بۇ خادا ياغاچ – بىردىنبىر ئويۇق ئويۇلغان ياغاچ ھېسابلىنىدۇ ، ئويۇقنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن بىر سانتىمېتىر ، ھەر قايسى ئويۇقچىلار ئوخشاش كەڭلىكتە ئويۇلغان . بەلكىم، بۇرۇن ئوخشاش خادا ياغاچلار ئاشۇ يەرگە بىللە تىكلەنگەن بولۇشى مۇمكىن ، چۈنكى دۆڭلۈكنىڭ يانباغرىدا ئاشۇنداق ياغاچتىن 4 – 5 تېلى توغرىسىغا ياتىدۇ. ئۆردەكنىڭ ماڭا سۆزلەپ بېرىشىچە ، تەخمىنەن 20 يىل بۇرۇن بۇ يەرنى بىرىنچى قېتىم زىيارەت قىلغان چېغىدا ، دۆڭنىڭ تۈز يېرىدە بىر كەپە بار ئىكەن . ئۆينىڭ تېمى ۋە تورۇسى ياغاچتىن ياسالغانىكەن . ئۆگزىگە كالا تېرىسى ۋە سېغىز لاي ياپقانىكەن. ئۆينىڭ يەر يۈزىدە كالىنىڭ باش سۆڭىكى ۋە كالا تېرىسى جىق ئىكەن. ئۇ ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىنى بىر دەم كولىغانىكەن ، بىر جەسەت ساندۇقى چىقىپتۇ ، ئۇنىڭدا بىر ئايالنىڭ جەسىتى بار ئىكەن . ... ئۇ بەلكىم ئاشۇ قەبرىستانلىقتىكى ئەڭ مۇھىم قەبرە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ، ھازىر ئاران بىر نەچچە تال تاختايلىرىلا قاپتۇ . بۇ تاختايلار ۋە سۇنۇق ياغاچلاردا ، قىزىل قارا بويالغانلىق ئىزلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ... دۆڭلۈكنىڭ بۇ بىر بۆلىكىدە يەنە كالىنىڭ نۇرغۇن باش سۆڭەكلىرى چېچىلىپ ياتىدۇ . بىز ناھايىتى يېرىك ئۆسۈملۈك تالاسى بىلەن باغلاپ قويۇلغان قوچقار مۈڭگۈزلىرىنىمۇ بايقىدۇق ... بۇ قەبرىستانلىقتا 120 جەسەت ساندۇقى بار ئىكەن ... بىز ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا ، ئەسلىي ئورنىدا تۇرغانلىرىدىن ئاران سەككىزى قاپتىكەن. كىشى چۆچۈتكىدەك پاكىت شۇكى ، جەسەت ساندۇقلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئوپئوخشاش ئىكەن.... بۇ قەبرىستانلىقنى بىر قانچە ئەۋلاد كىشىلەر ئىشلەتكەن دەپ مۇ'ئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ...»

ئارخې'ئولوگ فولك بېرگماننىڭ ئارخې'ئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشى تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرۈش ھېسابلىنىدۇ . بۇ قەبرىستانلىق 1910 – يىللىرى ئەتراپىدا ئۆردەك تەرىپىدىن بايقالغاندىن كېيىن جاما'ئەتچىلىككە ئاشكارا بولغان . شۇ زاماندىكى چاقىلىقنىڭ ئامبىلى خەلققە سېلىق سېلىپ ، ئاسار ئەتىقە يىغدۇرغان ، كىشىلەر سېلىق ئورۇنداش ئۈچۈن قەدىمكى شەھەرلەر ۋە قەبرىلەرنى قېزىپ تېپىلغان نەرسىلەرنى تاپشۇرغان . ئالىملارنىڭ پەرەز قىلىشىچە ، 1910 – يىلىدىن 1930 – يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى شۇ زاماندىكى قازغۇچىلار تەرىپىدىن قېزىپ بىر قېتىم ۋەيران قىلىۋېتىلگەن .

ئارخې'ئولوگ فولك بېرگماننىڭ بۇ خارابىنى قايتىدىن تېپىش ، قېزىش جەريانى ئۇنىڭ 1939 – يىلى شۋېتسىيىنىڭ ستوكھولم شەھىرىدە نەشىر قىلىنغان «ئارچائەئولوگىكال رەسەئارچەس ئىن سىنكىئاڭ» ناملىق كىتابىدا ناھايىتى تەپسىلىي يېزىلغان ، تېپىلمىلارنىڭ تىزىملىكى ۋە مۇلاھىزىسى بېرىلگەن . بۇ كىتاب شۋېتسىيە سېۋىن ھېدىن فوندى جەمئىيىتىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن ، ۋاڭ ئەنخوڭنىڭ تەرجىمىسى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1997 – يىلى خەنزۇچە «新疆考古记» دېگەن نامدا نەشىر قىلىندى . ياسىن ئەيسا ئەپەندىنىڭ خەنزۇچە نەشرىدىن تەرجىمە قىلىشى بىلەن «شىنجاڭ ئارخې'ئولوگىيىسى» دېگەن نامدا 2000 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى ، تېخىمۇ تەپسىلىي بىلمەكچى بولغانلارنىڭ شۇ كىتابقا مۇراجەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

فولك بېرگمان كىتابىدا : « قەبرىستانلىقنىڭ كۆلىمى كىشىلەرنى ئۇنىڭ ئەتراپىدا بۇرۇنقى زامانلاردا يېزا بازارلار بولغان بولۇشى ، بەلكى ئۇلارنىڭ بىردىنبىر سۇ مەنبەسى كىچىك مىرەن بويىدا بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلدۇرىدۇ . بىراق ئۇ يەردە ھېچقانداق ئۆينىڭ ئىزى ئۇچرىمىدى . ئەلۋەتتە ، قۇملۇقنىڭ بۇ قىسمىدا ، بارخانلار زور كۆلەملىك يەرلەرنى بېسىپ كەتكەن ، شۇنىڭدەك بىر مۇنچە يەرلەردە كىچىك مىرەن بويىغىچە يېتىپ بارغان ، دېمەك بىرەر يېزا – كەنت ئەمەس ، بەلكى بىر قانچە يېزا شەھەرلەرمۇ قۇم ئاستىغا ئىزدېرەكسىز كۆمۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى . ۋەھالەنكى ، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، بايقالغان بارلىق كروران خارابىلىرى بىردەك ئاقما قۇملار ئاستىدا قالمىغان جايلاردىن تېپىلدى...» .

كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى 1934 – يىلى 5- ئايدا فولك بېرگمان ئەترىتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن (شەرقىي قاشا ئەتراپىدىن جەمئىي 12 قەبرىنى قېزىپ تەكشۈرگەن) ، ئىلىم دۇنياسى گەرچە فولك بېرگماننىڭ كىتابىدىن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ قايتىدىن تېپىلىشى بېرگماننىڭ يۇقىرىقى كىتابىنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىشىدىن كېيىن بولغان. 1979 – يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ياپونىيە نھك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىكتە سۈرەتكە ئالغان «يىپەك يولى» پروگرامما گۇرۇپپىسى ، مۇشۇ گۇرۇپپىدىكى شىنجاڭ ئارخې'ئولوگلىرى ۋاڭ بىنخۇئا ئەپەندى ۋە مۇ شۈنيىڭ خانىملار بىلەن بىرلىكتە ئىزدىگەن بولسىمۇ ، كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىنى تاپالمىغان. 1980 – يىلى ئېلىمىز ئارخې'ئولوگلىرى لوپ قۇملۇقىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىمۇ بۇ قەبرىستانلىقنى تاپالمىغان.

2000 – يىلى شىنجاڭ ئارخې'ئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىن ئارخې'ئولوگ ۋاڭ بىنخۇئا قاتارلىق ئارخې'ئولوگلار ۋە سىن ئالغۇچىلار تەشكىللەنگەن 10 كىشىلىك گۇرۇپپا (شېنجېن داتاڭ كىنو – تېلېۋىزىيە شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭگو غەربىي يۇرتتىكى قۇملۇققا سەپەر» سىن ئېلىش گۇرۇپپىسى) فولك بېرگماننىڭ كىتابىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، سۈنئىي ھەمرا ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى (گپس) نىڭ ياردىمىدە ئىزدەپ بەشىنچى كۈنى ئاندىن ئاران تاپقان .

2002 – يىلى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىق ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، شىنجاڭ ئارخې'ئولوگىيە تەتقىقات ئورنى تەشكىللىگەن گۇرۇپپا ئارخې'ئولوگ ئىدرىس ئابدۇرۇسۇلنىڭ باشچىلىقىدا كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىغا كىرىپ تەكشۈرۈپ (شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 25 – كۈنى تىكەنلىكتىن يولغا چىققان ، ئارغاندا تارىم دەرياسى ئېقىنىدىن ئۆتۈپ شىمالغا قاراپ ماڭغان ، ماشىنا بىلەن يۈرۈشكە ئىمكان بولمىغانلىقتىن بىر قىسىم كىشىلەر 6. 15 كىلومېتىر يولنى پىيادە مېڭىپ 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىغا يېتىپ بارغان . 12 – ئاينىڭ 30 – كۈنى پۈتۈن ئەترەت كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىغا يىغىلىپ تەكشۈرۈش ، قېزىش ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىۋەتكەن)، قېزىش ئېلىپ بېرىلغان، بۇ قېتىمدا غەربىي قاشاغا يېقىن تۆت قەبرە قېزىلغان (بۇ قېتىمقى قېزىش دوكلاتى ئېلان قىلىندى). بۇ قېتىم ئارخې'ئولوگلار تەكشۈرۈشكە كەلگەندە، كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىدا 140 خادا تىكلەكلىك تۇرغان، خادىلارنىڭ كۆپ قىسمى قەبرە يۈزىدىن 2 ~ 4 مېتىرغىچە ئېگىز ئىدى. بۇقېتىم ئارخې'ئولوگىيە گۇرۇپپىسى كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىغا بارغاندا، قەبرىستانلىقنىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدىكى يۈزدىن ئارتۇق قەبرە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ئىلىم ساھەسىنىلا ئەمەس كەڭ خەلقنى ئېچىندۇردى.

دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 2003 – يىلى 10 – ئايدىكى تەستىقى بىلەن، شىنجاڭ ئارخې'ئولوگىيە تەتقىقات ئورنى ئىدرىس ئابدۇرۇسۇلنىڭ باشچىلىقىدا ، شۇ يىلى 12 – ئايدىن باشلاپ كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش تۈرىنى يولغا قويغان ۋە 2004 – يىلى 3- ئايغىچە جەمئىي 33 قەبرىنى قازغان ۋە كىچىل مىرەن بويىدىن 22 ئىزنانى تەكشۈرگەن. بۇ قېتىم ئۈچ ئاي قازغاندىن كېيىن ئەتىياز كېلىپ قالغانلىقتىن ، قەبرىستانلىقنى ساقلاشقا ئادەم قويۇپ قايتىپ چىققان .

دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2004 – يىلى 9 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن 2005 – يىلى 3 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىدرىس ئابدۇرۇسۇلنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، شىنجاڭ ئارخې'ئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بىلەن جىلىن ئۇنىۋېرستېتى چېگرا رايون ئارخې'ئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىپ قېزىش، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە بۇ تۈرنى غەلىبىلىك تاماملىغان، بۇ قېتىم 130 قەبرىنى قازغان. مۇشۇ قېزىشلاردا جەمئىي تۆت يىل قېزىش ئېلىپ بارغان بولۇپ ئارخېلوگلارنىڭ قەبرىستانلىقتا ئىخزمەت قىلغان 10 ئايغا يېقىنلاشقان، بۇ جەرياندا 167 قەبرە قېزىلغان بولۇپ، تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى مىڭ دانىدىن ئاشىدۇ.

2005 – يىلى 4- ئاينىڭ 17 – كۈنى ئېلان قىلىنغان، دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان ، جۇڭگو ئارخې'ئولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە «جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» گېزىتى ھەمكارلىشىپ باشقۇرغان، 2004 – يىللىق «جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئارخې'ئولوگىيىلىك يېڭى بايقاش»تا، كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى شۇ يىللىق يېڭى باياقاشنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

2008 – يىلى 12 – ئايدا ئېلىمىزنىڭ 29 ئاكادېمىك ، ئالىملىرىدىن تەشكىللەنگەن لوپ كۆلىنى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىنىڭ 65. 6 كىلومېتىر غەربىي شىمالىدىن قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئىزىنى بايقىغان. بۇ خارابىگە ئالدى بىلەن سۈنئىي ھەمرا يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلىنغان ( كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدەل شەكىللىك خارابە ئىزى پەرق ئېتىلگەن) ھەمدە ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەرەپ ئۇزۇنلۇقى 200 مېتىر ، قىسقا تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 180 مېتىر كېلىدىغان خارابە تېپىلغان . ئالىملار بۇ ئىزغا «4- نومۇرلۇق خارابە» دەپ نام بەردى ۋە يىل دەۋرىنى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3 – ئەسىردىن مىلادىيە 4 – ئەسىرگىچە (خەن – جىن دەۋرى) دەپ بېكىتتى . بۇ خارابىنىڭ كۆلىمى 40 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، بىر بۆلۈك تام ئۇلى ساقلىنىپ قالغان ، بىر بۆلۈك جايلىرى قۇم تېگىدە قالغان ئىكەن. بۇ خارابىدىن تۈگمەن تېشى ، ۋۇجۇ يارمىقى ، ئۇرچۇق (纺锤)، ساپال پارچىلىرى قاتارلىق نەرسىلەر تېپىلغان. بۇ خارابە مۇشۇ رايونىدىكى يەر يۈزىدىن تېپىلغان بىردىنبىر خارابە بولۇپ ، خۇددى فولك بېگمان ئېيتقاندەك، بەزى خارابىلەر قۇم تېگىدە قالغان بولۇشى مۇمكىن . مانا بۇ خارابە كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىنىڭ ئەتراپىدا ئەسلىدىنلا ئولتۇراق ئاھالىلەر بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىپ قالماي ، كروران شەھىرى بىلەن ئوخشاش دەۋردە گۈللىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئېلىمىز ئارخې'ئولوگلىرىنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا ، كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى بەش قەۋەت قەبرىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، قەبرىستانلىق جايلاشقان قۇم دۆۋىسى سىرتتىن قارىماققا ئېللىپس شەكلىدە ، قۇم دۆۋىسى يەر يۈزىدىن 75. 7 مېتىر ئېگىز تۇرىدۇ ، كۆلىمى 2500 كۋادرات مېتىر (74*35 مېتىر) . قېزىشتىن بۇرۇن قۇم دۆۋىسىدە ھەر خىل ئۆلچەمدىكى خادا ياغاچتىن 140 تىن ئارتۇق تىكلەكلىك تۇرغان. قەبرىستانلىق شەرقىي ۋە غەربىي چەتلىرىدىن قاشالىنىش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرىسىدىن ياغاچ بىلەن شەرقىي قىسىم ۋە غەربىي قىسىم قىلىپ ئىككى رايونغا ئايرىلغان.

ئېلىمىز ئارخې'ئولوگلىرىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىدا تىكلەنگەن خادىلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 ~ 4 مېتىر ، خادىلارنىڭ دى'ئامېتىرى 20 سانتىمېتىردىن يۇقىرى بولۇپ ئالتە قىرلىقتىن 20 قىرلىققىچە. قەبرىستانلىقتىكى خادىلار يۇمىلاق ، قىرلىق ، پالاقسىمان بولۇپ 140 تىن ئارتۇق ، ياغاچلارنىڭ قىرلىقلىرىنىڭ توققۇز قىرلىقى بىر قەدەر كۆپرەك. ئۆلگۈچىنىڭ باش ۋە ئاياق تەرىپىگە بىردىن خادا قادالغان. ئەر جەسەتنىڭ بېشىغا پالاقسىمان ، ئايال جەسەتلەرنىڭ بېشىغا زەكەرسىمان خادا تىكلەنگەن . بەزى كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خادىلار جىنسقا تېۋىنىشنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ئەرلەرنىڭ بېشىغا تىكلەنگەن پالاقسىمان خادا تىلاق ( ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسى، پالاقسىمان بېشى قارا رەڭدە ، دەستىسى قىزىل رەڭدە بويالغان)قا ، ئايال جەسەتلەرنىڭ باش تەرىپىگە قادالغىنى زەكەر (ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسى،قىزىل رەڭدە بويالغان ۋە يۇڭ يىپتىن ئازراق ئورالغان)گە تەقلىد قىلىنغان ئىكەن. جىنسقا تېۋىنىش مەسىلىسىدە قۇتۇبى ناھىيىسىنىڭ كاڭجازى دېگەن يەردىكى قىيا تاش رەسىملىرىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. فولك بېرگمان ئاياللارنىڭ باش تەرىپىگە قادالغان خادىلارغا دىققەت قىلمىدىمۇ ياكى ئادەتتىكى ياغاچ سۈپىتىدە قارىدىمۇ ، پالاقسىمان خادىلارنى ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا ئىشلەتكەن پالاققا تەقلىد قىلىنغان، دەپ قارىغان. جەسەتلەر توغراقتىن ئويۇلغان ئۇلاققا [() شەكلىدە] دەپنە قىلىنغان ۋە كالا تېرىسى بىلەن قاپلانغان. قەبرىستاننىڭ شەرقىي تەرىپى دى'ئامېتىرى 25 سانتىمېتىر ئەتراپىدىكى 67 تال بادرا بىلەن ، غەربىي قاشاسى 62 تال 8 ~20 سانتىمېتىرغىچە بولغان بادىرا بىلەن قاشالانغان.

ئېلىمىز ئارخې'ئولوگلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا ، كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى جايلاشقان قۇم دۆۋىسى تۇخۇمسىمان بولۇپ ، باشتا تۆۋەن قەۋەتتىكى قەبرىلەر ئەسلىدىكى قۇم دۆۋىسىگە دەپنە قىلىنغان. كېيىنكى قەبرىلەر سۈنئىي دۆۋە ياساش ئارقىلىق دەپنە قىلىنغان ، كېيىنچە شامالنىڭ قۇم دۆۋىلىشى بىلەن تېخىمۇ ئېگىزلەپ كەتكەن. قەبرىستانلىقنىڭ جەنۇبىي قىسمى بىر قەدەر ياخشى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ تەكشۈرۈلىشىچە قەبىرىلەر بەش قەۋەت ئىكەن. بەشىنچى قەۋەت ( ئەڭ تەكتى) مازارلىق ھاسىل بولغاندىن كېيىن ، جەنۇب – شىمال ئىككى تەرىپىگە بىر قۇردىن رەتلىك ياغاچ قاشا تىكلەنگەن. جەنۇبىي تەرەپتىكى قاتار ياغاچ جەنۇبىي رايوننىڭ قاشاسى ، شىمالىي تەرەپتىكى قاتار ياغاچ شىمالىي رايوننىڭ قاشاسى بولغان. ياغاچ قاشالار تىكلەنگەندىن كېيىن قەبرىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، قەبرىستانلىق جەنۇب ۋە شىمال ئىككى رايونغا ئايرىلغان. جەنۇبىي رايوندا جەمئىي 139 قەبرە بولۇپ ، ئەڭ تەكتىدىكى قەۋەتتىن باشقىلىرى ( قالغان تۆت قەۋەت) ، سۈنئىي قۇم دۆۋىسى قىلىش ئارقىلىق كۆمۈلگەن. ئۈستىدىن ئاستىغا قاراپ سانىغاندا 1 – قەۋەتتىن 3 – قەۋەتكىچە بولغان قەبرىلەرنىڭ ئارىلىقلىرى كىچىك . تېپىلمىلارغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلغاندا 1 – قەۋەت ( ئۈستىدىن ئاستىغا)تىن 3 – قەۋەتكىچە بولغان قەبىرىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى يېقىنلىشىدۇ . ئەڭ تەكتىدىكى ئىككى قەۋەتنىڭ ئالاھىدىلىكى بىردەك ، يۇقارقى ئىككى گۇرۇپپا قەبرىلەر ئارىسىدىكى ئالاھىدىلىكلەردە روشەن پەرقلەر بار. شىمالىي رايوندىكى قەبرىلەر شەرقىي شىمال بورىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بۇزۇلۇپ كەتكەن ، ئەڭ ئۈستىنكى قەۋىتى ئاساسەن ساقلىنىپ قالمىغان. شىمالىي رايوندا پەقەت 28 قەبرە ساقلىنىپ قالغان بولۇپ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن جەنۇبىي رايوننىڭ ئەڭ تەكتىدىكى ئىككى قەۋىتىگە يېقىنلىشىدۇ. بۇ قېتىم تەكشۈرۈلگەن 167 قەبرىدىن 20 گە يېقىنى ئۆسمۈرلەرنىڭ قەبرىلىرىدۇر. جەسەتلەرنىڭ بېشى شەرققە قارىتىلىپ بەدىنى رۇش دەپنە قىلىنغان. جەسەتنىڭ بېشىدا يۇڭ قالپاق ، قالپاقلارنىڭ كۆپىگە قىزىل يۇڭ يىپ يۆگەلگەن ، پەي قادالغان ، پۇتىدا قىسقا ئۆتۈك ، بېلىدە بەلباغ ، بەدىنى يۇڭ پالازدا ئورالغان ھالەتتە.

3.كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى ۋە ئۇنىڭ يىل دەۋرى

كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىدا جەمئىي 330 دىن ئارتۇق قەبرە بولۇپ ئېلىمىز ئارخې'ئولوگلىرى 167 قەبرىگە نومۇر قويۇپ رەتلىگەن ، بۇلاردىن 163 قەبرىنى قېزىپ تەكشۈرگەن . بۇنىڭدىن سىرت 160 قا يېقىن قەبرە كېپەن ئوغرىلىرى تەرىپىدىن بۇزۇۋېتىلگەن. ئارخې'ئولوگلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ قەبرىستانلىقتىكى ئەڭ بۇرۇنقى قەبرىلەرنى مىلادىيەدىن 2000 يىللار ئىلگىرى يەنى ھازىرقى دەۋردىن 4000 يىللار ئىلگىرىكى دەۋرنىڭ ئىزناسى ، برونزا قوراللار دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ قەبرىلىرى دەپ ھۆكۈم چىقارغان. ئارخې'ئولوگ ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل 2004 – يىلى كۈزدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ يىل دەۋرى «كروران گۈزىلى»نىڭ دەۋرىدىن بالدۇر دېگەن ئىدى . ئېلىمىز ئارخې'ئولوگلىرى «كروران گۈزىلى»نى مۇندىن 3800 يىللار بۇرۇنقى جەسەت دەپ بېكىتكەن. مانا مۇشۇ ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىغا كۆمۈلگەن ئەڭ بۇرۇنقى جەسەتلەر مۇندىن 4000 يىللار بۇرۇنقى تارىخنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ. مۇشۇ ئارخې'ئولگىيە گۇرۇپپىسىنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان «لوپ كۆلى كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىدىكى ئارخې'ئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم ھاسىلاتلار» («تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» 2005 – يىللىق خەنزۇچە 1 – سان) دېگەن ماقالىدە «كاربون 14 تەجرىسىدىن بېكىتىلىشىچە ، قەدىمكى قەبرىستانلىق جىلغانىڭ يىل دەۋرى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2000 – يىللارنىڭ بېشىغا توغرا كېلىدۇ ، كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىنىڭ يۇقۇرى چېكى قەدىمكى قەبرىستانلىق جىلغانىڭ دەۋرىدىن بۇرۇن بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن ، ئۇنىڭ ئاخىرقى چېكى قەدىمكى قەبرىستانلىق جخلغا بىلەن بىر دەۋرگە توغرا كېلىدۇ...» دەپ يازغان. بۇ قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان جەسەتلەرنى ئىنسانشۇناسلىق بويىچە تەكشۈرۈش ، جۈملىدىن زامانىۋىي تېخنىكا دنا ئارقىلىق ئىرقىي تىپى ، كەلگەن يېرى ۋە ھازىرقى ئاھالىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كەلگۈسىدە ئېنىقلىنىدىغان مۇھىم خىزمەتلەردۇر.

4. قەبرىستانلىقنىڭ نامى ھەققىدە

ئۆردەك بۇ قەبرىستانلىقنى بايقىغاندا بۇ جاينىڭ نامى ئېنىق بولمىغان. فولك بېرگماننىڭ خەرىتىسىگە قارىغاندا ، مۇشۇ رايون بىلەن مۇناسىۋەتلىك جاي ناملىرىدىن پەقەت قۇمكۆل ، ياقىنلىقكۆل، پاتالىقكۆل ، قوش يايلاق دېگەن بىرقانچىلا نام بولغان . شۇ ۋاقىتتا كۆنچى دەرياسىدىن ئارغانغا قاراپ ئاققان بۇ دەريانىڭ نامىنى ئۇلار بىلەن بىرگە بارغانلار ئۇقمىغانلىقتىن «كىچىك دەريا» (小河) دەپ ئېلىنغان، قەبرە ئىزنالارنىڭ تېپىلىش تەرتىپى بويىچە كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى «5- نومۇرلۇق قەبرىستانلىق» دەپ ئاتىلىش بىلەن بىرگە «ئۆردەك قەبرىستانلىقى» دەپمۇ ئاتالغان. ياسىن ئەيسا ئەپەندى فولك بېرگماننىڭ كىتابىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندا كىچىك مىرەننى «ئۆستەڭ» دەپ تەرجىمە قىلغان ئىكەن. ئەمما ماتېرىياللارغا قارىغاندا ، كىچىك مىرەن ئۆستەڭ ئەمەس (ئۆستەڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئىنسانلارنىڭ قېزىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ) ، ئىككىنچىدىن بىر ئېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل ئاتاشنى مۇۋاپىق دەپ قارىمىدۇق . 2000 – يىلى بۇ قەبرىستانلىق قايتا تېپىلغاندىن كېيىن ئاخبارات ساھەسى بۇ ھەقتە كۆپ خەۋەر بەردى ، قەبرىستانلىق خەنزۇچە مەنبەلەردە 小河墓地 دېگەن نامدا مەشھۇر بولدى . شۇ ۋاقىتتا «شىنجاڭ گېزىتى» مۇشۇ نام «كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى» دەپ تەرجىمە قىلىندى. بۇ ئاتالغۇدا قوللىنىلغان «مىرەن» سۆزلىمى تۈركىي ۋە موڭغۇل خەلقلىرى تەرىپىدىن قوللىنىلغان لېكسىكا بولۇپ «دەريا» دېگەن مەنىدە ئىدى . بۇ خارابىنىڭ كروران مەدەنىيىتى دا'ئىرىگە تەۋەلىكى ، چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە يەنە «مىرەن» ناملانغان بوستانلىقنىڭ بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ماس كەلگەنلىكى ئۈچۈن، «كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى» دېگەن نام بىر قەدەر مۇۋاپىق بولغان ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ماتېرىياللاردا كەڭ تۈردە قوللىنىلماقتا.